پېنسىيەدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىپ پېنسىيىگە چىققانلارنى باھالاش خىزمىتى باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا پېنسىيىگە چىققان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ 30-نويابىرغىچە ئۆزى ئىشلىگەن ئىدارىلەرگە بېرىپ ئۆزىنى تىزىملىتىشى ۋە بۇ قېتىمقى سالاھىيەت باھالاشنىڭ شۇ كىشىنىڭ ياشانغانلىق سۇغۇرتىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. 29-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا تىلغا ئېلىنغان چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلارنىڭ قايتىپ كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «پايتەخت ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتى» نىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ياشانغانلىق سۇغۇرتىسى ئېلىش سالاھىتى تەكشۈرۈلىدۇ» سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر خەۋەردە ياشانغانلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلار ھەققىدە توختىلىپ، «1) بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ باھالاشقا قاتناشمىغانلار، 2) باشقا جايدا تۇرۇشلۇق ئىسپات قەغىزىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلار، 3) تۈرمىدە ياكى ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تەربىيە قوبۇل قىلىۋاتقانلار، 4) غايىب بولغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقانلار، نوپۇس تىزىمىدىن ئۆچۈرۈلگەنلەر، 5) ئۆلۈپ كەتكەنلەر، 6) ئۇزۇن مۇددەت ئالاقىسى ئۈزۈلگەن 6 خىل كىشىلەر توپى ياشانغانلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ» دېيىلگەن.

بولۇپمۇ، خەۋەردە تەكىتلەنگەن، «باشقا جايلاردا تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان پېنسىيە ئېلىۋاتقانلار، يەنى چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلار ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى جۇڭگو ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ، شۇ يەردىن ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ھەققىدە ئىسپات ئېلىشى ۋە بۇ ئىسپاتنى ئەسلى ئىشلىگەن ئىدارىسىگە تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پېنسىيىگە چىققانلارنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇشى كېرەك» دېگەن بەلگىلىمىلەر چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

بىز مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ۋە 29-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مۇناسىۋەتلىك يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پېنسىيىگە چىققان كادىرلار باشقارمىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.

ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشانغانلار سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونى ئاپتوماتىك مۇلازىمەت سىستېمىسىغا ئۇلاندى.

مەزكۇر سىستېمىنىڭ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسقىنىمىزدا «پېنسىيەگە چىققانلار ئىچىدە چەتئەللەردە ۋە شياڭگاڭ ، تەيۋەن، ئاۋمېن قاتارلىق ئالاھىدە رايونلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ياشانغانلىق سۇغۇرتىسى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىلىدۇ. ئۇلار ياشانغانلىق سۇغۇرتىسى بېجىرىشتە ھەر يىلى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا قايتىپ بېرىپ ياشانغانلىق سۇغۇرتىسىنى يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىشى كېرەك. داۋاملىق ياشانغانلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئەسلى ئىشلىگەن ئىدارىسىگە بېرىپ ياشانغانلىق سۇغۇرتا ھەققى ۋە تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە دەرھال ئۆتىشى كېرەك. ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردا ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققانلار ناھىيەلىك پارتكوم، كادىرلار ئىدارىسى قاتارلىق جايلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇلارنىڭ ياشانغانلىق سۇغۇرتىسى نۆۋەتتە ياشاۋاتقان جايىغا يۆتكەپ بېرىلىدۇ ياكى ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ،» دېگەن ئاۋازلىق كۆرسەتمىلەر بېرىلدى.

نۆۋەتتە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەپ، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن چەئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياكى چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان بالىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرنەچچە ئۇيغۇر ئاۋازىنى بەرمەسلىك شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

قولىدا 10 يىل ئىچىدە ئامېرىلكىغا كۆپ قېتىم كېلىپ-كېتىش ۋىزىسى ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ يېنىدا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇرۇق-تۇ، قانلىرى ياكى دوستلىرىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق، پېنسىيە مائاشى ۋە ياشانغانلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى چىڭىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ياشانغانلىق سۇغۇرتىسىلا ئەمەس ھەتتا پېنسىيە مۇئاشىدىنمۇ پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل يازلىق تەتىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى يوقلاش ئۈچۈن كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇرتىغا قايتسا نۆۋەتتىكى قاتتىق باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەن يەنە بىر ئۇيغۇر، گەرچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەچكە يۇرتىغا قايتىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ياشانغانلىق سۇغۇرتىسى ھەققىدىكى يىغىن ۋە پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ سالاھىتىنى ئېنىقلاش ئۇختۇرۇشىدا ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما مەزكۇر ئۇقتۇرۇش بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلانغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېتىش شامىلىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغايدۇ. بولۇپمۇ ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدىدىكى ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدىن پېنسىيىگە چىققانلارغا قارىتىلىشى، ئەمەلىيەتتە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەكشۈرۈش نىشانى قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى، كانادادا يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن يىراق تۇرىدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىمۇ خىتايدىكى ئىلگىرىكى ئىدارىلىرىدىن پېنسىيە مائاشى ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بارلىقىنى بىلدۈردى.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش كۈچەيگەن مەزگىلدە بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر جامائىتىدىن يىراق تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل چاقىرىق ۋە ئۇختۇرۇشلارغا ئالدىنىپ يۇرتلىرىغا قايتماسلىقىنى، ئىلگىرى پېنسىيە مۇئاشىنى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئېلىۋاتقان بۇ خىل مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىدىغان زاماننىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن نۇرى مۇساباي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېخى يېقىندا چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ مىسىردا ئوقۇۋاتقان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا-ئانىلىرىغا بېسىم قىلىپ خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېتىپ، جازالىغاندىن كېيىن يەنە پېنسىيىگە چىققانلارنى تەكشۈرۈش نامىدا بۇ خىل ئۇقتۇرۇشلارنى چىقىرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئېلىنىۋاتقان تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نۇرى مۇساباي ئەپەندى يەنە پېنسىيىگە چىققانلارغا قارىتىلغان ئۇختۇرۇشنىڭ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن پەرزەنتلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ھەمدە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن چىقارغان ئۇقتۇرۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ئېغىر بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەگەك بولۇشىنى تەكىتلىدى.

نۇرى مۇساباي ئەپەندى بايانىدا نۆۋەتتە چەتئەللەردە داۋاملىشىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، گەرچە ئۇقتۇرۇشتا «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، مەزكۇر يىغىن ۋە ئۇختۇرۇشنىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىدە پېشقەدەم ۋە بەزى ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭمۇ رول ئوينىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن چىقىرىلغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ياكى چەتئەللەردە خىزمەت قىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىنى يوقلاش باھانىسىدە غەرب دۆلەتلىرىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرىدە يەرلىشىپ قېلىش قارارىنى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور قىسمى ئاللىقاچان ئەسلىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خىتاي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئالاقىسىنى ئۈزگەن. ئەمما خىتاي پاسپورتى بىلەن پەرزەنتلىرى يېنىدا تۇرۇۋاتقان ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پېنسىيە مۇئاشىنى ئېلىۋاتقانلىقىغا دائىر بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان ئىدى.

مەنبە:  ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*