يېڭىسار ساغاندا ئاز دېگەندە 4 كىشىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساغان يېزىسىدىن «تەربىيەلەش مەركىزى» گە كەتكەنلەردىن بىرقانچىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەردىن بىرىنىڭ 71 ياشلىق ھەسەن ئىمىن دېگەن كىشى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ يېڭىسار ساغاندىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى نەتىجىسىدە ساغاندا 8‏-ئايدىن ھازىرغا قەدەر 3 ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە 4 كىشىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۆلگۈچىلەردىن يەنە بىرىنىڭ 60 نەچچە ياشلىق ساۋۇت راخمان دېگەن كىشى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

رادىئومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا يېڭىساردىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ۋە روھىي بېسىم سەۋەبىدىن «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتقانلىقى، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالنى جەمئىيەتكە تارقاتماسلىق ھەققىدە ئاھالىلەرنى ئاگاھلاندۇرىۋاتقانلىقى يېزىلغان.

بىز بۇ ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېڭىسارنىڭ يېڭىيەر ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىمى، يۇقىرىقى ئەھۋالنى رەت قىلدى. يېڭىسار بازارلىق ساقچىخانا خادىمىمۇ ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆلگەنلەردىن بىرىنىڭ 71 ياشلىق ھەسەن ئىمىن دېگەن كىشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇندىن 10 يىل بۇرۇن بىر ئوغلىنى يەر ئاستى دىنىي مەكتەپكە بەرگەنلىكى ئۈچۈن «يېپىق تەربىيە» گە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى يېزىلغان.

ساغان يېزا 1‏-كەنت ساقچىخانا خادىمى ھەسەن ئىمىننىڭ 7‏-كەنت ئەزاسى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن 2 ئاي بۇرۇن «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى پاش قىلدى.

ساغان ساقچىخانا خادىمى بولسا، ساغاننىڭ 18‏-كەنتىدىن بىر كىشىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلدى. يەنە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ساغاننىڭ 6‏-كەنت ساقچىسى باشقا كەنتلەردىن ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۆز كەنتىدىن ساۋۇت راخمان ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بۇ يىل ئاۋغۇستتا، يەنى 2 ئاي بۇرۇن «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

ساغاننىڭ 15‏-كەنت ساقچى خادىمى تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا 2‏-كەنتتىن بىر كىشىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدا ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان بايانلارغا ئاساسلانغاندا، رادىيومىزغا يوللانغان مەكتۇپتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكى، يېڭىسارنىڭ ساغان يېزىسىنىڭ ئۆزىدىنلا يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە 4 كىشىنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېڭىسارنىڭ ساغان يېزىسىدا 21 كەنت، 101 مەھەللە، 23100 نوپۇس بار ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*