رابىيە قادىر : ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «گۇناھى» ئۇنىڭ خەلقىمىز قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىىدۇر

مەن بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ۋە ئۆزۈم بىلىدىغان ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن، ئالىمىمىز، شائىرىمىز ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭمۇ تۇتۇلغانلىقىنى ، 80 كۈندىن بېرى ، ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى ئاڭلىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە بىز  ئۈچۈن ئەجەبلىنەرلىك بىر خەۋەر ئەمەس؛ ئەمما ھەر قېتىم قىممەتلىك سەركىلىرىمىزدىن بىرى تۇتۇلغاندا، تۇتۇلۇشىغا نېمە سەۋەب بولغاندۇ ؟ ياكى نېمە باھانە بولغاندۇ دېگەن سوئال كاللىمىزغا كېلىدۇ.
ئابدۇقادىر جالالىدىن بىر نەچچە قېتىم چەتئەلگە چىققان، ھەر قېتىمىدا ، چەتئەلدە قېلىپ ياشاش پۇرسىتى بار بولسىمۇ، شۇنداقلا خىتاينىڭ بىر كۈنلەردە خۇددى بۈگۈنكىدەك بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈش خەۋپىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكى ۋە تالانتىنى نەزەردە تۇتتى بولغاي، ۋەتەنگە قايتىپ، خەلقىمىزگە خەلقىمىزنىڭ قوينىدا خىزمەت قىلىش يولىنى تاللىغان، ئالىم ئابدۇقادىر جالالىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەيلىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، خەلقىمىز ئۈچۈن مۇمكىن قەدەر كۆپرەك خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە، چەتئەل زىيارەتلىرىدە ۋە زىيارەت خاتىرىلىرىدە خىتايغا قارشى گەپ-سۆزلەردىن پۈتۈنلەي ساقلانغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ يەنىلا بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈشى قىسمىتىدىن ساقلىنالمىغان. بۇ قىسمەت بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا قىممەتلىك زىيالىيمىز يالقۇن روزىنىڭمۇ بېشىغا كەلگەن ئىدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ، يالقۇن روزىمۇ سىياسەتكە ئاكتىپ ئارىلاشمىغان بىلەن ئىلمىي ساھەدە ھەقنى سۆزلىگەن ، ئادالەتنى ياقىلىغان، خەلقىمىزگە نىجاتلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، بۇ ئەمگىكى سەۋەبىدىن خەلقىمىزنىڭ قەلب تورىدىن ئورۇن ئالغان. خەلقىمىز ئۇلارنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدە ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بۈگۈن قاماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئابدۇقادىر جالالىدىننى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممەتلىك بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىزگە يەنە بىر قېتىم تونۇتتى. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدى بىلەن ئالىمىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئاللادىن ئامان-ئېسەنلىك تىلەيمەن،ئاندىن ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا سەۋر ۋە غەيرەت تىلەيمەن؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتچىرىلىمىزنى يېپىق تەربىيە لاگېرىغا سولانغان ھەر ساھە سەركىلىرىمىز قاتارىدا، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەھۋالىنى دۇنيا جامائىتىگە كەڭ تونۇتۇشقا دەۋەت قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن :  رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*