ئاقسۇدا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى كېسىلگەن، 13 نەپىرى تەربىيەلەشتە

2016-يىلى سېنتەبىردە ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە كېلىپ تۇرۇپ قالغان ئەركىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر يېقىندا ئەركىن ئاسىيا  رادىيوسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۇرتى ئاقسۇدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئالاقىلىشەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئەمما بىر ئاي ئىلگىرى، ئۈندىدار ئارقىلىق ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن تونۇش-بىلىشلىرى ئارقىلىق 2017-يىلى بىر يىل ئىچىدىلا ئۆزىنىڭ جەمەتىدىن 17 نەپەر يېقىن ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇر مەلۇماتلارنى يىغقانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە ئۇ ۋەتىنىدىن چىقىشتا تاموژنىدا بىرەر ئاۋارىچىلىككە ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ كىملىك سۈرەتلىرىنى ساقلىۋالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى، تۇتۇلغان ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن بىزنى تەمىن ئېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىننىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئارىسىدىن 2017-يىلى ئىچىدە كېسىلگەن كىشى تۆتكە ۋە «تەربىيەلەش» تە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانى 13 كە يەتكەن.

ئەركىن ئەپەندى: «بىز سەككىز قېرىنداش ئىدۇق، مەن چەتئەلدە، يۇرتتىكى ئەڭ چوڭ ئاكامدىن باشقا تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۈرمىدە ئىكەن» دەپ سۆزىنى باشلىدى. ئۇنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ئۇنىڭ جازاغا ئۇچرىغان بىۋاسىتە تۇغقانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئابدۇرېشىت تۇردى، (ئۇنىڭ ئىككىنچى ئاكىسى) ئاقسۇ شەھىرىدىن، قىزىل كۆۋرۈك كوچا ئىش باشقارمىسى تەۋەلىكىدە، 52 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، كەسپى يۇڭ-تېرە سودىگىرى. ئۇنىڭ تۇتۇلغان ۋاقتى 2017يىلى 5-ئاي، ئۇ 16يىل كېسىلگەن. ئۇنىڭ ئايالى ھۆرنىساخان ئوسمان، ئوغۇللىرى ئېرشات ئابدۇرېشىت بىلەن ئېرپان ئابدۇرېشىت يېپىق تەربىيەلەشتە.

ئەخمەت تۇردى(ئۈچىنچى ئاكىسى )ئاقسۇ شەھىرىدىن، قىزىل كۆۋرۈك كوچا ئىش باشقارمىسى تەۋەلىكىدە، 47 ياش ئەتراپىدا، كەسپى يۇڭ-تېرە سودىگىرى، تۇتۇلغان ۋاقتى 2017-يىلى، 7-ئاي، 7 يىل كېسىلگەن. بۇنىڭ بىر كۈيئوغلى يېپىق تەربىيەلەشتە.

ئامانگۈل ئايدەك(ئەركىننىڭ جىيەن سىڭلىسى) ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسى باغۋەن مەھەللىسىدىن، لەڭپۇڭ ۋە راڭپىزا سېتىپ جاھاندارچىلىق قىلىدۇ، 37 ياش ئەتراپىدا. 2017-يىلى، 6-ئايدا تۇتۇلغان، 21يىل كېسىلگەن.
بۇنىڭ يولدىشى ئابدۇقادىر بىلەن ئىنىسى ئابدۇئېزىز ياسىن يېپىق تەربىيەلەشتە.

مۇختەرجان(جىيەن كۈيئوغۇل)ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزا يۇقىرىقى يۇرچى كەنت 5-گۇرۇپپىدىن، كەسپى رېمونتچى 2017-يىلى، 4-ئايدا تۇتۇلۇپ 7يىل كېسىلگەن.

ئايتۆرەم تۇردى(ئىككىنچى ئاچىسى) 2017-يىلى، 11-ئايدا، ئۇنىڭ ئوغلى يۈسۈپجان توقسۇن 2017-يىلى، 4-ئايدا يېپىق تەربىيەلەشكە ئەكىرىپ كېتىلگەن.

دىلمۇرات ئەمەر(جىيەن ئىنىسى) 2017-يىلى، 11-ئايدا يېپىق تەربىيەلەشكە ئەكىرىپ كېتىلگەن.

نۇرنىسا تۇردى(تۆتىنچى ئاچىسى)، قىزى شەھىدە ئىمىن، ئوغلى ئەلتېكىن ئىمىن، يولدىشى ئەمەرجان قاتارلىق بىر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى 2017-يىلى، 5-ئاي ئەتراپىدا يېپىق تەربىيەلەشكە ئەكىرىپ كېتىلگەن.

ئەركىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۇتقۇنغا ئۇچراپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئېلىپ كېتىلگەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بەزىلىرى، ساقال قويغانلىقى، بەزىلىرى ئۆيىدىن دىنىي كىتاب-ماتېرىيال چىققانلىقى، بەزىلىرىنىڭ تېلېفونلىرىدىن دىنغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر تېپىلغانلىقى سەۋەبلىك جازالانغان.

ئەركىن ھەممىدىن ئېغىر كېسىلگەن جىيەن سىڭلىسى ئامانگۈلگە ئېچىنىۋاتقان بولۇپ، ئامانگۈل، 2015-يىلى تېلېفونىدا دىنغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسىنى ساقلىغانلىقى سەۋەبى بىلەن تۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن جىنايىتى ئەيىبلەشكە توشمىغان بولغاچقا قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما بۇ يىل قايتا تۇتۇلۇپ 21 كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. ئەركىن يەنە ئۆزىنىڭ جەمەتىدىكى چوڭلارنىڭ ھەممىسى تۇتقۇنغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، يېشى كىچىك نەۋرىلەرنىڭ تەقدىرىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز ئەركىن بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئاقسۇ شەھەر قۇمباش يېزىلىق ساقچىخانا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئامانگۈل ۋە باشقىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئەمما دائىرىلەر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئەركىن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مۇنداق كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلغاندىن سىرت يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق ئوخشاشلا جازالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىر ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇ خىل قىيىن ئەھۋالى ۋە ھايات بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭمۇ خاتىرجەملىكى بۇزۇلۇپ ۋە ئازابلىنىپ، بەختسىزلىك كەيپىياتىغا چۆمگەنلىكىنى ئەسكەرتتى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ بۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*