د ۇ ق 6- قېتىملىق پەۋقۇلاددە قۇرۇلتايدا ئالىي رەھبەر ۋەكىللىرى ئېلان قىلىندى

گېرمانىيەنىڭ مۈنچەن شەھىرىدە، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-12 كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن دۇق نىڭ 6- نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىدا، ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم، قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلغان بارلىق ۋەكىللەرنىڭ بىردەك قوللىشى ئاستىدا، دۇق نىڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ قوبۇل قىلىندى، دۇق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالاھىدە ۋەكىللىرىنى جاكارلىدى. ئۇلار قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى تەرىپىدىن بىردەك قوبۇل قىلىندى. دۇق ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە.

مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى،  ئالاھىدە مەسلىھەتچى.

قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى،  ئوتتۇرا ئاسىيە ئالاھىدە ۋەكىلى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى.

ئۈمىد ھامىت ئەپەندى، ياۋروپا، جەنۇبى ئاسىيە ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيە ئالاھىدە ۋەكىلى.

ئەسقەرجان ئەپەندى،  ياۋروپا ئالاھىدە ۋەكىلى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى،  باياناتچى.

تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى، ياپونىيە ئالاھىدە ۋەكىلى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن،  دىنى ئىشلار ۋەكىلى

گۈلمىرە زۇنۇن خانىم، ئىقتىساد ئىشلىرى مۇدىرى.

دىلمۇرات يالقۇن ئەپەندى، رۇسىيە ئالاھىدە ۋەكىلى.

Leave a Comment

*

*