رابىيە قادىر خانىم: مېنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تەشكىلىي كرىزىسنى ھەل قىلىش تەكلىپىم

  (شەرقي تۈركىستان ئىستراتېگىيە يىغىن ئەھلىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب)

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چوڭ تەشكىلىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەن، بۇ پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ئورتاق  تىرىشچانلىقى بىلەن بىر مەزگىللىك  ھەل بولغان ئىدى؛ بۇ يىل يەنە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر كرىزىس، قىبرىس يىغىنى بىلەن باشلاندى ۋە بۈگۈن ئەڭ چىگىش بىر نۇقتىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چۈشكەن، ئەركىن ئالپ تېكىن ئەپەندى، مەمتىمىن ھەزرەت ئەپەندىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى سۈپىتىدە، شەرقي تۈركىستان ئىستراتېگىيە يىغىن ئەھلىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.

ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلىرىم، ئالدى بىلەن چاقىرىقنامەڭلار ئۈچۈن رەھمەت!

 شۇنداق، قىبرىستا ۋە بېرلىندا ئېچىلغان  ئىستراتېگىيە  يىغىنىنى توغرا كۆرمىدىم،  سەۋەب ناھايىتى ئېنىق: يىغىن مەن رەئىسلىك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا  ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر كىشى تەرىپىدىن ماڭا مەسلىھەتسىز ئېچىلغان، ۋە قۇرۇلتايدا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يىغىنغا مېنىڭ رۇخسىتىمسىز قېتىلغان بولغاچقا. يىغىننىڭ مېنىڭدىن يوشۇرۇن تەشكىللىنىشىگە نارازىلىق بىلدۈردۈم، ئەمما  يىغىننى توسمىدىم، توسىيالىغان بولسام ،يوشۇرۇپ ئولتۇرمايتىم.

  بۈگۈنگە قەدەر مەن ئىشنىڭ  تەشكىلىي ئىنتىزام تەرىپىنى، سىلەر ئىستراتېگىيە يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى  تەكىتلەپ كېلىۋاتسىلەر؛ ئەمما دېيەلمەيۋاتقان ئىشنىڭ ئۈچىنچى بىر تەرىپى بار، ئۇ بولسىمۇ د.ۇ. ق.نىڭ پارىژدا ئېچىلغان 5-قۇرۇلتىيىنىڭ نەتىجىسى.

 بىر قېتىملىق چوڭ  تەشكىلىي كرىزىستىن كېيىن ئېچىلغان  مەزكۇر قۇرۇلتايدا، قۇرۇلتاينىڭ  نەتىجىسىدىن خوش بولۇپ  ئۈمىدلىك قايتقانلار بولدى ۋە نارازى بولۇپ ئۈمىدسىز  قايتقانلارمۇ  بولدى.  بۇ،   دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى قۇرۇلتايلاردا(سايلاملاردا)بولىدىغان بىر كەيپىيات. ئەمما سايلامدىن كېيىن،  كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلەر   سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ھەزىم قىلالىشى ، ئايرىم ھەرىكەت ئېلىپ بارماسلىقى، سايلانغان رەئىسنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىشى، دېموكراتىيە ئەخلاقىنىڭ ئەقەللىي پرىنسىپلىرى ئىدى.بۇ پرىنسىپقا ئەمەل قىلالىدۇقمۇ ‏-يوق؟

  قىبرىس ۋە بېرلىن يىغىنىدا توپلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى  5-قۇرۇلتايدا كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولمىغانلار. ئىستراتېگىيىدىن سوز ئېچىۋاتقانلار، بۇ رېئاللىقنى پەرقلەندۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ  داۋا سېپىدىكىلەردە پەيدا قىلىدىغان يامان تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ يولى ناھايىتى ئاددىي ئىدى، مېنى يېقىندىن قوللاۋاتقان بىرقانچە كىشى شۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان بولسا خاتا چۈشەنچە بولمايتتى، بۇ قىلىنمىدى.

   شۇنداق بولغاچقا  د.ۇ.ق تەركىبىدە ۋەزىپە ئالغانلارنىڭ  بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلدىم، تەۋسىيە قىلدىم، ھەتتا خاپا بولدۇم، گېپىمنى ئاڭلىمىغاندا جازا بەردىم. بەرگەن جازايىمنى  خاتا دەپ قارىغانلار بولسا،د.ئۇ.ق نىڭ نىزامنامىسىگە بىر قاراپ،  دۇق دائىمىي كومىتېتىغا  تۈزىتىش تەكلىپ  پىكرى سۇنسا بولىدۇ.

