دۇنيا ئۇيغۇرلىرى زۇلۇمغا قارشى بىرلىشەيلى!

<ئۇيغۇر ئشەنچ پىروگراممىسى >(1)
ئۇيغۇرىست

2017-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى (ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ۋاشنگىتون)

ئۇيغۇرنى تونۇش

بۈيۈك ۋەتەن ۋە پەزىلەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈمۈتسزلەنگەن ،تەرەپلەرگە تارقالغان پەرزەنىتلىرى!
بۇگۇن سلەرگە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان جىددى كىرزىس ۋە ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ تارىخى بۇرچى ھەققىدە قەتئى يوسۇندا سۆز ئاچماقچىمەن!
بىز ئۇيغۇر خەلقى- ئالدى بىلەن ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئىگىمىز بىلەن بولغان مۇناسۋەتكە رىئايە قىلىپ كەلگەن ئېتىقادلىق خەلق.
بىز ئۇيغۇر خەلقى-ئنسانىيەتكە، ئىرقى،مەدەنيتى،تىلى ۋە ئېتىقادى ئوخشىمايدىغان كشلەرگە ھۇرمەت ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن مەدەنىيەتلىك خەلق.
بىز ئۇيغۇر خەلقى -تەبىئەت ۋە كائىنات بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە رىئايە قىلىپ كەلگەن ،ئالەمنى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قەدىرلەيدىغان خەلق.
بىز ئۇيغۇر خەلقى-ھاياتنى سۆيىدىغان،تۇرمۇشقا ئىشەنچ ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يۈزلىنىدىغان ،ھەممە جاينى سۆيگۈ ۋە قەدر-قىممەتكە پۈركەيدىغان بىر خەلق.
ئۇيغۇر خەلقى تارىختا يازما يادىكارلىقلىرى مول،يەرلىك ئىجادى سەنئەت ئەسەرلىرىگە باي،تۇرمۇش مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئېتنىك تۇيغۇ ۋە مىللىي خاسلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر خەلق.
ئۇيغۇر خەلقى دۆلەت قۇرۇپ باققان، ھەققانىيەت،توغرا يول ۋە تىنچلىق ئۈچۈن ئىلىپ بارغان سانسىز ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بىر خەلق.
ئۇيغۇرلار ئۆزى كۈچەيگەن مەزگىللەردە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يوقىتىش خاراكتېرلىك ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان.
باشقا خەلق ۋە مىللەتلەر بىلەن ئىناق-ئېتتپاق ياشاش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان،دوستانە سودا، مەدەنىيەت ، مائارىپ ئالاقىسىنى ئىلىپ بارغان .
ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن باشقا بىر خەلقنى سەۋەبسىزلا ئۆزىنىڭ دۈشمىنى قىلىپ باققىنى يوق،ئۇلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى،زېمىنى،بايلىقىنى ئۆزىگە دوست بولغان بارلىق ئىنسانىيەت بىلەن مەڭگۈ ئورتاقلىشىدىغان ئادىمى پەزىلىتىدىن،مۇناسىۋەت ئۇسۇلىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.
بىز ئۇيغۇرلار پەقەت زۇلۇمغا قارشى تۇرىمىز،ئىنسانىيەتنىڭ ھۆر ۋە بەختلىك،خاتىرجەم ياشىشى ئۈمىد قىلىمىز،ئۆزىمىز بىلەن ھېچقانداق قانداشلىقى ،مۇناسىۋىتى بولمىغان زۇلۇم ئاستىدىكى كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىمىز،دۇئا قىلىمىز،مانا بۈگۈن ۋۇجۇدى ۋە ھاياتى بىزدەك ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق كۆز-قاراشلار،سۆيگۈ،گۈزەل تىلەكلەرگە تولغان ئۇيغۇر خەلقى -ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان كوممۇنىزم ۋە ئۇنىڭ زۇلۇمى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ،مانا بىز ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ رەھىمسىز ۋە نومۇسسىز زالىمغا قارشى كۈرەش قىلغۇچىلارمىز.
سياسى ،ئىقتىسادى ،ھەربىي كۈچى بىزدىن قۇدرەتلىك سانالغان تاجاۋۇزچى بىر كۈچ نومۇسسىز كوممۇنىستلار ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان زېمىن،بايلىقنى كۆزلەپ، مۇشۇنداق ئەقلى جەھەتتە ئىجادكار،روھى جەھەتتە مۇھەببەتلىك،تۇرمۇش جەھەتتە سۆيۈملۈك بىر خەلقنى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالدى.بۇ سىياسىتى ئاتمىش يىلدىن بىرى تۈرلۈك شەكىلدە داۋام قىلدى، نىشانى ۋە پىلانى ئازراقمۇ ئۆزگەرمىدى.
بۈگۈن بىز دەل ئاشۇ بۈيۈك ، سۆيۈملۈك، ئاق كۆڭۈل خەلقنىڭ ، ئىنسانىيەتكە كېرەكلىك مەدەنىيەت ۋە قىممەتلىك كۆز-قاراشلار،ئىدىيىلەرنىڭ ئىگىسىنىڭ نومۇسسىز، ئىپلاس ،پۈتۈن ئ‍ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان بىر كۈچ تەرىپىدىن دۈشمەن سانىلىپ يوقىتىشىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز، ئۆز مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان بىر دىكتاتورنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن بىز بۈگۈن ئۆزىمىزنى قەتئىي يوسۇندا قوغداش كۈرىشىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز.

