يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي ئاتموسفېرا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ روھىيىتىگە قانداق «ئۆسمە» لەرنى تېرىۋاتىدۇ؟

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولغان بىر سىن كۆرۈنۈشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازىرىغا قاراشلىق ئاچال كەنتىدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە سۈرەتكە ئېلىنغانلىقى مەلۇم.

ئۇنىڭدا، ئەمدىلا چۈچۈك تىلى چىققان 2-3 ياشلاردىكى بىر سەبىي بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن سورىغان سوئاللىرىغا جاۋابەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭدىن تارتىپ تاكى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازىرى ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنتتىكى كىچىك ئەمەلدارلارغا قەدەر، ئۇلارنىڭ ئىسىم ۋە ئەمەل دەرىجىسىنى بىرمۇ-بىر يادلاپ بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئۆتكەن يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 3-4 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر سەبىي ئۇيغۇر بالىنىڭ مەلۇم بىر «قوش تىللىق» يەسلىدە ئۆزىنىڭ چۈچۈك ئۇيغۇرچە ئاھاڭى بىلەن خىتاي ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتايچە ئۆگىتىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالغان ئىدى.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە خىتاي يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نەسرۇللا ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر بالىغا تۇرمۇشقا لازىملىق ئادەتتىكى خىتايچە سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلەت بايرىقى بىلەن خىتاي دۆلەت گىرىبىنى خىتايچە دېيىشكە زورلىشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى 7-دېكابىر كۈنى يەنە، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13-قانىلىدا خىتايدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىككى-ئۈچ ياشلىق يەسلى بالىلىرىنى ئۇرۇپ-قىيناۋاتقانلىقىغا دائىر نەق مەيدان خەۋىرىمۇ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تاكى خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىغىچە ئورۇن ئالغان بۇ ھادىسىلەر خىتاينىڭ يەسلى مائارىپىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىدا كۆرۈلۈۋاتقان قانداق بىر ئاچچىق رېئاللىقنى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ؟

گۇما ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر «قوش تىللىق» باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىق سىنىپلىرىغا دەرس بېرىدىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىنىپتىكى ئۇيغۇر بالىلار مەيلى چۈشەنسۇن ياكى چۈشەنمىسۇن، پۈتۈن دەرسلەر خىتايچە ئۆتىلىدىكەن. ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپتا ئۇيغۇرچە سۆزلىشى قاتتىق چەكلىنىدىكەن.

ئاتالمىش «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا قانداق جاراھەتلەرنى تېرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ، ھەتتا ئائىلە تەربىيەسىدە تۇرۇۋاتقان سەبىي بالىلارنىڭ بالىلىق دۇنياسىنى قانداق بۇلغاۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق رېئاللىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.

بالىلار پسىخولىگىيەسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن رۇقىيە تۇردۇش خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەنىۋىي كرىزىس ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.

رۇقىيە تۇردۇش خانىم، كەلپىن ئاچالدىن سۈرەتكە ئېلىنغان مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدىكى ئەھۋال، ئەگەردە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە داۋاملىق كېڭەيسە، ئۇ چاغدا پۈتكۈل مىللەتنىڭ مىللىي روھىيىتى «قۇلچىلىق، خۇشامەتچىلىك ۋە ئۆزىنى كەمسۇندۇرۇش» تەك پسىخىك ئاجىزلىقلار بىلەن زەرەتلىنىدۇ، دېدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «بالىلىق دەۋر بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ غۇبارسىز بىر مەزگىل. مەن ياپونىيەدە ياشاش جەريانىدا بالامنىڭ ياپون يەسلىلىرى بىلەن مەكتەپلىرىدە ئىنسانىي تۇيغۇ ۋە ئىنسانلار ئارا مۇھەببەتكە يېتەكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ھالبۇكى، خىتايدىكى سەبىي بالىلار يەسلى يېشىدىن باشلاپ مۇھەببەتكە ئەمەس، بەلكى خىتايدىن باشقا يات مىللەتلەرگە بولغان دۈشمەنلىك تۇيغۇسىغا، سىرتقا قارىتا ياپونىيەگە بولغان ئۆچمەنلىككە يېتەكلىنىدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى بىر پاجىئە» دېدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*