مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى

مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىپ باشلاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشلىرى ھەققىدە ھازىرغىچە رادىيومىزغا يەتكۈزۈلگەن مەلۇماتلاردىكى تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلار سانى يۈزدىن ئاشىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە قورۇمىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ھەتتا قۇچىقىدىكى بوۋاقلىرى بىلەن تۇتۇلغان ئاياللارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم. مىسىر ۋاقتى 5-ئىيۇل كېچە سائەت بىر ئەتراپىدا تۇتقۇنغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر بالىلار دەسلەپ رادىيومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېلىنغانلىقى، ئىككى قېتىملىق ئايروپىلاندىن توسۇپ قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 70 تىن ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار يەتكۈزگەن بولسىمۇ، مىسىر ساقچىلىرى ئۇلارنى كىشەنلەپ، ئايرودرومدىن شۇ يەر ۋاقتى 4 لەردە ئېلىپ ماڭغاندىن بۇيان ئۇلار بىلەن ئالاقىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى.

ئىككى ئۈچ ئايدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك ۋەھىمە، بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، قاھىرەدە ئوقۇشىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 4-ئىيۇلدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان 7-رايوندىكى ئاشخانىلاردىن، مەسچىت، دۇكان ھەتتا كوچىلاردىن، ئۆيلىرىدىن قاھىرە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى، تەھدىتتە قالغان بەزى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە‏-تاۋابىئاتلىرى، ھەتتا بۇ مەھەللىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ساقچىلارنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن كىرالىغان ئۆيلىرىنى، بار بىساتىنى تاشلاپ قاھىرەدىن ئايرىلىپ تۈركۈملەپ باشقا شەھەر ۋە دۆلەتلەرگە يول ئېلىشقا باشلىغان. قاھىرە ئايرودرومىدا 4-ئىيۇل ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، باشقا ئايرودروملارغا بېرىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىشقا تەۋەككۈل قىلغانلىرىمۇ ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەن.

شۇ جاي ۋاقتى 5-ئىيۇل كېچە سائەت بىرلەردە ئىسكەندەرىيە ئايرودرومىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن سۈرەتلىك ۋە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ دۇبەيگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئوڭۇشلۇق چىقىپ بولغاندا، ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈۋېلىنغانلىقىنى، ئارقا ‏-ئارقىدىن ئىككى نۆۋەتلىكى ئايروپىلاندىن 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە بىر سائەتلەردىن كېيىن بولسا، تۇتۇلغان بالىلارنىڭ جىددىي ھالدا بىزنى ئېلىپ ماڭىدىغان بولدى دېگەن ئاۋازى كەلدى، خۇددى جىنايەتچىلەردەك قوللىرى كىشەنلىنىپ ئاپتوموبىلغا بېسىپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق يوللىغان سۈرەتلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېخى 15، 16 ياشلاردىكى قورۇمىغا يەتمىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ سېيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. ئۇلار ئايرودرومدىن يۆتكىلىش ئالدىدا، مىسىر ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارغا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئىسكەندەرىيە ئايرودرومىدا 5-ئىيۇل كېچە توسۇپ قىلىنىپ كەينىدىن قوللىرى كىشەنلەنگەن ھالدا ئېلىپ مېڭىلغان، سانى 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى نامەلۇم.

ئوخشاشلا شۇ كۈنى ئىسكەندەرىيە ئايرودرومىدا توسۇپ قېلىنغان ئۇيغۇر بالىلارنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بىر ئايال، ئۆزىنىڭ ئايرودرومدا كۆزىتىپ تۇرۇش جەريانىدا، ساقچىلار تەرىپىدىن 20 دىن ئارتۇق بالىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇچىقىدا بالىسى بار ئاياللارنىمۇ كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.

4-ئىيۇل قاھىرەدە باشلانغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى سەۋەبلىك، ئۆزىنىڭ ئىككى پەرزەنتىدىن باشقا يەنە ئۆزى ھامىيلىققا ئالغان 4 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ، 10 يىلدىن بۇيان بۇ شەھەردە قۇرغان ئۆيى ۋە بارلىق بىساتىنى تەرك ئېتىپ، باشقا شەھەرگە قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ مەلۇمات بېرىشىگە قارىغاندا، بۇ تۇتقۇندىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان 7-رايوندا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ناتونۇش گۇمانلىق ئۇيغۇرلار پەيدا بولۇپ قالغان ۋە بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پايلاۋاتقانلىقىنىمۇ بايقاپ، بۇ ھەقتە ئۆز-ئارا بىر بىرىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئارقىدىنلا ساقچىلارنىڭ كېچىلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە، ئۇلار تاماق يەيدىغان ئاشخانىلارغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىشى باشلانغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*