زالىمنى تونۇش

بىز دۇچ كەلگەن دۈشمەن ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى .
ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد ،كۆز-قاراش،سۆزلەش ئەركىنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە جازالايدۇ.
ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ كەسكىن ۋە ئەشەددىي دۈشمىنى،ئۇنىڭ پروگراممىسىدا نە بىر ئىلاھ نە بىر ئەقىدە ئېتىراپ قىلىنمىغان ھەم ئاخىرقى غايىسى ئىنسانلارنى دىنسىز بىر مەۋجۇتلۇققا يېتەكلەش.
ئۇ ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇش،تۇغۇش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ،بوۋاقلارنى تۇغۇلماستىلا ئۆلتۈرىدۇ.
ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى جىنايەتچى دوختۇرلىرى قولى ئارقىلىق ئوغرىلاپ ساتىدۇ.
ئۇ بالىلارنىڭ بالىلاردەك غەمسىز،خاتىرجەم چوڭ بولۇشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت -تىنچ-ئامانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايدۇ،ھەممە كىشى بالىلىرىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ئۇ ئاياللارنىڭ ئاياللاردەك قەدىرلىك ياشىشىنىڭ يوللىرىنى ئېتىدۇ.
ئۇ قانۇن-تۇزۇم ئىجرا قىلمايدۇ،يالغان تۈزۈملەرنى ۋارقىرايدۇ،
ئۇ ھېچبىر رەھبەرنى دېموكراتىيە يولى بىلەن سايلاپ چىقمايدۇ،ئۇ بىر قارا جەمئىيەت گۇرۇھىدۇر.
ئۇ زورلۇق مائارىپى،ئەگەشمە مائارىپى يولغا قويۇپ،
ئىنسانلارنىڭ ئىجادى كۈچىنى ئۆلتۈرىدۇ.
ئۇ مونوپول بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ئارقىلىق پۇقرالارنى بىر ئۆمۈرلۈك مەدىكارچى قىلىدۇ.
ئۇ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئالاھىدە مەنپەئەتدار كارخانىلار ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئەركىن بازار رىقابىتىنى چەكلەيدۇ.
ئۇ مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇھىتنى بۇلغايدۇ.تەبىئەتنى دەپسەندە قىلىدۇ.
ئۇ تۆۋەن قاتلام ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ،يالغاندىن تەرەققىيات دوكلاتى يوللايدۇ.
پۇقرالارنىڭ ھۆكمەتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن چەتئەلنىڭ ھەر قانداق خەۋەر ۋە ئاخباراتنى قامال قىلىدۇ،پۇقرالارنى مۇستەقىل ئاخبارات بېرىشتىن چەكلەيدۇ.
ئۇ دىننى،مىللەتنى ،تىلنى يوقىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك چىرايلىق ئىسىملار بىلەن ئەشەددىي رەزىل سىياسەتلەرنى يولغا قويىدۇ.
ئۇ تەنقىدكە يول قويمايدۇ،تەكلىپكە يول قويمايدۇ،ئاشكارىلىققا يول قويمايدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن مىللەتچىلىكتىن پايدىلىنىدۇ.مىللەتلەر ئارا زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ.
ئۇ ھەر قانداق قارشى پىكىردىكىلەرنى رەھىمسىز ۋە يوشۇرۇن ئۇسۇلدا يوقىتىدۇ.
ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ نومۇسسىز يالغانچى!
خىتاي كوممۇنىستلارنىڭ پەقەت مەنپەئەتتىن باشقا غايىسى يوق.مەنپەئەتتىن باشقا سىياسىتى يوق،مەنپەئەتتىن باشقا پىرىنسىپى يوق،مەنپەئەتتىن باشقا پەلسەپىسى يوق،مەنپەئەتتىن باشقا تۇرمۇش ئۇسۇلى يوق.
ئىككى مىلىيوندىن ئارتۇق چېرىك ئەمەلدارلار بۇنىڭ مىسالى.

خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى!

خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى!
خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتاي خەلقىنىڭ دۈشمىنى،دېموكراتىيىنىڭ دۈشمىنى.
خىتاي كوممۇنىستلىرى ھىندىستان،پاكىستان،ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دۈشمىنى ،خىتاي زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىرىتورىيەسدە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.
خىتاي كوممۇنىستلىرى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ دۈشمىنى،ئۇلار بۇ يەردىكى ئاجىز كۈچلەرنى قوراللاندۇرۇش،ئىقتىسادى جەھەتتە قوللاش ئارقىلىق ئۆز تەسىر دائىرىسى ئۈچۈن كۈچ توپلاشنى مەقسەت قىلىپ،ساناقسىز بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ دۈشمىنى،ئۇلار بۇ رايوندا سۇنئى ئارال قۇرۇش،دېڭىز تەۋەلىك تالىشىش،مەبلەغ سېلىش يولى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نورمال ھاياتىغا تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.
خىتاي ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى،ئۇلار بۇ يەردىكى تەرەققىي قىلمىغان ئاساسى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش،ئ‍شچىلارنى يۆتكەش،مەبلەغ سېلىش يولى ئارقىلىق نوپۇس كۆپەيتىپ،يەرلىك خەلقنى ئۆز زېمىنىدا نامرات،مەدىكار ئورنىغا چۈشۈرۈپ ئۇلارنى تارىختىكى قۇل ئورۇنغا قايتۇرماقچى.
خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىنسانىيەت تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە كۆچمەن نوپۇس يۆتكەش،زېمىن ۋە تۇرالغۇ سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ساناقسىز كىشىلەرنى يۆتكەپ دۇنيانىڭ بايلىقى،سىياسىتىنى ئۆزىنىڭ رەزىل يەرشارى ستراتىگىيەسىگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاي كوممۇنىستلىرى يەنە خەلقئارا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش،خەلق پۇلىنىڭ كۇرسنى كونترول قىلىش ئارقىلىق بازار ئىگىلىكىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش،تاشقى سودىدا نا توغرا رىقابەت قوللىنىش،دىپلوماتىيىدە ئىقتىسادى تەھدىت سېلىش قاتارلىق چاكىنا ۋە رەزىل ئۇسۇللار بىلەن دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى يەرگە ئۇرۇۋاتىدۇ ،تاشقى جەھەتتە ئوغرىلىق سىياسىتى ئارقىلىق ئۈستۈنلۈك قازىنىش پىلانىدا قاترىماقتا.
خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەقسىتى:

ئېتىقادسىزلىق :ئېتىقادسىز مەدەنىيەت ۋە تۈزۈلمىنى تاراتماقچى!
ئىمپىرىيالىزىملىق:ھەممىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالىدىغان بۈيۈك ئىمپېرىيە بولماقچى!
دىكتاتورىلىق:دىكتاتورىلىقى بىلەن ھوقۇقنى مەڭگۈ چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرماقچى!
مىللەتچىلىك :خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغاپ ئىچكى ۋە تاشقى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرماقچى!
مەنپەئەت:ئۇيغۇر زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى ئاجىز مىللەتلەرنىڭ تۇپراقلىرىنى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق بايلىق ياراتماقچى !
زوراۋانلىق:بارلىق ئاجىز مىللەتلەرنى ،خەلقلەرنى زوراۋانلىق يولى بىلەن يوقاتماقچى
زالىمنىڭ مەقسىتى:
ئۇيغۇرنى يوقىتىش ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش!

بىرلىشىش تارىخى بۇرچىمىز !

