ئالىي كېڭەش ۋە پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

مەن، خەلقىمىزنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىۋاتقانلىقىنى ، جۈملىدىن خىتاينىڭ ياۋۇز قولىنى مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا قارىتا ئۇزاتقانلىقىدەك جىددىي ۋەزىيەتنى ھەم بىرقانچە ھەپتىدىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى جامائىتىمىزنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرىدىن كەلگەن قىممەتلىك تەلەپ-چاقىرىقلارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا داۋادا مىللىي بىرلىك سەپنى قوغداش ۋە ئىچكى تالاش-تارتىشلارغا تېزدىن خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، گوللاندىيەدە مۇشۇ ئاينىڭ 21- ۋە 23-كۈنلىرى ئارىسىدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئالىي كېڭەش ۋە گېرمانىيەدە 25-ۋە 27-ئاۋغۇست ئارىسىدا ئېچىلىشى پىلانلىنىۋاتقان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئېچىلىش قارارىنى ئىناۋەتسىز قىلىمەن ؛ مەزكۇر ئىككى يىغىنىنى ئېچىش-ئاچماسلىق ۋە قەيەردە ئېچىش مەسىلىسى ئەڭ يېقىن مەزگىلدە  قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا قۇرۇلتاي نىزامنامىسىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئاساسەن مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ھازىرغا قەدەر قۇرۇلتاي نامىدا بۇ ئىككى يىغىن ھەققىدە چىقىرىلغان بارلىق ئېلانلارنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرۇيمەن.

ھەر ئىككى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سەپەر تەييارلىقىنى توختىتىشقا ۋە نورمال خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىمەن.

  -ئۇيغۇر مىللى  ھەركىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*