كەنت سېكرېتارى: توختى ھامۇتنىڭ گۇناھى دۇبەينى زىيارەت قىلىش ۋە گۇمانلىق دىنىي زاتقا يېقىن يولاش

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، قەشقەر پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزا بىرىنچى كەنت سېكرېتارى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۆز كەنتىدىن نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ ناھىيەدە تەربىيە كۆرۈۋاتقان 18 كىشىنىڭ ھەربىرىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇنلاردىن بىرى توختى ھامۇت دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئائىلىسى بىلەن دۇبەينى زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە قەشقەردە سىياسىي جەھەتتىن گۇمانلىق بىر ئىمامدا تەلىم ئالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان. سېكرېتار، توختى ھامۇتنىڭ تۇتۇلۇشىغا قەشقەر تۇۋاق بازىرىدىكى سادىق قارىمدا تەلىم ئالغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلغان بولسىمۇ، سادىق قارىمىنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشى داۋامىدا، سادىق قارىمىنىڭ تۇۋاق بازىرىدىكى قازانچى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي تۇتقۇنلارنىڭ ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان تۇتۇلۇش سەۋەبلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىلگىرىكى يىللاردا ئۆزلىرى قانۇنسىز دەپ قارىغان بىر ھەرىكەت ياكى سورۇنغا قاتناشقانلارنى تۇتۇپ ۋە جازالاپ كەلگەن بولسا، بۇ يىلقى تۇتقۇندا، ئاتالمىش قانۇنسىز ياكى گۇمانلىق دەپ قارىغان كىشى ياكى ئورۇنلارغا بىلىپ ياكى بىلمەي يېقىن يولاپ قالغانلارمۇ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازالانغان. ئەسلى پەيزىۋاتنىڭ 6-يېزىسىدىن بولغان ۋە كېيىن بارىنغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە نۆۋەتتە پەيزىۋات ناھىيىلىك ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىدە 3 ئايدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان توختى ھامۇتنىڭ قىسمىتى، ئەنە شۇ ۋەزىيەتنىڭ بىر مىسالىدۇر.

خەۋەرگە قارىغاندا ،سېكرېتارنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن، توختى ھامۇتنىڭ دۇبەينى ساياھەت قىلىشىنىڭ نەرى گۇمانلىق ياكى قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئۇ، بۇرۇن تەلىم ئالغان سادىق قارىمىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تەشۋىق قىلغۇچى دەپ قارالغانلىقى، يەنى ئەسەبىيلىك گۇماندارى ئىكەنلىكى مەلۇم. سېكرېتارنىڭ بايانلىرىدىن يەنە، توختى ھامۇتنىڭ سادىق قارىمغا يېقىن يولاپ قالغىنىدىن باشقا، ئۇنىڭ ئاتالمىش ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇمات يوق. توختى ھامۇت يېقىن يولىغانلىقى ئۈچۈن 3 ئايدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىكەن، ئۇنداقتا سادىق قارىم كىم؟ ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى قەيەردىن قەيەرگىچە؟مۇخبىر  بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن قەشقەردىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئېلىپ بارغان تېلىفۇن زىيارىتى تەپسىلات يۇقىرى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق بېرىلدى.

مەنبە : ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*