« ئامرېكا ھۆكىمىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلسى ھەققىدە كۆرۈشۈشلەر توختاپ قالمىدى»

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 2017 -نچى يىلى 9 -نچى ئاينىڭ 6-نچى كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئىككى نەپەر ھۆكۈمەت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىسىردىكى تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق قۇيۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك يەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئامېرىكا ھۆكمىتىنىڭ داۋاملىق بۇ ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ، شۇنداقلا تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى يەتكۈزۈپ، ياردەمدە بولۇشقا چاقىردى.

ئۇنىڭدىن باشقا 2017 -نچى يىلى 9 -نچى ئاينىڭ 8 -نچى كۈنى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۆمەر قانات ئەپەندى  قاتارلىقلار بىرلىكتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ، باشقا دۆلەتلەردىن يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان قىسمەتلىرى، شۇنداقلا مىسىردىكى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مۇزاكىرە قىلىپ بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم يىللاردىن بۇيان ھەر ئايدا بىر نەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ئوخشىمىغان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ خىل كۆرۈشۈش ۋە تەلەپ پىكىر سۇنۇش ، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشلارنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمىغانلىقىنى،  بۇ خىل تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىۋاتقانلىقىنى، مىسىر ، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىش مۇمكىن بولغان بەزىبىر يامان ئەھۋاللارنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

Leave a Comment

*

*