خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزانلىق چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل چەكلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، بۇ رامىزاندىكى ۋەزىيىتى دۇنيا مەتبۇئاتىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان دەل مۇشۇ كۈنلەردە، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى خوتەندە ئېچىلىپ، مۇقىملىق تەدبىرىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش بۇيرۇقى بېرىلدى. ئەركىن ئاىسيا ردىئوسىنىڭ ئىگەللىشىچە  ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزانلىق چەكلىمىلىرىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ كۈچەيگەن.

 بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خاتىرجەملىك، تىنچلىق ئېيى بولغان مۇقەددەس رامىزاندا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى كۈچەيتىشى، يالغۇز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغىلا ئەمەس، پۈتۈن ئىسلام دىنىغا ئۇرۇش ئاچقانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل رامزان كېلىش ئالدىدا مەخسۇس رامزان ئېيىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرى ھەققىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئىنكاس ۋە رامزان ھارپىسىدا رادىئو مۇخبىرلىرىنىڭ رايوندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن، ئالاھىدە مۇقىملىق تەدبىرى ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ جەنۇبتا ۋەزىيەتنىڭ ئالاھىدە قاتتىقلىقى شۇنداقلا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس رامىزانلىق باشقۇرۇش چارىلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. دۇنيا ئاخباراتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا ئوخشاشلا تەقىبگە ئۇچراۋاتقانلىقى، دىنىي ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى تاۋۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقى دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە بولسا، باش شتابى ھىندىستاندىكى ئۈممەت تور بېكىتى 30-ماي «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكى يالغان» تېمىسىدا خەۋەر تارقاتتى. ئۇنىڭدا، 20 مىليونغا يېقىن مۇسۇلمانلار ياشايدىغان خىتايدا، مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىكەنلىكىنى، 24 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتلەرنىڭ بارلىقىنى شۇنداقلا بۇ جايدىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ، رامىزاندا ناماز ئىبادەتلىرى ۋە تەراۋى نامازلىرىغا ئىختىيارىي ھالدا قاتنىشىپ، روزا ‏-رامىزاننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى يازغان. ھەمدە يەنە، «مەسچىتلەردە قۇرئان تىلاۋەتلەر ناھايىتى ئەركىن، ھېچقانداق توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بىلەن ھەج تاۋابىغا بارالايدۇ» دېگەنلەرنى كۆرسەتكەن. ئەمما رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېقىندا تېخى يولغا قويغان ئىسلامى ئىسىملارنى چەكلەش، ساقال قويۇش، ھىجاب كىيىشنى چەكلەش، قۇرئانلارنى يىغىش، دىن ئوقۇغانلارنى جازالاش، مەسچىتلەردە ۋەز نەسىھەت ھەتتا دۇئالارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نامىدا چەكلەشكە ئوخشاش دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىغان سىياسەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ تىلغا ئالمىغان.

2014- ۋە 2015-يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى بىلەن سىياسىي ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بار دۆلەتلەرنىڭ تەشۋىقات مەتبۇئاتىدىن غەرەزلىك پايدىلىنىپ، «شىنجاڭدا روزا تۇتۇش چەكلەنگەنلىكى يالغان» دېگەن خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى.
ھالبۇكى، بۇ خىل تەشۋىقات بۇ رامىزاندا قايتىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان بىر پەيتتە 29-ماي ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى.
شىنجاڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى-ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى«بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى» نىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىش ئىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىندا بارلىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ ۋە بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ مۇقىملىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك دېگەنلەرنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىدا «بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق پولات سېپىلىنى قەتئىي مۇستەھكەملەيمىز» تېمىسىدىكى قەسەم، ۋەدە بېرىش يىغىنى ئېچىلغانلىقى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى 74 مىڭ پارتىيە ئەزاسىغا ۋاكالىتەن ۋەدىنامە ئىمزالاپ، «سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سادىق بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق پارتىيە قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» ھەققىدە كوللېكتىپ ۋەدە بەرگەنلىكى مەلۇم.

