رابىيە قادىر خانىم كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدا

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇيغۇر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پايتەختى ۋاشىنگتوندا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون بىلەن ئۇچراشتى. رابىيە قادىر خانىم ئۇچرىششتا،ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانى ھوقۇق كىرزسنى ئاڭلاتتى، تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامىلىۋاتقان ساناقسىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاھۇ-زارىنى يەتكۈزدى، ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە جەمەتىدىن ئىز-دىرىكى بولمىغان 40 نەچچە نەپەر كىشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋەر بەردى، تۈركىيەدە قېيىچنلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئانىلار ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزدى. شۇنداقلا ئىراق ۋە سۈرىيەدە سەرگەردان بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار جۈملىدىن تېڭىرقىغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزدى، ئاخىردا چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلۇقنىڭ ھالى-ئەھۋالىنى بايان قىلدى .
سۆھبەت جەريانىدا، مەزكۇر تەشكىلات ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگان-ئاپپاراتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى. ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ  ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شتاتلاردىكى پارلامنىت ئەزالىرى ئارقىلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىۋاسىتە تەھدىت ۋە جازالارنى يەتكۈزۈشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ تەۋسىيە قىلىندى.

ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم  ،  بۇ  ئۇچرىشىشنىڭ ناھايتى ياخشى بولغانلىقىنى،  ھەرخىل كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرىنى مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالىدىن داۋاملىق خەۋەردار قىلىپ،  بىرلىكتە خىتاي ھۆكىمىتىگە زۇلۇمنى ئازايتىش ھەققىدە بېسىم قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

Leave a Comment

*

*