ئۇيغۇر رايونىدا بەدەن تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغانلار تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىلىدىكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2‏-نۆۋەتلىك ئومۇمى خەلق ھەقسىز بەدەن تەكشۈرۈش ھەرىكىتى بۇ يىل 6‏-ئايدا باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 4 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بەدەن تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. يەرلىك دائىرىلەر 2016‏-يىلى 9‏-ئايدا باشلىغان 1‏-نۆۋەتلىك ئومۇمى خەلق بەدەن تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە 17 يېرىم مىليون ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ئارخىپ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2‏-نۆۋەتلىك ئومۇمى خەلق مەجبۇرىي بەدەن تەكشۈرۈشى بولسا 1‏-نۆۋەتلىك ئومۇمى خەلق بەدەن تەكشۈرۈشىدە چۈشۈپ قالغان پۇقرالارنى نىشان قىلغان بولۇپ، دائىرىلەر بۇنىڭغا بىر مىليارد 785 مىليون خەلق پۇلى ئاجراتقان ئىدى.

مۇخبىر 2‏-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن تەكشۈرۈشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تېلېفون قىلغان. ئېنىقلاش داۋامىدا 2‏-نۆۋەتلىك بەدەن تەكشۈرۈشنىڭ ئوخشاشلا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بەدەن تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغانلارنى تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىغا دائىر بەزى شىكايەتلەرنى ئالغان.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيەدە ئولتۇرۇشلۇق بىر خىزمەتچى خادىم، دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشكىلا بەند بولۇپ، بىمارنىڭ كېسىلى بار-يوقلۇقى، كېسەل بولسا قانداق داۋالىنىش ھەققىدە ھېچقانداق مەسلىھەت بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇنداق تەكشۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ئۆزلىرىدە سوئال پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«خىزمەتچى: بەدەن تەكشۈرۈشنى قىلىپ بولدى، ماۋۇ ساقچى بالىلارنىڭكىنى، ئامانلىقنىڭكىنى كەنتتىن قىلدى. كادىرلارنىڭكىنى ناھىيەدىن، بىرلەشمىدىن قىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا قىلدىغۇ دەيمەن. مەن بۈگۈن قىلىپ كەلدىم.

مۇخبىر: نېمىلەرنى تەكشۈردى؟ قان تەكشۈرۈش قىلدىمۇ؟

خىزمەتچى: ھەئە، باشتا قان تەكشۈردى. قاننى تەكشۈرۈپ بولۇپ، يۈرەكنى، ئاندىن ب چاۋغا سالدى. ئىگىزلىكنى، ئېغىرلىقنى، بەدەن ئۆلچىمى، ھەممىنى قىلىدىكەنغۇ؟

مۇخبىر: بىرەر مەسىلە چىقمىغاندۇ، ياكى نەتىجىسى تېخى چىقمىدىمۇ؟

خىزمەتچى: نەتىجىسىنى سورىسام، قانداق كېسەل باركەن مەندە، دېسەم، باشقا يېرىڭ ساقكەن. پەقەت يۈرەك ئېگىز-پەس سوقىدىكەن، دەيدۇ. ئۆتكەن يىل كەنتىمىزدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، يېزىلىق شىپاخانىدا.

مۇخبىر: ئۆتكەن يىلى قىلغاندا ئوخشاش ئەزالارنى تەكشۈرگەنمۇ ياكى بۇ يىلقىدىن بىر ئاز پەرقلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانمۇ؟

خىزمەتچى: بۇ يىل بەكىرەك ياخشىكەن بۇلتۇرقىدىن. بۇ يىل سۈيدۈكنى تەكشۈردى. بۇلتۇر ئۇنچىلىك تەكشۈرۈپ كەتمىگەن.

