رابىيە قادىر خانىم: ھەممىڭلارغا روزا ھېيتلىق سالام !

(روزا ھېيت كۈنى مىللىي رەھبىرىمىز ۋە مەنىۋى ئانىمىز رابىيە قادىر خانىم بايراملىق سالاملىرىنى تۆۋەندىكى تىلەكلىرى بىلەن ئىزاھ قىلدى)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار:
2017 – 06- 25 -نچى كۈنى ئۇلۇغ روزا ھېيتىنى يەنە بىر قېتىم كۈتۈۋالدۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بۇ مۇقەددەس روزا ھېيت كۈنلىرىدە مېنىڭ قىزغىن تىلەكلىرىم ۋە دۇئالىرىم سىلەر بىلەن بىرگە. ئاللاھ رامزان ئېيىدا تۇتقان روزا ۋە قىلغان ئىبادەتلىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن! قىلغان دۇئايىڭلار،ئارزۇ – ئارمان ۋە تىلەكلىرىڭلار ئىجابەت بولسۇن.. ئىنشائاللا پۈتۈن دۇنيادا ئۇرۇش توختاپ تىنچلىق بەرپا بولسۇن! سەرگەردان ۋە كۆچمەن بولۇۋاتقانلارنىڭ سەرگەردانلىق مۇشەققىتىنى ئاللاھ كۆتۈرۈۋەتسۇن، ئازاب ئوقۇبەت چېكىۋاتقان پۈتۈن خەلق ئازاب ئوقۇبەتلىرىدىن خالاس بولسۇن……
ھازىر بېشىدىن ئېغىر كۈنلەرنى كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى كۈلپەتلەرنى ئاللاھ كۆتۈرۈۋەتسۇن، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىمىز بالدۇرراق ئازاد بولۇپ، ھەممىمىزنى بالدۇرراق ۋەتىنىمىزگە قايتىپ كېتىشكە نېسىپ قىلسۇن.
بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزا ھېيتىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىنى، شۇنداقلا ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ كېسەللىك، بالايى- ئاپەتتىن خالى ھېيت ئۆتكۈزۈشى، خىتاينىڭ زۇلۇمىنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىپ، خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەسلىنىدىغان كۈنلەرنىڭ بالدۇرراق كېلىشى ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ تەڭ دۇئا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم، ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا يەنە بىر قېتىم مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلارنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق، دۇئالىرىڭلارنىڭ ئىجابەت بولۇشىنى تىلەپ:
ئېھتىرام بىلەن
رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*