د ۇ ق 6- نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى كۈنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يېغىنى 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-ۋە 11-كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلماقتا.
قۇرۇلتاينىڭ بىرىنچى كۈنى مۇناسىۋەتلىك كۈنتەرتىپ بويىچە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، شۇنداقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىك فىلىمى قويۇلدى.
رابىيە قادىر خانىم  دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  ۋەكىللەر ۋە چەتئەللىك مىھمانلارغا ئايرىم ئايرىم  سالام ۋە تەبرىكلەرنى يوللىدى، ۋە قۇرۇلتاينىڭ دېموكراتىك ۋە قانۇنى يولدا ئىلىپ بېرىلىدىغانلىقى​غا ئشنىدىغانلىقىنى،  بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، شۇنداقلار ھەممىيلەننىڭ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبىرىكلىدى.
قۇرۇلتايدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن رابىيە قادىر ئارىسىدا ماقۇللانغان قارارنامە ئاۋازغا قۇيۇلۇپ بىردەك ماقۇللىنىپ ، 90% ۋەكىللەر ماقۇللۇق ئاۋازى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى دەپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Leave a Comment

*

*