مۇخبىر: قاننىڭ نەتىجىسىنىچۇ؟ قاننىڭ نەتىجىسىنى بېرىمىز دېدىمۇ ياكى بۇ بىزدە قالىدۇ، دېدىمۇ؟

خىزمەتچى: بۇنى شۇ يېزىپ-يېزىپ ماڭىدىكەن. بۇنى بىزگە ئۇقتۇرمايدۇ. سورىساق جاۋاب بېرىدىكەن، ئۇدۇللۇق تەكشۈرگەن يەرنىلا. لېكىن سىزدە مۇنداق كېسەل باركەن، دەپ ئىسپات بەرمەيدىكەن. قاننىڭ نەتىجىسىنى بېرىمىز دېگەن گەپنى قىلمىدى. جەدۋەلدىن بىرنى بېرىدىكەن. شۇنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، قان تەكشۈرتۈپ بولساق، توغرا بەلگىسى قويىدىكەن. بەلگە قويۇپ ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېلىپ قالىدىكەن. ئاندىن ئىسپات قەغەز بېرىدىكەن، تەكشۈرۈپ بولدى دېگەن.

مۇخبىر: ئۇ ئىسپات قەغىزىنى نېمە قىلىسىز؟

خىزمەتچى: ئىسپات قەغىزىنى كەنتتىكىلەرگە بەردۇق. ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان كەنتكە، تەكشۈرۈپ بولدى، دەيدىغان ئىسپات. كەنتكە چوقۇم بەرمىسە، ئۇلار ئۇقالمايدىكەن. كەنتتىن بىر كادىر بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇرىدىكەن. تەكشۈرۈپ بولغانلارنىڭ قەغىزىنى ئېلىۋالىدىغانغا. تەكشۈرتىدىغانلارنى سىراداپ ئاپىرىدىغانغا، مەن شۇنداق ئويلىدىم. مېنىڭ قەغىزىمنى يىغىۋالدى، شۇلارغا بەردىم.

مۇخبىر: سىزنىڭ قولىڭىزدا ھېچقانداق دوختۇر قەغىزى قالمىدىمۇ؟

خىزمەتچى: مەندە ھېچنېمە يوق ھازىر، سوپۇندەك يېنىپ كەلدىم، تەكشۈرتۈپ بولۇپ. قاننىڭ نەتىجىسى قاچان چىقىدۇ، دەپ سورىسام، ئۇلار ئالدىراشكەن. ئۇياققا-بۇياققا قاراپ تۇرىدۇ. بىزمۇ ئالدىراش بولغاندىن كېيىن بىرىنى تاپسام بىرى يوق، يېنىپ كەلدىم، گەپكە جاۋاب بەرمىگەندىن كېيىن. ئەمدى سىزدە مۇنداق، مۇنداق كېسەل باركەن، مۇنداق، مۇنداق كېسەل ئالامىتى باركەن سىزدە، يا دوختۇرخانىدا يېتىڭ ياكى تەكشۈرتۈڭ، دەيدىغان گەپ يوق.

مۇخبىر: پەقەت سىزنى تەكشۈرىدۇ، ئاندىن سىزنى يولغا سېلىپ قويىدۇ؟ سىزگە قاننىڭ نەتىجىسىگە پالانچى كۈنى كەل ياكى ئىدارەڭگە ئەۋەتىپ بېرىمەن ياكى بولمىسا سەندە مۇنداق، مۇنداق كېسەل باركەن، ماۋۇ كېسىلىڭگە پالانچى يەرگە بار، ماۋۇنىڭغا پوكۇنچى يەرگە بار، دەيدىغان بىر كۆرسەتمە بەرمەيدۇ، دەڭا؟

خىزمەتچى: ئۇنداق گەپ يوق. بۇلتۇرقى تەكشۈرۈشتىمۇ ھېچنېمە يوق. ئىسپاتى نەدىكىن ئۇنىڭ تەكشۈرتكەن، دەيدىغان. دوختۇرخانىدا پۇلغا تەكشۈرتسەك ئىسپاتى، دوختۇرنىڭ )دىئاگنوزى( دېگەنلەرنى چىقىرىپ بېرەتتى. ماۋۇلار تەكشۈرۈپلا دەپتەرگە تىزىملاپ بولدى قىلىدىكەن. بىز دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىمىز دېسەك، مەسىلەن، بۈگۈن مەن تەكشۈرتتۈم. لېكىن ئەتە دوختۇرخانىغا بارسام، بۆلەكتىن تەكشۈرتۈپ كۆرۈنسەم بولىدۇ ھازىر.

