رابىيە قادىر: دۇبەيدە ئىككى ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا

مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز​دىن ھۈسەيىن ئىمىنتوختى(26) ۋە ئوسمانجان ئۆمەر (17) ئوتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بۇلۇپ، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ نەدىلىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئائىلىسى پۈتۈنلەي مەلۇماتسىز . ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە  ھەر ئىككىسىنىڭ قولىدا خىتاي پاسپورتى بار، خىتاي چىقارغان خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبىدىن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە پەرەزلەر بار. شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلۇقنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىز ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارالىق ساقچى ئورگىنىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانداق سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىد​ەك رېئاللىق تەشكىلاتىمىز ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا. ھۈسەيىن ئىمىنتوختى، تۈركىيەدىن چېگرادىن چىقىرىلغان بىر تىجارەتچى؛ ئوسمانجان ئۆمەر 14 ياشلىق ئىنىسى ھەزىرەتئىلى ئۆمەر بىلەن مىسىردىن ھەيدەلگەن سابىق ئوقۇغۇچى. مەلۇم بولۇشىچە ھۈسەيىن ب دت دىن سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقان مەزگىلىدە، ئوسمانجان ئۆمەر دۇبەيدىن ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان مەزگىلىدە ھەر ئىككىسىنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرى تولۇق ئەھۋالدا تۇتۇلغان. ئوسمانجان ئۆمەرنىڭ 14 ياشلىق قېرىندىشىنىڭ پەرەز قىلىشىچە ئاكىسىنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۇنىڭ ھۈسەيىن بىلەن بىر ئۆيدە تەڭ ئىجارىگە ئېلىپ تۇرغانلىقى سەۋەب بولغان.

شەرقى تۈركىستاننىڭ  ساقچى يۇرتى بۇلۇپ قالغانلىدقىدەك نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارالىق ساقچى ئورگىنىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىد​ەك رېئاللىق ، بىز بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ تەقدىرى-بولۇپ مۇ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز. بىز ئالاقىدار دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىئىپ بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىپ بېرىشىنى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ئىككىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى:

ھۈسەيىن ئىمىن توختى، ئىسمىنىڭ خىتايچە يېزىلىشى  «Yushen Yimingtohet » ،   ئەسلى يۇرتى خوتەن بۇلۇپ 19xx-يىلى تۇغۇلغان، 2013-يىلى ئوقۇۋاتقان جېڭجوۋ تىببى ئونۋېرسىتىدىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىكى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قېچىپ چىققان. ئىستانبۇلدا 2014-يىلىدىن بۇيان قول تېلېفونى دۇكىنى، مېھمانخانا ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئەرزۇمرۇمدىكى چەتەللىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يىغىۋېلىنغان. ئۇ مەركەزدىكى مەزگىلدە ئىستانبۇلدىكى ئايالى 3-پەرزەنتى تۇغقان؛ ئۇ 3-پەرزەنتىنى كۆرۈش ۋە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان جىگەر كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئەرزۇرۇمدىكى تەكشۈرۈلۈش نەتىجىسىنى كۈتمەستىن چېگرادىن چىقىرىلىشنى-خىتايدىن باشقا دۆلەتكە ھەيدىلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە خەلىپىلىككە ھەيدىلىپ ئۇ يەردىكى ب دت ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئۇنىڭ ئىستانبۇل تۇغۇلغان بالىسىغا خىتاي ئەلچىخانىسى دادىسىنىڭ يېنىدا يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ پاسپورت بەرمىگەن، نەتىجىدە ئۇنىڭ ئايال-بالىلىرى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە جەم بولۇش خىيالى بەربات بولغان. ئۇ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئايالى نىگارەگە ئۇچۇر يوللاپ ئۆزىنى دۇبەي ساقچىلىرىنىڭ ئىزدەۋاتقانلىقى​دىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئەگەر 3 كۈنگىچە تورغا چىقالمىسا تۇتۇپ كېتىلدى دەپ بىلىشنى ۋە ئىز-دېرىكىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. ھۈسەيىن 12-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 4؛22 ئۆتكەندە ئاخىرقى قېتىم تورغا چىققان.

ئوسمانجان ئۆمەر(17 ياش)، مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ قول تىقىشى بىلەن مەكتەپتىن ۋە چېگرادىن چىقىرىلغاندىن كېيىن(مەنبە) 14 ياشلىق ئىنىسى ھەزىرتىئەلى ئۆمەر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قايتىشتىن قورقۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىگە كەلگەن ۋە يەردە ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدىگەن. بۇ ئاكا-ئۇكىلار ئۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئاچقان » NI HAO» چەتئەل تىل كۇرسىدا ئىنگلىزچە ئۆگىنىشكە تىزىملىتىپ كۇرس باشلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان پەيتتە، ئوسمانجان ئۆمەرنىڭ قولىغا كويزا سېلىنىپ، ئىنىسى ۋە ھۈسەيىن ئىمىنتوختى بىلەن بىرلىكتە كىرالىغان ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن. ئىنىسىنىڭ دېيىشسە دۇبەي ساقچىلىرىدىن بىرى ئوسمانجان ئۆمەرگە بىر رېستوراندا ھۈسەيىننىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ ئۇنى تونۇپ تونۇمايدىغانلىقىنى سورىغان، ئوسمانجان قورقۇپ كېتى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن بىر ھەپتىچە ئۆتكەندە ئوسمانجان ئۆمەر تۇتۇپ كېتىلگەن.

خىتاي 2009-يىلى دېكابىردا 20 نەپەر ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىنى كامبودژادىن، 2015- يىلى 7- ئايدا 100 دىن ئارتۇق  پاناھلانغۇچىنى تايلانددىن قايتۇرۇپ ئەكېتىپ بىر قىسىم مۇددەتسىز ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلدى، كوپ قىسمى ھازىرغىچە ئىز-دېرەكسىز. شەرقى تۈركىستاننىڭ بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيانقى ۋەزىيىتى تېخىمۇ باشقىچە، شۇڭا، بۇ ئىككى مۇھاجىرنىڭ ئۇ ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىنىڭ ھاياتىنىڭ ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىق؛ شۇڭا ئىنسان ھەقلىرىنى ياقلىقىغۇچى ۋە دۆلەتلەرنىڭ تېزدىن ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*