رابىيە قادىر خانىم: كىشىلىك ھۇقۇقنى قوغداش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى!

كىشىلىك ھۇقۇق، بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىدا تىرىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ياشاش مىزانى سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىنىپ، دېموكراتىك جەمئىيەتلەردىكى  ئىدىيىۋى  ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

   1776 – يىلى ئامېرىكادا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ياراتقۇچى ئاتا قىلغان، باشقىلار دەخلى قىلالماسلىقى كېرەك دەپ قارالغان بەزى ھوقۇقلىرىنىڭ بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. ئۇنىڭدىن  30 يىل كېيىن فىرانسىيەدىمۇ » ئىنسانى ھوقۇق» ئېلان قىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشىدىن ئەركىن ۋە تەڭ ھوقۇقلۇق بۇلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ئىدى.

 1948 – يىل 10- دېكابىر كۈنى،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ » پۈتكۈل ئىنسانىيەت تۇغۇلۇشىدىن ئەركىن، شۇنداقلا ھەق- ھوقۇق ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى جەھەتتە باراۋەردۇر» دەپ بىلدۈرگەن،  ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى جەھەتتە باراۋەر ئىكەنلىكى، بۇ پەقەت مەلۇم دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئورتاق، ھەر ۋاقىت ھەر يەردە تەتبىقلىنىشقا تىگىشىشلىك ئۇنىۋېرسال پرىنسىپ ئىكەنلىكى شەرھلەنگەن. بۇ خىتابنامىگە ئىمزا قويغان  58 ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا خىتايمۇ بار ئىدى. خىتاي ھۆكىمىتى گەرچە كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن بۇ ئىمزانى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ،   كېيىنكى يىللاردا   كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە كېلىشىمنامىلەرگە ئىمزا قويغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق بەزى دۆلەتلەردە ئىجرا قىلىنىۋاتقان قانۇنى تۈزۈم شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەڭ ئەقەللىي بىر ئەخلاقى مىزان شەكىلدە ئورتاق قوبۇل قىلىنىشى كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقانلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلاردۇر.   خىتاي كىشىلىك ھوقۇق  قانۇنىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ۋە بۇرمىلايدۇ.  خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قانۇنىغا زىت ھالدا،  كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسى ھوقۇق بولغان » خالىغانچە ئۆلتۈرۈلۈش، تۇتقۇن قىلىنىش، غايىب قىلىنىشتىن خالى ياشاش ئەركىنلىكى»گە خىلاپلىق قىلىپ، ھەتتا بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈش دېگەندەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولۇۋاتىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا  خىتاي »  كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» گە قويغان ئىمزاسىنى كېيىن ھاكىمىيەت ئالماشقانلىقىنى پەش قىلىپ ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، كېيىن ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بۇلۇپ كىرىپ، كىشىلىك ھۇقۇق خىتابنامىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى ئوز پايدىسى ئۈچۈن كوزىر قىلىپ قوللىنىپ كەلدى. بۇنىڭ مىساللىرىنى خىتاينىڭ «ئەرەب باھارى» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سىياسىي ئۆزگىرىشلەردىكى تۇتقان يولىدىن، شۇنداقلا  روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن قەتلىئامنى قوللاپ   ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۈستىدىن قىلغان تەنقىدىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

خىتاي  ب د ت  كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىغا ئەزا، شۇنداقلا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى 5 ئەزا دۆلەتنىڭ بىرى بولغاچقا، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ھوقۇقى ئالاھىدىرەك. ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدىن كېلىدىغان ئىقتىسادى پايدا تۈپەيلى نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى پاكىتلارغا كۆز يۇمۇۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ سىياسىي ھاكاۋۇرلۇقى ۋە ئادالەت دەپسەندىچىلىكى  بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتسىمۇ،  كىشىلىك ھوقۇق  ئەھدىنامىلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر  ماددىي مەنپەئەت ئالدىدا ئۆز پىرىنسىپىنى قوغداشقا ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلىغان ياشلار ساياھەت ۋە ئۇقۇش ئۈچۈن چەتئەلگە چىققانلىقى، دىنى ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، ئادالەتسىزلىك ھەققىدە سۆز قىلغانلىقى، مىللىي كىملىك ۋە ئۆرۈپ ئادىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىدەك ئاددىي ئىنسانى ھوقۇقلىرىدىن پايدىلانغانلىقى ئۈچۈنلا جازالىنىۋاتىدۇ. تۈرمىگە سولانغان، غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس. مەجبۇرى ھالدا » يېرىم تۈرمە» خاراكتېرلىك «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغانلارمۇ نەچچە ئون مىڭ ئەتراپىدا.  ئۇلارنىڭ ئاددىي ئىنسانلىق ھوقۇقىلا ئەمەس،  ئىنسانى غۇرۇرى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىمۇ  ھاقارەت ئىچىدە.

 بىز كىشىلىك ھۇقۇق كۈنى مۇناسىۋتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ماددىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن بەكرەك،  ئىنسانى ئەخلاق ۋە قەدىر قىممەت تۇيغۇسى، ھەم كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان قىممەت قارىشى ئاساسىدا دېموكراتىك جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،   خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى دەپسەندە بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر ۋاقىت ئىسىدىن چىقارماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

كىشلىك ھۇقۇق،  ھەممىمىزنىڭ ئىنسان بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەھىرمەن بۇلۇشقا تىگىشىشلىك ئەڭ ئاساسى ھەققىمىزدۇر، دەخلىسىزدۇر، شۇنداقلا  ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.

كىشىلىك ھۇقۇقنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ۋەزىپىمىزدۇر!

– رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*