مۇخبىر: ئۇنداق بولسا، ئومۇمى خەلق بەدەن تەكشۈرۈشى دېگەن بىلەن ئۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىدىغۇ؟

خىزمەتچى: شۇ، نەتىجىسى يوق قولۇمدا. مەن ئەتە ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا بارسام، پۇل تۆلەپ بۆلەك تەكشۈرتىشىمگە توغرا كېلىدۇ ھازىر. كېسىلىڭىزنىڭ ئىسپاتى ماۋۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇنداق كۆرىنىسىز، دەپ قەغەز چىقىرىپ بەرسە بولاتتى. بىراق ھازىر دوختۇرخانىغا بېرىپ سوپۇندەكلا يېنىپ كەلدۇق. پەقەت تىزىملاپلا ئېلىپ قالدى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا بىر ناھىيەدە ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى، يەسلى بالىلىرىنىڭ بەدەن تەكشۈرۈشكە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭغا قاتناشمىغان بالىلارنىڭ يەسلىگە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوقۇتقۇچى: ھەئە، تەكشۈرتىۋاتىمىز. مۇشۇ تەتىل تۈگىگىچە تەكشۈرتىدىغان گەپتى. بالىلارنى ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرى ئاپىرىدۇ، ئەمەسمۇ. تەكشۈرتۈپ كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا بىز تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى قولىمىزغا ئالىمىز.

مۇخبىر: بالىلارنى ئاتا-ئانىلار ئاپىرامدۇ ياكى سىلەر ئاپىرامسىلەر؟

ئوقۇتقۇچى: ئاتا-ئانىلىرى ئاپىرىدۇ. بىرىنچى قېتىممۇ تەكشۈرتكەن. ھازىر قان تەكشۈرتىشقۇ، بۇ قېتىممۇ تەكشۈرتىمىز، ھەر يىلى تەكشۈرتىمىز. ئاتا-ئانىلار باللىرىنى ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ شۇ يەردە تەكشۈرتۈپ، تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى بىزگە ئەكېلىپ بېرىدۇ. بىز ئۇنى ئارخىپتا ساقلايمىز. ئۇنىڭدا بالىنىڭ ئىسمى، كىملىك نومۇرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. شۇلارنى قىلىپ كېلىدۇ. بىز ئۇنى ساقلايمىز.

مۇخبىرىمىز: دوختۇرخانىنىڭ قەغىزى بولمىسا، سىلەر بالىلارنى ئالامسىلەر ياكى ئالمامسىلەر؟

ئوقۇتقۇچى: ئالمايمىز، ئالالمايمىز. شۇ نەتىجە بولمىسا، شۇ كۆرۈپ قىلمىساق، يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ قالسا بولمايدۇ، ئەمەسمۇ، شۇنى كۆرۈپ ئالىمىز. كېسەللىك ئەھۋالى بولۇپ قالسا داۋالىتىشقا بۇيرۇپ بېرىمىز.