خىتاي ئانا تۇپرىقىمىزدىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنى ھالاكەت گىردابىغا قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ بولدى،ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانى قالدۇرمىدى
مانا شۇ مەزلۇم ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئاۋازى بولغان مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ.
خىتاي بىزنى پارچىلاپ يوقاتماقچى،بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچنى يوقاتماقچى،ئۆز-ئارا دۈشمەنگە سالماقچى،پەرزەنتلىرىمىزنى بىزگە قارشى دۈشمەن قىلماقچى .ھەر بىر ئۇيغۇرغا يالغان -ساختا ئەيىبلەرنى يۈكلەپ،ئۆز-ئارا تىللاش، سېسىتىش، غەيۋەت ، ھەسەت، قارشى مەنپەئەت يولى ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە دۈشمەن قىلماقچى !
بىز ئەمدى يەنە ئالتە شەھەرلىك،ئۈرۈمچىلىك، غۇلجىلىق، ئاتۇشلۇق ئەمەسمىز، بىز بىرلەشكەن ئۇيغۇرلارمىز.
بىز ئەمدى تۈركىيەلىك،قازاقىستانلىق،ئامېرىكالىق،ياۋروپالىق ئۇيغۇرلار ئەمەسمىز،بىز پەقەت بىرلەشكەن ئۇيغۇرلارمىز.
بىز ئەمدى دىنچى،مىللەتچى،دىموكراتچى،غەرپچى،شەرقچى،رادىكال ئەمەسمىز،بىز پەقەت بىرلەشكەن ئۇيغۇرلارمىز.
بىز ئەمدى بىر تەشكىلاتتىن بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆز-ئارا سوغۇق ئۇرۇش ئوينايدىغان،شۆھرەت-نوپۇز تالىشىدىغان ناچار تارىختىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىشمىز كېرەك.
بىز ،بارلىق ئۇيغۇرلار ،مەيلى قەيەردە،قانداق خىزمەت ۋە ئارقا كۆرۈنۈشتە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر بىرلىششىدىغان،ھەمكارلىشىدىغان بىر تارىخ دەۋرگە كەلدۇق.
بىز ئەمدى ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك،
بىز ئەمدى ئۆز-ئارا ئشنىشىمىز كېرەك.
بىز ئەمدى ئۆز-ئارا ھەمكارلىششىمىز كېرەك.
بىز ئەمدى قوللىشىمىز كېرەك.
بىز ئەمدى بارلىق ئىچكى ئىختىلاپ،زىددىيەتنى تاشلاپ ،ئورتاق دۈشمەنگە – زۇلۇم ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى كۈرەش سېپىدا بىر مەيداندا تۇرۇشمىز كېرەك.بىز ئەمدى دۈشمەننى كۈلدۈرمەسلىكىمىز كېرەك.بىز ئەمدى رەقىبىمىزنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماسلىقىمىز كېرەك.
بىزنىڭ ئەمدى ئۆز-ئىچىمىزدىن دۈشمىنىمىز يوقتۇر،
بىزنىڭ بىرلا دۈشمىنىمىز بار،ئۇ بولسىمۇ زۇلۇم ۋە رەزىللىكنىڭ مەنبەسىدۇر،ئۇ دۈشمىنىمىز بولسىمۇ نومۇسسىز، ئىمانسىز، ئىمپىريالىست، يالغانچى، ,رەھىمسىز،دىكتاتور خىتاي كوممۇنستلىرىدۇر.
خىتاي كوممۇنىستلىرى مائارىپ،مېدىيا ،ج خ، قاتناش، سەھىيە، ئارمىيە،دىنى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىپ ئۇيغۇرغا قارشى دۆلەت ھەرىكىتى،خەلق ھەرىكىتى،ئامما ھەرىكىتى قوزغاش .
ئىمرىپىيالست،كوممۇنست،دىنسىز ،خىتاي ۋاسىتە تاللىمايدۇ،قانۇننى ئىجرا قىلمايدۇ،راست سۆزلىمەيدۇ،ئۇلاردا يۈز،غۇرۇر،ئادىمىيلىك يوق.

خىتاينى رەسۋا قىلىش كېرەك!

ۋەتەن سىرتى ۋە ئېچىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر زالىم ۋە نومۇسسىز خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.سز ئۆزىڭىزنى خىتاي ماڭا ھېچقانداق زىيانكەشلىك قىلمايدۇ،مەن يەنە خىتاي بىلەن نورمال ئالاقىدە بولىمەن دېگەن خىيالدا بولماڭ،خىتاي سىزگە بەك ئاشكارا،بەك جىددىي سىگنال بەردى،ھەر قانداق ئۇيغۇر مىنڭ دۇشمىنىم!

