رابىيە قادىر خانىم: ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرىمىز

رابىيە قادىر

مەرىپەتپەرۋەر، تونۇلغان داڭلىق دىنى ئەربابىمىز ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ تۈرمىدە ۋەھشىي خىتاينىڭ قىيىن قىستاققا ئىلىشى تۈپەيلى ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى ھەممىمىزنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈرۈش بىلەن بىرگە، زالىم خىتاي ھۆكمىتىگە بولغان غەزىپىمىزنى يەنىمۇ ئاشۇردى. ھەممىدىن ئاۋۋال، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشىنى تىلەيمەن، شۇنداقلا مەرھۇمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا ئاللاھتىن سەۋر، چىدام- غەيرەت، ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن ئۆزۈم، خەلقىم ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىم نامىدىن چوڭقۇر تەزىيەمنى بىلدۈرىمەن.
مىللىتىمىز ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، بىزگە ئابلىمىت داموللامغا ئوخشاش ھەقنى قورقماي سۆزلىيەلەيدىغان، خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان، ئىلغار پىكىرلىك ئالىملىرىمىزغا بەكمۇ موھتاج ئىدۇق. ئەپسۇس، بىر ئالىمىمىزدىن ئايرىلدۇق. مەرھۇم بىر مەرىپەتپەرۋەر، خەلقنى ئويغىنىشقا يېتەكلىيەلەيدىغان، ئەمىلى ھەرىكىتى ۋە سۆزلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىلىم ئېلىشقا يېتەكلىگەن ئېسىل زات ئىدى، خىتاي ھۆكمىتىنىڭ قايتا قايتا توسقۇنلۇق قىلىشى، تەھدىت سېلىشى ۋە چەكلەشلىرىگە پىسەنت قىلماي، خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرغان ئىدى، خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ساھىب ئىدى. زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمىشە كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلىغانلارنى، ئىلىم – مەرىپەت ساھىبلىرىنى، ياردەم سۆيەر سېخىيلىرىمىزنى، قىسقىسى خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە زاتلارنى ئالدى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ ۋە ئۆلتۈرۈپ كەلدى.
ئابلىمىت داموللا ھاجىم قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ بۇلاقسۇ كەنتىدە تۇغۇلغان، داڭلىق دىنى ئالىملاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان،80 – 90- -نچى يىللاردا نۇرغۇن شاگىرتلارنى تەربىيىلىگەن، قەشقەردە » توققۇزتاش جۈمە مەسچىتى»نى بىنا قىلغان، شۇنداقلا ›تىل- تېخنىكا مەكتىپى»نى ۋە «تىل تېخنىكا مەكتىپى دوختۇرخانىسى» نى قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. 1996 –نچى يىلى مەرھۇمنىڭ قۇرغان مەكتىپى ۋە دوختۇرخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرى تاقىتىۋېتىلگەن، خىتاي ھۆكمىتىنىڭ يىللارچە تەقىب قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئارىدىن 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئۇچرىغان قىيىن قىستاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ئابلىمىت داموللا ھاجىمغا ئوخشاش ناھەق تۈرمىگە سولىنىپ، خىتاينىڭ قىيىن قىستاقلىرىدا ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ،ۋە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىدۇ. كائىناتنى ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھتىن شۇنى تىلەيمىز؛
ئەي رەببىم، شۇ زالىم خىتاينىڭ چاڭگىلىدا تۇرۇپ، ساڭا ئۈمىد باغلاپ دۇئاغا قول ئاچقان، خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئازاب چېكىپ سېنىڭ ئىسمىڭنى تەكرارلاۋاتقان، مىللىتىمىز، ئانا ماكانىمىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن يىگىت – قىزلىرىمىزنىڭ، ئاتا- ئانىلارنىڭ، سەبىيلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىل… ۋاپات بولغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا سەۋر ۋە چىدام بەخش ئەت.. ئابلىمىت داموللامنى ۋە شۇ قاتاردا مىللەت ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلغان، خىتاينىڭ دۈشمەنلىكى تۈپەيلى ۋاپات بولغانلارنى شېھىتلار قاتارىدا قوبۇل قىل…..

Leave a Comment

*

*