لېكىن، يۇقىرىقى ئۇيغۇر خىزمەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ئومۇي خەلق بەدەن تەكشۈرتۈشكە قاتناشمىغان كىشىلەرنى تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. ئۇ، كەنت كادىرىنىڭ بەدەن تەكشۈرتمىگەنلەرنى تەربىيىلەشكە ئەۋەتىپ بېرىمىز، دېگەنلىكىنى، بىراق ھازىرغا قەدەر قانچە كىشىنىڭ شۇ سەۋەبلىك تەربىيىلەشكە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىزمەتچى: پۈتۈن ئادەملەرنى، پۈتۈن نوپۇسنى تەكشۈرتىپتۇ. يوقلارنى تېپىپ، ئىزدەپ سوراپ ئاپىرىپ تەكشۈرتىپتۇ. كادىر بولامدۇ، ئەمەلدار بولامدۇ ھەممىنى ئاپىرىپتۇ. بىراق نەتىجىسى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆچىرەت. ئادەملەر بەك جىق. بىر كۈن، ئىككى كۈن، ئۈچ كۈنى دېھقاننىڭ ۋاقتى شۇ يەردە بىكار بولۇپ كېتىدۇ.

مۇخبىر: تەكشۈرەتمىسىڭىزچۇ، تەكشۈرەتمىسىڭىز نېمە دەيدۇ؟ بولدى، مەن پۇلغا تەكشۈرتىمەن دېسىڭىز؟

خىزمەتچى: تەكشۈرەتمىسىڭىز تەربىيىلەشكە بارىسىز، دەيدىكەن ئەينا. (ناھىيەدە) تەربىيىلەش ئورنى تۇرغان. تەربىيىلەش ئورنىدا تەربىيىلىنىپ كېلىسىز، گەپ ئاڭلىمىسىڭىز دەيدۇ. ئۇ يەرگە بارساققۇ تەربىيىلىنىپ كېلىمىز. لېكىن تەكشۈرتسەك پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى، ئۆزىمىزگە، دېھقانلارغا بەرگەن ياردىمى. پۇلغا تەكشۈرمىسۇن، بىكارغا تەكشۈرتۈپ كېسەل ئەھۋالىنى بىلىۋالسۇن دەپ چىقارغان.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ كەنت ياكى يېزىدا بەدەن تەكشۈرەتمەي تەربىيىلەش مەركىزىگە كېتىپ قالغانلار بارمۇ؟

خىزمەتچى: بۇنى مەن ئۇقمايدىكەنمەن. ئىش قىلىپ ئاشۇنداق قورققاق سېلىپ ئەرلەرنى يۈگرىتىپ ئەكېلىپ تەكشۈردى. لېكىن ئاۋۇنى مەن ئۇقمايدىكەنمەن. كېچىسى يىغىپ قويۇپ بەرمەي ئاشۇنداق تەكشۈرتمىگەنلەرنى، سائەت بىر-ئىككىگىچە تۇتۇپ تۇرىدىغان ئاشۇنداق ئىشلار بارمىش، ئايالىمدىن ئاڭلىشىمچە. ئايالىم يېزىدا ئولتۇرىدۇ، كەنتكە يىغىنغا بېرىپ دېگەندەك ئىشلار بىلەن. ئاشۇنداق دەۋاتىدۇ، تەربىيىلەش مەركىزىگە ئاپىرىپ بېرىمىز دەپ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 9‏-ئايدا باشلىغان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئومۇمى خەلق بەدەن تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا گۇمان پەيدا قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ بۇلتۇر 9‏-ئايدا 12 مىليون دوللارغا DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ئەسۋابى سېتىۋېلىشى، ئۇنىڭ بۇ يىل 5‏-ئايدا DNA ئامبېرى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، كىشىلەردە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئومۇمى خەلق مەجبۇرىي بەدەن تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىشنى مەقسەت قىلامدۇ، دېگەن سوئال پەيدا قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 5‏-ئايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خىتاي ساقچىلىرىنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكنى قوغدايدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر ياكى مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى بولمىغان ئەھۋالدا DNA ئەۋرىشكىسىنى كەڭ كۆلەملىك يىغىشى، ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىشنىڭ يولىنى تېخىمۇ داغدام ئېچىپ بېرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.»

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*