خىتاي ھۆكۈمىتى: قوش دۆلەت پۇقرالىرى خىتاي چېگراسىدىن خالىغانچە كىرىپ-چىقالمايدۇ

خىتاي قوش دۆلەت پۇقرالىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قارىتا چارە قوللىنىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئىلگىرى نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىقىغا ئىگە كىشىلەر گەرچە ئۆزى كۈچمەن بولغان باشقا ئەللەرنىڭ پاسپورتىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، تۇغۇلغان جايىدىكى يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىش، بېرىپ-كېلىشكە ئاسان بولۇش ئۈچۈن خىتاي پۇقرالىقىدىنىمۇ ۋاز كەچمىگەن. لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق كىشىلەر بايقالسا، ئۇلارنىڭ خىتاي چېگراسىدىن ئاتلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقى، ھەتتا خىتايدىن چىقىشى چەكلىنىدىغانلىقى، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي ئۇقتۇرۇلدى. 7-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ تەدبىر ئۈرۈمچى جامائەت جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىنمۇ دەلىللەندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 26-ئىيۇن ئۆزىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 7-ئايدىن باشلاپ چەتئەل پاسپورتىغا ئىگە، ئەمما خىتايدىكى نوپۇسىنى ئۈچۈرمىگەنلەرنىڭ خىتاي چېگراسىدىن چىقىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ئۇقتۇرۇش خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ پاسپورت قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قارىتا بۇ يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان تۈزىتىش كىرگۈزگەن تەدبىرىگە ئاساسەن چىقىرىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ چېگرا ئېغىزلىرى، خەلقئارالىق ئايروپىلان ئىستانسىلىرىدا چەتئەلدىن كىرگۈچىلەرنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىش تەدبىرى بۇ يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى شۇنداقلا خىتاي بويىچە ئېلان قىلىنغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ يېڭى ئىجرا تەدبىرىدە، قوش دۆلەت پاسپورتىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ خىتايدىكى نوپۇسى ئۆچۈرۈلمىگەنلىكى بايقىلىپلا قالسا، ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىشى چەكلىنىدىكەن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي رەسمىيەتلىرى تەستىقلەنمىگۈچە چېگرا ئاتلاش ھوقۇقى بولمايدىكەن. بۇ بەلگىلىمە بويىچە يەنە، 14 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ھەر قانداق چەتئەل پاسپورتىغا ئىگە جۇڭگودا تۇغۇلغانلارنىڭ خىتاي چېگراسىدىن ئۆتكەندە 10 بارمىقىنىڭ ئىزى، چىرايى، كۆز رەڭدار پەردە خاتىرىسى قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك بەلگىلىرىنى ئارخىپقا ئالدۇرۇشى شەرت ئىكەن.

مەزكۇر تەدبىرنىڭ ھەر قايسى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا تارقىتىلىپ 7-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقى ئۈرۈمچى باۋشەن يولى ساقچىخانىسىدىن دەلىللەندى.

خىتاي ساقچى بۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسى ئۆچۈرۈلمىگەن قوش دۆلەت پۇقرالىقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ چېگرادىن چىقىشى چەكلىنىدىغانلىقى، بولۇپمۇ 26 نۇقتىلىق دۆلەتلەردە ئولتۇرۇشلۇق ياكى ئۇلارنىڭ پۇقرالىقىغا ئىگە كىشىلەرگە خىتاي چېگراسىدىن كىرىپ-چىققۇچە چوقۇم يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىكى تەلەپلەر قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ بۇ بەلگىلىمىسى مەزكۇر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىشتىن بۇرۇنلا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، قازاقىستان پۇقرالىقىغا ۋە قازاقىستاندا مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە قازاقلارنىڭ يېقىنقى ئايلاردا خىتاي تەرىپىدىن پاسپورتلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر تارقاتقان ئىدۇق. يېقىندا قازاقىستاندىن رادىيومىزغا مەلۇمات بەرگەن بىر قازاق كىشىنىڭ دېيىشىچە، گەرچە قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ بېسىمى تۈپەيلى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دائىرىلىرى قازاقلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغان پاسپورتلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، دائىرىلەرگە تىزىمغا ئالدۇرماي ۋە رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ چېگرادىن ئاتلىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ 8-ماددىسىدا «جۇڭگو پۇقرالىقىغا ئۆتۈشكە ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلانغانلار باشقا دۆلەت پۇقرالىقىدىن ئاپتوماتىك ۋاز كەچكەن بولىدۇ. 9-ماددىسىدا بولسا، چەتئەللەرگە كۈچمەن بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىقىنى قوبۇل قىلغان ھامان جۇڭگو پۇقراسىلىق سالاھىتىدىن ئاپتوماتىك ھالدا مەھرۇم قالىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.

ئەمما، بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بارغانچە يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق چىڭىتىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا قارىتا خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىن يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن خىتاي پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچمىگەن قوش سالاھىيەتلىك كىشىلەردە، بولۇپمۇ خىتاي تەرىپىدىن بېرىلگەن سالاھىيەتلىرى بىلەن ئۆي مۈلۈك، شىركەت، بانكا قاتارلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن كىشىلەردە، خىتايغا كىرىشى ۋە ئىش بېجىرىشلىرىنىڭ دەخلىگە ئۇچرايدىغانلىقىدەك ئەندىشىلەر پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرائاتلىرى، گەرچە پۈتكۈل خىتاي دائىرىسىدە ئىجرا قىلىنسىمۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئالاھىدە چىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقرالىقىغا ئىگە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ۋە ۋەتىنىگە قايتماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ۋە يۈز بېرىپ ئېھتىماللىقى بار ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇۋاپىق تەييارلىقى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*