رابىيە قادىر خانىم: ئېغىر كۈنلىرىمىزدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان ئەجدادلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز

بۈگۈن شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 84، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 73 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇ كۈن شەرقى تۈركىستان تارىخىدىكى پەرقلىق بىر كۈنگە توغرا كەلدى، شۇنداقلا شەرقى تۈركىستاندا ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشى يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە قامىلىپ يېتىۋاتقان، ئۇلارنىڭ نەچچە مىليونلىغان ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى پەرىشان بولۇۋاتقان-ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان بىر قاراڭغۇ مەزگىلگە توغرا كەلدى. بۇ كۈن،  خەلقىمىز دۆلەتسىزلىكىڭ نەقەدەر بىر بىچارىلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن، مۇستەقىللىقنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى كالپۇكلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ ھېس قىلىۋاتقان بىر كۈنگە توغرا كەلدى؛ بۇ كۈن خەلقىمىزنىڭ ، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىسە ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ، قىسقىسى، خىتايدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرمىسا، خىتاينىڭ ئۆزلىرىنى مىللەت بويىچە يوقىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خوش بۇ ھالىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىي قانچە قورۇنۇۋاتقاندۇ؟ تۆمۆر خەلىپە، سابىت داموللام، خوجا نىياز ھاجىم، ئەلىخان تۆرەم ،ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ روھى قانچە ئاھ ئۇرىۋاتقاندۇ؟!

غېنى باتۇرلار، فاتىھ مۇسلىملار، رىزۋانگۈللەر، بىزنى مانا بۈگۈنكىدەك كۈنگە قالماسلىقىمىز ئۈچۈن دۈشمەننىڭ ئىستىھكاملىرىغا ئۆزىنى ئاتقان ئىدىغۇ؟ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار، ئەيسا ئەپەندىلەر، يۈسۈپ مۇخلىسىلار، ھاشىر ۋاھىدىلار، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىمىز دېگەندە، مىللەتنىڭ خارلىنىشنى بۈگۈنگىچە بۇ باسقۇچقا ئەكەلمەسلىك، خىتايدىن بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئىدىغۇ؟ زەينىدىن يۈسۈپ سەپداشلىرى بىلەن بارىندا قوزغالغاندا ئىسسىق جانلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن سەرپ قىلىنىشىنى شەرەپ ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىدىغۇ؟ يېقىنقى يىللاردا، ۋەتەندە ساقچىخانىلارغا پىچاق بىلەن ئېتىلىپ كىرگەن، ، چەتئەلدە تاغ – دالالاردا مۈدۈرۈپ يۈرگەن ئەزىمەتلىرىمىز،خەلقىمىزنى ئەنە ئاشۇ خارلىنىشتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولغان يوللىرىنى سىناشنىڭ كويىدا ئىدىغۇ!؟

مەن- رابىيە قادىر، بۈگۈن خىتاي مىللىي مائارىپىمىزنى تەل-تۆكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇۋاتقان، مىليونلارچە ئىنساننى يېپىق تەربىيە لاگېرىغا يىغىۋېلىپ، ئىسسىق ئۇۋىسىدىن،  ئاتا-ئانىسىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، ئىشىدىن، نېنىدىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئەنە ئاشۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن قان توككەن، جان بەرگەن، تەر توككەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ نە قەدەر ئۇلۇغ، نە قەدەر، ئالىيجاناب ، نەقەدەر ئالدىنكۆرەر ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھۆرمەت، مۇھەببەت ۋە ئىپتىخار بىلەن ھېس قىلماقتىمەن، ۋە قەلبىمدە، قاماقتىكى شۇ مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز نامىدىن، شۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تەزىم قىلماقتىمەن.

، ئەجدادلىرىمىز قولىدىن كەلگەننى قىلدى، تۇغۇلغان ھەر پۇرسەتتە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، تەلىيىمىزنى سىنىدى… ئەمما خەلقئارا ۋەزىيەت پۇرسەت بەرمىدى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھېچ بىرىدە گۇناھ يوق، بەزىلىرى ھاياتىدىكى ئىبرەت ھېكايىلىرى بىلەن، بەزىلىرى ئۆلمەس داستانلىرى بىلەن ئىنقىلاب ھاياتىمىزغا نۇر چاچتى.ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ كۆپلۈكى، يىقىلىش-قوپۇشلىرى، يېڭىش-يېڭىلىشلىرى، مۇستەقىللىقنىڭ قېيىنلىقىنى ئەمەس، قىممەتلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئەنە ئاشۇ، 10 يىلدا ئىككى قېتىم ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان باش ئەگمەس ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەۋلادلىرىمىز؛ ئەنە شۇ قەشقەردە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرغان ئەزىمەتلەرنىڭ قېنى تومۇرلىرىمىزدا ئېقىپ تۇرۇپتۇ، غۇلجادا ئاي يۇلتۇزلۇق كوكبايراقنى 5 يىل لەپىلدەتكەن ئەزىمەتلەرنىڭ يۈرىكىدىكى ئىمان بىزنىڭ قەلبىمىزدە يېنىپ تۇرۇپتۇ. قۇدرەت دېگەن مانا مۇشۇ، كۈچ دېگەن مانا مۇشۇ، ئىستىقبال دېگەن مانا مۇشۇ!

بىز ئالدى بىلەن ئاللانىڭ مەرھەمىتى، ئۆزىمىز كۈچ-قۇدرىتى، دۇنيادىكى دوست ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئەجدادلىرىمىز ئامانەت قالدۇرغان ئاي يۇلتۇز كۆكبايراقنى ھامان بىر كۈنى، ھامان بىر كۈنى، ، ھامان بىر كۈنى جانىجان ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا تىكلەشكە قادىرمىز !

Leave a Comment

*

*