ختتاينى رەھمدىل ، ئادىمىگەر دەپ ئويلىغان ئنسانلار ئويغىنىڭلار!
ختتاي ھىچقانداق ئۇيغۇرغا ئ‍شەنمەيدۇ، تۇرمىگە سولانغان باشلىق،زىيالى، سەنئەتكار،دىنى ئۇيغۇرلار بۇنىڭ تېپىك ۋەكىلى، ختتاي ھەر بىر زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇرنى ختتاينى شەكسز ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا،ئۇيغۇرلۇققا قارشى،ئسلام مەدەنىيتىگە قارشى ،مۇسۇلمانلىققا قارشى،مىللى ھەرىكەتكە قارشى قەسەم قىلدۇرۇپ ،ئاشكارا ھالدا مەيدانىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلىماقتا.
ختتاي كوممۇنستلىرى ھەتتا ئۆزى ئۇچۇن ئۆمۇر بويى ئشلىگەن ختتايلارغىمۇ ‍ئشەنمەيدۇ.
بىز ھەر بىر ئۇيغۇر مەيدانىمىزنى ئاشكارا بىلدۇرسەكلا ،پائالىيەتچىلىرىمىزنى يالغۇز قالدۇرمىساقلا، ھەممىمىز ئوخشاش سادا،ئوخشاش غايە،ئوخشاش نشان بىلەن ئىرادە قىلساق،سۆزلىسەك،ھەرىكەت قىلساق،يازساق ، ختتاي بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلىدۇ.

ۋەتەن سرتىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار،سلەر ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار چېكىۋاتقان زۇلۇم،تارتىۋاتقان ئازاپلىرى بەدىلىگە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھېمايىسدە تۇرىۋاتىسلەر.ئەمما نۇرغۇنلىرىڭلار ھىلىگەر ۋە نومۇسسز ختتاينىڭ ئاسارىتىگە قارشى مەيدانىڭلارنى ئاشكارا ھالدا ئىپادە قىلالمايۋاتىسلەر.قورقماڭلار.
ختتاي قورقساڭلارمۇ،قورقمساڭلارمۇ،ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلساڭلارمۇ قارشىلىق قىلمىساڭلارمۇ پەقەت ئۇيغۇر بولغىنىڭلار ئۈچۈن مەڭگۈ سلەرنى دۇشمەن كۆرىدۇ.ئۆزۇڭلارنى مەن ختتاي دىسەڭلارمۇ ختتاي سلەرگە ئشەنمەيدۇ،ئۇ سلەرنى مەڭگۇ دۇشمەن كۆرىدۇ،ئۇنىڭ مەقسدى ئۇيغۇرنى يوقتىش.سلەر ختتايغا قارشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى ،تارىختىن بىرى ختتاي بىلەن قارشلاشقان،ئۇنى رەسۋا قىلىۋاتقان ،ئۇنى ئاجىز ئورۇنغا چۇشۇرۇۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى.
قىنى سز سىزنى ۋە ئائىلىڭىزنى،مىللىتىڭىزنى يوقىتىشنى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاشكارا نىشانى قىلغان،سىزنى مەڭگۈ ئۆز دوستى كۆرمەيدىغان خىتايغا قارشى مەيدانىڭىز قەتئىي ۋە ئاشكارىمۇ؟

خىتاينىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئاجىزلار بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇشتىن ھەقىقەتتىن ۋاز كەچكەنلەرگە شۇنداق دەيمىز :
خىتاينىڭ كۈچلۈك بولۇشى پەقەتلا بىر سەۋەبتىن:ئۇلار ھاكىمىيەت ۋە ھاكىمىيەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىر زەنجىرگە باغلىۋالغان خالاس.
ئىنسانىيەت تارىخىدا ئومۇمى خەلق مەنپەئىتىگە قارشى ھەر قانداق رەزىل كۈچ مۇقەررەر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە نومۇسلۇق تارىخ قالدۇرۇپ كەتكەن.
ئۇيغۇرلار شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىككى،ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل ،ئەڭ نومۇسسىز، ئەڭ قۇدرەتلىك دەپ سانالغان كوممۇنست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەيدان ھازىرلاۋاتىدۇ.

