رابىيە قادىر خانىم: ليۇ شاۋبونىڭ ئۆلۈمىدىن ئويلىغانلىرىم

ليۇ شاۋبونىڭ كېسىلىدىن ئۆلۈمىدىن 17 كۈن بۇرۇن خەۋەر تاپتۇق، دۇنيا خىتاينى ليۇ شاۋبونىڭ كېسىلىنى نېمە ئۈچۈن بۇرۇن بايقىمىغانلىقى ياكى نېمە ئۈچۈن بالدۇرراق ئاشكارىلىمىغانلىقىنى سوراشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى، چۈنكى خىتاي ليۇ شاۋبونىڭ چەتئەلدە داۋالىنىشتىن ئىبارەت ئۆلۈم ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنىمۇ رەت قىلغان ئىدى. دۇنيا، جۈملىدىن غەرب خىتاينى مۇشۇنىڭغىمۇ كۆندۈرەلمىدى.

 بەزىلەر ليۇ شاۋبوغا داۋالىنىش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكى سەۋەپلىك يەنىلا  كومۇنىستىك تۈزۈمنى، خىتاي كومپارتىيىسىنى ئەيىپلىشىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتە خىتايدا كومۇنىستىك تۈزۈم مەۋجۇت ئەمەس، كومۇنىستىك پارتىيەمۇ مەۋجۇت ئەمەس (ئاڭ ۋە ئىدىيە جەھەتتىن)، پەقەت ھوقۇق مەستانىسى شى جىنڭپىڭ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى مەۋجۇت. ليۇ شاۋبونىڭ قاتىلى باشقا بىرسى ئەمەس، پەقەتلا شى جىنپىڭ!

ليۇ شاۋبونىڭ ئۆلۈمى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت گۇرۇھىنىڭ ئىنسانلىقتىن، زامانىۋىلىقتىن، مەدەنىيلىكتىن نە قەدەر ئۇزۇن مۇساپىدە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلىدى.
ليۇ شاۋبو ئايالىنى چەتئەلگە چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاددىي بىر تەلىپىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانغا ئوخشاش، بىر مىليارد خىتاي خەلقى بۇ قەھرىمانىنىڭ ئۆلۈمىگە ئىككى ئېغىز مەرسىيە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم، ئەكسىچە يىغىسىنى ئىچىدە يۇتۇشقا، ھەتتا كۆڭلىدىكىنىڭ ئەكسىنى دېيىشكە مەجبۇر.
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات قوشۇنى بولغان خىتاي ئاخباراتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى ليۇ شاۋبونىڭ ئۆلۈمىگە نىسبەتەن سۈكۈتتە. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بىر مىليارد ئىنسان ئىچىدە ئۆزلىرىگە 2008 نىزامنامىسى دىن ئىبارەت بىر ئادالەت لايىھىسىنى سۇنغان، ئۆزلىرى ئۈچۈن تۈرمىگە كىرگەن ۋە شۇ يولدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ قەھرىمانىنى تونۇغۇدەك ئاڭ، ئۇنىڭغا ئۆلۈمىدە بولسىمۇ ساھىب چىققۇدەك ۋىجدان ساھىبلىرى يوقمىدۇ، ھېچ بولمىغاندا بۇنداقلاردىن 1000ئى ياكى 100 ئى يوقمىدۇ؟ ئەلۋەتتە يوق ئەمەس، ئۇلارنىڭ باش كۆتۈرەلمەسلىكى، ئاۋازىنى چىقىرالماسلىقى شى جىنپىڭ رېجىمىنىڭ تۆمۈر تاپىنىنىڭ ئىزىدىن باشقا نەرسە ئەمەس!

شى جىنپىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشنى بىر مىليارد خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىدىن ئۈستۈن قويمىغان بولسا، ليۇ شاۋبو تۈرمىگە تاشلانمىغان ۋە سالامەتلىكى زەخىمىگە ئۇچرىمىغان بولاتتى. شى جىنڭىڭدا، سەكراتتىكى رەقىبىگە كەڭقورساق بولالىغۇدەك بىر مەردلىك بولغان بولسا، ليۇ شاۋبو كۆزى ئوچۇق كەتمىگەن- ئايالىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشىلەنمەي دۇنيادىن ۋىدالاشقان بولاتتى. ئۆلۈم ئالدىدىكى ئىنسانغىمۇ مەرھەمىتى بولمىغان ،بىر لىدېردىن نىمىنى كۈتۈشىمىز مۇمكىن؟

مەن دۇنيادىكى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا  جامائەت ئەربابلىرى ئىچىدە   ئىنسان ھەقلىرىدىن ئېغىز ئېچىپ تۇرۇپ، ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى شوئار قىلىپ تۇرۇپ، ليۇ شاۋبونىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يەنە شى جىنپىڭدىن ئازراق سەسكەنمىگەن، يەنە ئۇنىڭغا تەبەسسۇم بىلەن باقالىغانلارغا، ئۇلارنىڭ شوئارىنىڭ چىنلىقىغا ئەمەس، ئەخلاقىنىڭ دۇرۇسلۇقىغا  تەئەججۈپ بىلەن قارايمەن.

ھاياتىدا بىر تامچە قان ئاقتۇرمىغان، قەلەم ۋە ئېغىزدىن باشقا قورالغا مۇراجىئەت قىلمىغان، غايىسى دېموكراتىيە ۋە ئادالەتتىن باشقا نەرسە بولمىغان، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بىلەن قېنى بىر بولغان بۇ ئۆكتىچى زاتقا قىلىنغان بۇ مۇئامىلە، مېنى ،  مۇستەقىللىق (مىللى ئازادلىق)  ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بىلەن قېنى، تىلى، دىنىي بىردەك بولمىغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بېشىغا تۈرمىدە نېمە كۈنلەر كېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر رەت ئويلىنىشقا مەجبۇرلىدى . ئادۋوكاتى تۇتقۇنغا ئۇچرىغان مەھبۇس ئىلھام توختىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى قانداقتۇر؟ بۈگۈنگىچە ئادۋوكاتى بولۇپ باقمىغان ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىن، مەمەتجان ئابدۇللا ۋە ئۆمەرجان سىدىقلارنىڭ سالامەتلىكى قايسى دەرىجىدىدۇر؟ ئەسلىدە 12 يىللىق كېسىلگەن، نامازدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ئۈچۈنلا جازا مۇددىتى 5 قېتىم ئۇزارتىلىپ 25 يىلدىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى ھاياتمىدۇ؟

Leave a Comment

*

*