     ئىستراتېگىيىنىڭ مۇھىملىقىغا شۈبھەم يوق، ئەمما تەشكىلىي ئىنتىزاممۇ  ئاز دېگەندە ئىستراتېگىيە قەدەر مۇھىم دەپ بىلىمەن، ئىستراتېگىيە بىر تەشكىلاتنىڭ غەلىبە ياكى مەغلۇبىيىتىنى بەلگىلىسە، تەشكىلىي ئىنتىزام ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ياكى يوقىلىشىنى بەلگىلەيدۇ . شۇنداق بولغاچقا بۈگۈنگە قەدەر تەشكىلاتتا ۋەزىپە ئالغانلارنى قاتتىق كونترول قىلدىم، مېنىڭ خەۋىرىمسىز ئىش ۋە ھەرىكەت قىلىشىغا قەتئىي يول قويمىدىم، يوشۇرمايمەن بۇ مېنىڭ ھەم مىجەزىم؛  بۇنىڭدىن كېيىن بۇ رەئىسلىك ئورنىدا مەيلى بىر كۈن ،مەيلى 4 يىل تۇراي، بۇ مىجەزىم  ئۆزگەرمەيدۇ، تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە ۋەزىپە ئېلىپ تۇرۇپ ئايرىم ھەرىكەت قىلغانلارنى يەنە توسىمەن،گېپىمنى ئاڭلىمىسا  يەنە جازالايمەن.

  چاقىرىقىڭلاردا مېنى  ئويلاندۇرغان ۋە ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشىم زۆرۈر  بولغان  بىر تەشەببۇس بار، ئۇ بولسىمۇ   » بىزنى توسماڭ، ئىش قىلغىلى قويۇڭ» دېگىنىڭلار.

بۇ تەشەببۇسۇڭلارغا قارىتا مۇنداق ئىككى خىل تەكلىپىم بار:

1.ئەگەر بۇ تەشەببۇستىكى مەقسىتىڭلار بىزنىڭمۇ (تەشكىلاتتا ۋەزىپە ئالغانلارنىڭمۇ) بەلگىلىك ئايرىم پائالىيەت قىلىش دائىرىمىز بولسۇن، دېمەكچى بولساڭلار، بولىدۇ، بۇ دائىرىنى كونكرېت يېزىپ تەكلىپ سۈپىتىدە گوللاندىيەدە ئېچىلىدىغان ئالىي كېڭەشكە ئېلىپ كېلىڭلار، شۇ يەردە مۇزاكىرە قىلايلى ۋە قارارلاشتۇرايلى ، رەئىسنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ۋە قۇرۇلتاي ھەيئەتلىرىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسى ھەققىدە قايتىدىن مۇزاكىرە ئېلىپ بارايلى، زۆرۈر دەپ قارالسا، ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن ئۆتكەن خاتالىقلارنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، قايتىدىن بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە تەشكىللىك ھەرىكەت قىلايلى. يەنى 5-قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرى بويىچە ھەرىكەت قىلايلى.

2.ئەگەر «بىزنى توسماڭ» دېگەن ۋاقتىڭلاردا مەندىن مۇستەقىل ئىش قىلماقچى بولساڭلار، بۇ تېخىمۇ ياخشى تەلەپ؛ ئەگەر سىلەر  مۇشۇنچىلىك غەيرەت ۋە ئىشەنچكە كەلگەن بولساڭلار، بۇ مېنىڭ داۋا يولىدىكى يۈكۈمنى يەڭگىللىتىدىغان، مېنىڭ  چوڭ خەلقئاراۋىي پائالىيەتلەرگە مەركەزلىشىشىمگە پۇرسەت يارىتىدىغان  پايدىلىق بىر ۋەزىيەت. بۇ  ئالقىشلىنىشقا تېگىشلىك تەلەپ ؛ ئەمما بۇ داۋا سېپىدە، ماڭا ئەگىشىپ ئىش قىلىشنى خالايدىغانلار يەنىلا كوپ سانلىق، بۇنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشىمغا ھاجەت يوق دەپ قارايمەن، تېخى 9 ئاي ئاۋۋال ئېچىلغان 5- ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى 4-قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىسى بۇنىڭغا گۇۋاھ. ئەمىسە سېپىمىز بىر ، تەشكىلاتىمىز ئايرىم بولسۇن، ئاراڭلاردىكى مەن بىلەن بىللە ئىشلەشنى خالىمايدىغانلار ئايرىم تەشكىللىنىڭلار ، بىر سەپنىڭ  ئىككى قانىتى بولۇپ پائالىيەتلىرىمىزنى داۋام قىلايلى.  ئىككى تەشكىلات بىر-بىرىنى ئىنكار قىلماسلىق، بىر-بىرىنى باشقۇرماسلىق، ئىختىيارى ھەمكارلىشىش شەرتى ئاستىدا ھەرىكەت قىلايلى.

بىر سەپ ، ئىككى تەشكىلات لايىھىسىنى مۇنداق ئەمەلىيلەشتۈرەيلى.

