«كۇرسانت» ئابدۇجېلىل ئابدۇكېرىم: گۇناھىم ئىنىمنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا پۇل سېلىش

غۇلجا ناھىيىلىك يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇپ تەربىيىلىنىۋاتقان 1500 چە «كۇرسانت» ئارىسىدا، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى.

ياردەمچى كادىرلار سۇنۇپ بەرگەن تېلېفون ئارقىلىق ئەركىن ئاسيا رادىىئوسى مۇخبىرى بىلەن سۆزلەشكەن ئاتالمىش كۇرسانت ئابدۇجېلىل ئابدۇكېرىم، ئىنىسىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى مىرزات ئابدۇرېشىتقا پۇل سالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ۋە بۇ ئاتالمىش گۇناھى ئۈچۈن تەربىيە كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر مەركەزدىكى ياردەمچى كادىر ئابدۇجېلىلنىڭ ئىنىسى ئابدۇرېشىتنىڭمۇ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان شۇ ئوغلى سەۋەبلىك نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

مۇخبىر، غۇلجا ناھىيىلىك يېپىق تەربىيىلەش مەركىزىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتى  داۋامىدا، بۇ مەركەزدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا مىسىر ۋە تۈركىيەدىن قايتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «كۇرسانت» ئابدۇجېلىل ئابدۇكېرىم غۇلجا ناھىيىسىنىڭ قاش يېزىسىدىن. ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇكېرىمنىڭ ئوغلى مىرزات ئابدۇرېشىت، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. ئۇ تىل ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلىدە چوڭ دادىسى ئابدۇجېلىل ئابدۇكېرىم ئۇنىڭغا بىرقانچە نۆۋەت بانكا ئارقىلىق پۇل ئەۋەتكەن.

بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېشىت ئابدۇكېرىم ئوغلىنى تۈركىيەگە ئوقۇشقا يولغا سالغانلىقى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغان، ئابدۇجېلىل ئابدۇكېرىم پۇل ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن.

بۇ پەقەت غۇلجا ناھىيىسىدىكى 5 يېپىق تەربىيەلەش مەركىزىدىن بىرىدە، بىر ياردەمچى كادىر مەسئۇل بولغان 15 كىشى ئىچىدىكى بىر نەپەرنىڭ بۇ مەركەزگە كېلىش سەۋەبى.

غۇلجا ناھىيەسىدىكى يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تەربىيىلىنىۋاتقان 1500 چە كىشىنىڭ ئىچىدە يەنە قانچىلىغان ئابدۇجېلىل ئابدۇكېرىملارنىڭ بارلىقى؛ يەنە قانچىلىغان ئابدۇرېشىت ئابدۇكېرىملارنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*