خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە نامايىش ئۇقتۇرىشى

ئەسسالا-مۇئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار:
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) ۋە توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى (Tom Lantos Foundation for Human Rights and Justice) ئورگىنى بىرلىكتە، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە ھەلقارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن 2018-يىلى، 4-ئاينىڭ 19-كۈنى (پەيشەنبە كۈنى)، چۈشتىن ئاۋۋال سائەت 00 :am  11 دە، ۋاشىڭتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۇتىۋەلىش يىغىنى ۋە نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.

بۇ قېتىمقى مۇھىم پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ۋە توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى ئورگىنى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىللىرىگە كۆڭۈل بولىدىغان ئورگانلارنىڭ ئەربابلىرى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك مەسىلىسى: بىر مىليون شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ بىگۇناھ ھالدا ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش» مەركەزلىرىدە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالىنى، ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

شۇڭا بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئاتالمىش ‘تەربىيىلەش ئورۇنلىرىغا’ تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ياكى غايىب بولۇپ كەتكەن ۋەتەنداشلار، بولسا شۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى، ئۆزلىرىدە بار بولغان ئۇچۇرلىرىنى چوڭ رەسىملىك تاختاي شەكلىدە كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۆزلىرى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك خادىملارگە ئەھۋالىنى چۈشەندۈرسە، ۋە ھەتتا خىتاي كونسۇلىغا بىۋاسىتە شۇ كۈنى ئۇ ماتېرىياللارنى سۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىگۇناھ سولانغان تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ۋە سورىغىنى قىلسا.

قەدىرلىك ۋەتەنداشلار، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا، سۈكۈت بىلەن، بوي سۇنۇش، «ئۆزگىرىپ قالامدىكىن، رەھىم قىلىپ قالارمىكىن» دېگەن ئۈمىد بىلەن ياشاپ كەلگەن بەزى خەلقىمىزنىڭمۇ ھازىر ئۈمىدلىرى كۆپۈككە ئايلاندى. خىتاي مۇستەملىكىسىدە بىزنىڭ ‘ئۇيغۇر’ بولۇپ تۇرۇشىمىزنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. دېمەك قامالغان بىر مىليون ئۇيغۇر پەقەت ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن، بىگۇناھ زۇلۇم چېكىشكە مەھكۇم بولدى. شۇڭا ئەمدى بۇ بىزنىڭ ئويغىنىش ۋە بىرلىك ئىتتىپاقلىق بىلەن خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈننى ئەينەن ئالەمگە تونۇتىدىغان ۋاقىت كەلدى.

شۇڭا ھەر بىر ۋەتەنداشلىرىمىزنى جاسارەتلىك بولۇپ، ئوز مىللىتى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىپ بۇ مۇھىم يىغىلىشقا تولۇق ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە بىلەن قاتنىشىشقا چاقىرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن،

UHRP/UAA ۋە IUHRDF   ئىدارە ھەيئىتى

پائالىيەت ئورنى ۋە ۋاقتى:

ئورنى: ۋاشىنگىتون د.س. خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا
ئادرېس:  3505 International Pl NW
Washington D.C.

ۋاقتى:    2018-يىلى، 4-ئاينىڭ 19-كۇنى پەيشەنبە ، سائەت 00 :am  11 دە

مەنبە: ئۇيغۇر ئامرېكا بىرلەشمىسى مۇنبىرى

Leave a Comment

*

*