 ئا) ھازىردىن باشلاپ ئۆزۈڭلار ئۇيغۇن كۆرگەن بىر نامدا ئايرىم بىر تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلۇڭلار، تەشكىلاتىڭلارنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا مەن ئۆزۈم ۋە قوللىغۇچىلىرىم بىلەن بىللە قاتنىشىپ سىلەرنى تەبرىكلەي  ۋە ھەمكارلىشىدىغان نۇقتىلاردا كېلىشەيلى.   بۇ خىل تەشكىللىنىشىڭلارنى داۋا سېپىنىڭ رېئال ئېھتىياجى دەپ قارايمەن ۋە بۆلگۈنچىلىك دېگۈچىلەرگە بىرىنچى بولۇپ قارشى تۇرىمەن.

 ب) ئەگەر  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋارىسلىق قىلىش نىيىتىڭلار بولسا، بۇمۇ ياخشى، دەرھال سايلام ئۆتكۈزەيلى، سايلامدا سىلەر ئۇتۇپ چىقساڭلار،قۇرۇلتاينى مەندىن ئۆتكۈزىۋېلىڭلار ؛ مەن ئۆز  نامىم ياكى باشقا بىر مۇۋاپىق نامدا مېنىڭ رەھبەرلىكىمنى قوبۇل قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلاي؛ بۇ قىلغىنىم ئۈچۈن مېنىمۇ سىلەر بۆلگۈنچىلىك قىلدى دەپ رەنجىمەڭلار.  ئەگەر سايلامدا مەن ياكى مەن تەۋسىيە قىلغان بىر كىشى سايلىنىپ قالسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن سىلەر چېكىنىڭلار ۋە شۇ چاغدا ئايرىم بىر  نامدا تەشكىللىنىڭلار.

 يۇقىرىقى ئىككى تەكلىپتىن قايسىنى توغرا كۆرسەڭلار، د.ئۇ.ق دائىمىي كومىتېتىغا بىلدۈرۈپ قويۇڭلار، تەكلىپنىڭ كونكرېت ئىجرائىيەتىنى تەشكىلات ئىچىدە مۇزاكىرە قىلايلى.

 ئاخىرىدا  بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قوياي،  بۇ داۋا ھېچكىمنىڭ شەخسىي مۈلكى ئەمەس، ھېچكىمنىڭ مونوپول قىلىش ھەققى يوق؛ ئەمما مەن بۇ داۋادىكى رەئىسلىك ئورنىغا سايلام بىلەن كەلدىم، سايلام بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ د.ۇ.ق  رەئىسلىكى قېيداپ تاشلاپ بېرىدىغان، قىستالغاندا چۆرۈپ بېرىدىغان مال-مۈلۈك  ئەمەس، ئۇ بىر ئامانەت.    مەندىن ۋەزىپە تالاشقانلارنىڭ ( بۇ ئامانەتنى تاپشۇرۇۋالماقچى بولغانلارنىڭ) غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن ۋە يۇقىرىقى تەكلىپلىرىمدە  ئىپادىلەنگەندەك، ئۇلارنىڭ دېموكراتىك يول بىلەن بۇ ئامانەتنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىمەن ۋە بۇنداق قىلىشنى  داۋادىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمدىن بىرى دەپ بىلىمەن.

  ئەمما مەندىن شان -شەرەپ تالاشقانلارنى يەنى مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمگە ھۇجۇم قىلىپ ئۆزىنىڭ نامىنى تىكلىمەكچى بولغانلارنى ھەددىنى بىلىۋېلىشقا دەۋەت قىلىمەن. مەن بۈگۈنكى شان-شەرىپىمگە نۇتۇق سۆزلەپ ئەمەس، رەسىمگە چۈشۈپ ئەمەس، بۇ مىللەتنىڭ مەنپەئەتنى ئۈچۈن مال دۇنيايىمنى دوغا تىكىپ، بۇ مىللەتنىڭ مەنپەئەتنى ئۆزۈمنىڭ ۋە يۈرەك پارىلىرىمنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ  ئېرىشتىم. بەزىلەر مېنىڭ ۋەتەن مىللەتكە بولغان ساداقىتىمگە سوئال قويغۇدەك دەرىجىدە ھەددىدىن ئېشىپتۇ،   بۇ كىشىلەر مەن تۆلىگەن بەدەلنىڭ  يۈزدىن بىرىنى تۆلەپ باقسۇن، شۇ بەدەلنى تۆلىگەندىن كېيىن يەنە بۇ داۋادا پۇت تىرەپ  تۇرالىسا ، ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ساداقىتىم ھەققىدە ئىزاھات بېرىمەن.

     ھۆرمەت بىلەن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر

2 باھا

نەبىجان ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

*

*