خىتاي كوممۇنىستلار ئەڭ رەزىل كۈچلەردۇر:
خىتاي كوممۇنىستلىرىدا ئىنسانلارغا رەھىم-شەپقەت يوق.
خىتاي كوممۇنىستلىرىدا مۇھەببەت ۋە ساغلام تۇيغۇ يوق.
خىتاي كوممۇنىستلىرىدا سەمىمىيەت ۋە دۇرۇسلۇق يوق.
خىتاي كوممۇنىستلىرىدا ئىمان-ئنساپ يوق.
خىتاي كوممۇنىستلىرىدا ھەقىقەت ۋە ئادالەت يوق.
خىتاي كوممۇنىستلىرىدا دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىك يوق.
خىتاي كوممۇنىستلىرىدا قانۇنچىلىق ۋە ساغلام تۇزۇم يوق.
خىتاي كوممۇنىستلىرىدا ئىنسانى ھوقۇق ۋە ئىنسانى قەدىر-قىممەت يوق.
خىتاي كوممۇنىستلىرىدا ھەقىقىي سەنئەت،مەدەنىيەت،مۇھەببەت يوق.

خىتايلاردا پەقەت باج تاپشۇرغۇچى خەلقنى ئالداپ ئېرىشكەن بايلىق،تاجاۋۇز قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن زېمىن ۋە تەبىئىي بايلىق،بۇ پۇللارغا سېتىۋالغان قورال ۋە پۇل ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىدىغان سېتىلغان ياللانمىلار بار خالاس.

خىتاي كوممۇنىستلىرى قىپقىزىل يالغانچى.
خىتاي كوممۇنىستلىرى ۋاسىتە تاللىمايدىغان دەرىجىدە پەسكەش.
خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دەرىجىدە رەھىمسىز.
خىتاي كوممۇنىستلىرى مەنپەئەت،مال-دۇنيا،ھوقۇق،قورساق بېقىشتىن باشقىنى مۇھىم قارىمايدۇ،

ئۇيغۇرلاردا ئىشەنچ بار

بىز تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ۋە گۈللەندۈرگەن خەلق.
بىز ئوتتۇرا ئاسىيادا مەدەنىيەت،تەرەققىيات ۋە مائارىپ تارقاتقان خەلق.
بىز كىشىلەرگە سەنئەت،مۇزىكا،ئۇسۇلنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ھېس قىلدۇرغان خەلق.
بىز دۇنيا كۆزەتكۈچىلىرى ۋە مەتبۇئاتىنى خىتايغا باش ئەگمىگەنلىكىمىز بىلەن ھەيران قالدۇرغان خەلق.
بىز باشقا ئېزىلگۈچىلەرگە زالىمغا قارشى كۈرەش قىلىش روھىنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرسىتىۋاتقان بىر خەلق.
ئۇيغۇرلاردا ھەققانىيەت روھى بار،
ئۇيغۇرلاردا ئىمان-ئېتقاد بار،
ئۇيغۇرلاردا بىر مىليارد 300 مىليون كۈچلۈك خىتايغا قارشى جاسارەت بار،
ئۇيغۇرلاردا ئۆز مەدەنىيىتى،تىلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوغداش ئەقىدىسى بار،
ئۇيغۇرلاردا يېڭىلمەس،پۈتمەس-سۇنماس ئىرادە بار.
ئۇيغۇرلاردا ھەمكارلىق روھى بار.
ھەرگىز ئىككىلىنىپ قالماڭلاركى ،بىز ئۇيغۇرلار بۇ تارىخى كۈرەشتە ئۇتۇپ چىقىمىز!رەزىل كوممۇنىستلار ئېچىنىشلىق ئۇسۇلدا ۋەيران بولىدۇ.
قىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار،نىشانىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ،سەمىمىيىتىمىزنى ھەرىكىتىمىزدە ئىپادىلەپ،ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ،ئورتاق دۈشمىنىمىز خىتايغا تاقابىل تۇرايلى!
ئۇنىڭ بارلىق رەزىل-ئەپتى بەشىرىسىنى دۇنياغا تۈرلۈك تۈمەن ئۇسۇللاردا بىلدۈرەيلى،خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى تېخىمۇ كۆپ كۈچلەرنى سېپىمىزگە قوشايلى!
ياراتقۇچى ئىگىمىز مۇبارەك ئاللا زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنى جاۋابسىز قويمايدۇ،ھاياتىنى كۈرەش يولىمىزغا بېغىشلىغان،ئۈن-تىنسىز كۈرەش قىلىۋاتقان،خىتاي تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان،ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەمتىرەپ قىلىۋاتقان ،چەتئەللەردە يۇرتسىز، ئاتا-ئانىسىز سەرگەردان بولۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلايلى:
ئەڭ يۈكسەك قۇدرەتلىك،چەكسىز مېھرىبان ئاللا،بىز مەزلۇم ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەرگىن!

Leave a Comment

*

*