تىجارەتچى ئوسمانجان مەمەتكە بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئادىل بولدىمۇ؟

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار «مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنى ئەسەبىيلىك» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنماقتا ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا. بۇ كىشىلەرنىڭ ئاز ساندىكىلىرى جەمئىيەتكە ئاشكارا بولغان بولسىمۇ، خىتايدىكى ئۇچۇر قاماللىقى ۋە كۈچلۈك تەقىبلەشلەر تۈپەيلىدىن، ئائىلە-تاۋاباتلىرىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۈن-تىنسىز تۈرمىدە ياتماقتا ئىكەن. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى قاراماي شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئوسمانجان مەمەتتۇر. ئۇنىڭ ئەھۋالى جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرى ئارىسىدا نارازىلىق قوزغاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىمەي كەلگەن ئىكەن.

مەزكۇر دېلودىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلاشلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئوسمانجان مەمەت 2008-يىلى3-ئاينىڭ 25-كۈنى گۇاڭجۇدا جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ خادىملىرى تەرىپىدىن جىياڭنەن مېۋە توپ تارقىتىش بازىرىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىن رەسىمى قولغا ئېلىنغان ۋە 2011-يىلى كۈزدە خىتاي سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملارنى كۆرۈش، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، قانۇنسىز ھالدا پۇقرالارنى گۆرۈگە ئېلىش» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئوسمانجان بىلەن بىللە تۇتۇلغان ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلار جەمئىي 11 كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوسمانجاننىڭ مەزكۇر مېۋە-چېۋە توپ تارقىتىش بازىرىدىكى ياردەمچىسى گۇاڭدۇڭلۇق خىتاي لۇڭ گۇاڭچۇەندىن (يەنە بىر ئىسمى ئالوڭ بولۇپ، قولغا ئېلىنىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن) باشقىلىرى گۇاڭجۇدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تىجارەت ۋە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىلھام ئابدۇرېھىم، تۇرغۇن تۇرسۇن، ئىمامجان ئابدۇرېھىم، مۇتەللىپ مەمەت، ئابلەت توختى، مەخمۇت قۇربان موللاق، ئابلاجان خۇدا بەردى، ئېلى مەمەت، ھۈسەن غوپۇرلار ئىكەن. بۇلاردىن مەخمۇت قۇربان موللاق 8 يىل، ھۈسەن غوپۇر 3 يىل 6 ئاي كېسىلگەندىن باشقا، قالغان يەتتە كىشىنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن.

ئۇنداقتا مۇددەتسىز كېسىلگەن ئوسمانجان مەمەت زادى كىم؟ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئارتقان «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» ۋە «دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى، قانۇنسىز ھالدا پۇقرالارنى گۆرۈگە ئېلىشى» دېگەن ئەيىبلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ؟

بۇ ھەقتە مەزكۇر دېلودىن ۋە ئوسمانجان مەمەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوسمانجان مەمەتنىڭ قوشنىسى تۇرسۇن توختى ئەپەندى ئۇنىڭ 1972-يىلى قارماي شەھىرىدە تۇغۇلغانلىقىنى، ئائىلىنىڭ مامۇتجان ۋە ئوبۇلقاسىمدىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئوغلى ئىكەنلىكىنى، ياش قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن مەلۇم قوراللىق ساقچى قىسىمدا 3 يىل ئەسكەر بولغانلىقىنى، قارام، قورقۇمسىز، ھەققانىيەتچى خاراكتېرى بىلەن سەپداشلىرىغا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۇرسۇن توختى ئەپەندى ئوسمانجان مەمەتنىڭ ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەندىن كىيىن قارامايدا نېفىت ئىشچىسى بولۇپ، ئىشلىگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 90-يىللاردىكى مۇرەككەپ ۋە داۋالغۇش ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن قارىمايدىكى نۇرغۇنلىغان نېفىت ئىشچىلىرىغا ئەگىشىپ خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، يەنە  خىتاي سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئاتالمىش «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئادەملىرىنى يولغا سالغان ۋە ياردەم بەرگەن ھەم قانۇنسىز دىنى بۇيۇملار تارقاتقان دېگەندەك ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، بۇ مۇددەتسىز ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1997-يىلدىكى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوسمانجان بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ جاھاندارچىلىقىنى قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن قارىمايدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆشرە-زاكات ۋە سەدىقە-پىتىرلىرىنى يىغىپ، 5-فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىنكى بالىلىرى تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن ئىگە-چاقىسىز بوۋاي-مومايلار، ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تۇل خوتۇنلار ۋە يېتىم-يېسىرلارغا يەتكۈزۈپ تۇرغان ھەمدە بىرقانچە يېتىم بالىنى غۇلجىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئۆزى بېقىۋالغان. خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىدا ئاكتىپ، قولى ئوچۇق ئوسمانجاننىڭ نامى تېزلا تونۇلىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋپسىرىگەن قارىماي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ «گوباۋ»، يەنى «دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ئەترىتى » ئوسمانجاننى «بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ماددىي ياردەمدە بولدى» دېگەن باھانە بىلەن 1998-يىلى11-ئاينىڭ 24-كۈنى قولغا ئالىدۇ ۋە  ئوسمانجان 3 يىل كېسىلىپ تۈرمىگە سولىنىدۇ.

بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدا ئوسمانجان مەمەتلەر بىلەن بىرگە تىجارەت قىلغان، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئەخمەتجان ئەپەندى بۇ دېلودىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئوسمانجان مەمەتنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئادالەتسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەخمەتجان ئەپەندى كېيىنكى يىللاردا كۆپ ساندا بىگۇناھ ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملارنى كۆرۈش، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش» قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئوسمانجان مەمەتنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن ئىنكاس ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان تېلېفون-ئۇچۇر ئالاقىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئىمكانى بولمىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*