تايلاند ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ياپۇنىيە ھۆكىمەت ئۇرۇنلىرىغا پىكىر تەلەپلەر سۇنۇلدى

مىللى رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە ۋە ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى دوكتۇر تۇرمۇھاممەت ھاشىم،  مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بۈگۈن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتە تايلاندتا يۈز بېرىۋاتقان 20 ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ كۆچمەنلەر لاگېرىدىن قاچقان ۋەقەسىنى نۇقتىلىق دوكلات قىلدى، مىللىي رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەن جىددىي تەكلىپ پىكىرلىرى  مۇناسىۋەتلىك  ئۇرۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىغا تاپشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسى، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار مەسىلىسىمۇ دوكلات قىلىندى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ياردەم قىلىشى تەلەپ قىلىندى. رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە يازغان جىددىي تەلەپ خېتىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى ئاساسىدا تايلاند ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەمدە بۇ ئۇيغۇرلارنى ياپونىيەگە قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىنغان.

Leave a Comment

*

*