خىتاي تۈرمىسىدىكى ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋرىگە قارىغاندا ، 1990-يىللاردا «تىل تېخنىكوم مەكتىپى» ئاچقان ئاتاقلىق ئۆلىما ئابلىمىت داموللامنىڭ يېقىندىن بۇيان قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بۇلۇپ، ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقالغان. ئەركىن ئاىسىيا رادىئوسى مۇخبىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، قەشقەردىكى بەزى بىر ئورۇنلار ۋە بېيجىڭغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىگەن.
ئالدى بىلەن زىيارەت قوبۇل قىلغان ئابلىمىت داموللامنىڭ قەشقەردىكى يېقىنلىرىدىن ھازىر تۈركىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھوشۇر سەلەي ئەپەندى ئابلىمىت داموللامنىڭ تۈرمىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدامەلۇمات بېرىپ، ئابلىمىت داموللامنىڭ تۈرمىدە ئۇرۇق دىئابىت ۋە قان بېسىمى كىسىلى بار ئىكەنلىكىنى، تۈرمىدە كۆپ ئەرزىيەت چەككەنلىكىنى،  داموللامنىڭ بەلكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭمۇ قىيىن قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوختۇرخانىغا، ۋە تېلېفون قىلىپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرگەندە، ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپات بولغانلىقى دەلىللەنگەن، ئەمما قانداق ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئىگەللەنمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىمىت داموللام ئۇيغۇر ئېلىدا تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1990-يىللىرى قەشقەردە بىر قىسىم تىجارەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىم خەلق ئىگىلىكىدىكى «تىل تېخنىكوم مەكتىپى» نى قۇرغان ۋە خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ  ئېنىقلىشى داۋامىدا، ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زات ئابلىمىت داموللامنىڭ تۇتقۇندىكى مەزگىلىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئايدىڭلاشمىدى. مەرھۇمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خەت ئارقىلىق تەمىنلىگەن ۋە مۇخبىرىمىز نەزەرباغدىكى ساقچىلاردىن ئىگىلىگەن بەزى ئۇچۇرلار، ئابلىمىت داموللامنىڭ ئۆلۈمىگە ئۇ يېقىنقى ئايلاردا دۇچ كەلگەن جىسمانىي ياكى روھىي قېيىن-قىستاقنىڭ سەۋەب بولغانلىق ئېھتىماللىقى ئىشارەتلەنمەكتە.

بىز بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدا، ئالدى بىلەن ئابلىمىت داموللامنىڭ ئەڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۆستەڭبويى ساقچى خادىمى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىدى، ئەمما ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى دەلىللىدى. قەشقەر شەھەرلىك بىرلىك سەپ ئىدارىسى ئابلىمىت داموللامنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى نەزەرباغ 4-كەنت توققۇزتاش مەسچىتىنىڭ خاتىبى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابلىمىت داموللامنىڭ سابىق ئوقۇغۇچىلىرى يوللىغان ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، يېقىنقى ئايلاردا ئابلىمىت داموللام خىتاينىڭ قىزىل تەشۋىقات سېپىغا قېتىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئەمما داموللام سالامەتلىك سەۋەبىنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقات سېپىدىن ئۆزىنى تارتقان. يەنە ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، داموللام ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قاماقخانىدىكى مەزگىلدە ئىلگىرىكى ئاتالمىش خاتا تەبلىغلىرىگە تۈزىتىش بېرىش، خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئېلىش ۋە توۋىنامە بايان قىلىشقا قىستالغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمى دەل مۇشۇ مەزگىلگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى داموللامنىڭ ئۆلۈمىگە، ئۇ قاماقخانىدا دۇچ كەلگەن جىسمانىي ياكى روھىي قېيىن قىستاقنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*