دائىرىلەرنىڭ رامزان ھارپىسىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرغان بۇ خىل سىياسىي يىغىن ۋە پائالىيەتلىرى رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلەشكەنلىكىنى، ئادەتتىكى پۇقرالاردىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مائاش ئالىدىغان ئۇيغۇر كادىر ۋە باشقىلارنىڭمۇ بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ھەقتە بۈگۈن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، غۇلجىدىن كېلىپ ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىن رامىزانلىق ھال سوراپ قىلغان تېلېفونىدا، ھۆكۈمەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلىدىغان دادىسىنىڭ ئۆزىگە ھەرگىز روزا تۇتماسلىق ھەققىدە دەۋەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ: «دادام ھېچقاچان بۇنداق گەپلەرنى قىلمايتتى،بولۇپمۇ بىز بىلەن بىللە تۇرىدىغان بوۋام، مومام ھاجىم بولغاچقا، رامزان پەيتىدە بولسىمۇ بىزلەرگە دىنىي تەلىم بېرىش ياكى رامىزاننى مۇبارەكلەپ دۇئا قىلىش ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئادىتى ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم دادام ئۆزى روزا تۇتمىغاندىن باشقا، ئىدارىدە قول قويغان كادىرلارنىڭ روزا تۇتماسلىقى ھەققىدىكى مەسئۇلىيەتنامىغا ئاساسەن، ھاجىم بوۋام، مومامنىڭمۇ روزا تۇتماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن» دېدى.

بۇ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قىزنىڭ ئېيتىشىچە، تېلېفوننى ئالغان مومىسى يىغلاپ تۇرۇپ، بوۋىسىنىڭمۇ ئاچچىقتا ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان، «يەنە شۇنداقتىمۇ ۋەزىيەت بۇنداق، دادىڭىزنى ئاياۋاتىمىز سىزمۇ ئاياڭ، جىق ئىشلارغا ئارىلاشماڭ، روزا تۇتماڭ. ئوقۇشىڭىزنى ئوقۇپ جىم قايتىپ كېلىڭ» دېگەنلەرنى ئېيتىپ نەسىھەت قىلغان.

بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن رامىزاندا خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلەر ھەققىدە، ئەركىن ئاىسيا رادىئوسىنىڭ رايونغا قاراتقان تېلېفونلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل دائىرىلەر ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا يىلدا قول قويۇشقا مەجبۇرلاپ كەلگەن روزا تۇتماسلىق ھەققىدىكى مەسئۇلىيەتنامىغا تېخىمۇ كەڭ مەزمۇنلارنى قوشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىلا ئەمەس، ئائىلە ئەزالىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ روزا تۇتماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خىزمەتداش ۋە قولۇم قوشنىلىرىنىمۇ نازارەت قىلىپ روزا تۇتماسلىققا تەربىيە قىلىش ھەققىدە رامزان كىرىشتىن بۇرۇن ۋەدە ئالغان.

بۇلار خوتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى بىر ياردەمچى ساقچى ئېغزىدىن ئىسپاتلانغان .  ئەركىن ئاىسيا رادىئوسىنىڭ خەۋرىدىكى تەپسىلاتلار تۆۋەندىكىدەك:

-كادىرلار روزا تۇتۇشقا بولامدۇ؟
-ياقەي روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ.
-سىلەرمۇ روزا تۇتماسلىق ھەققىدە كاپالەتنامىگە قول قويدۇڭلارمۇ؟
-قويدۇق مەسئۇلىيەتنامىگە، قول قويدۇق ھەممىمىز.
-ئۇنىڭدا بۇلتۇرقىغا ئوخشىمايدىغان مەزمۇنلار بارمىكەن؟
-ئۇرۇق-تۇغقانلار، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمىز، ئۆزىمىز مەسئۇل بولغان ئالاقىلىشىدىغان ئائىلە، يېقىن-يورۇق، قولۇم-قوشنا دېگەندەك، شۇلارغا نازارەت قىلغان ئاساستا، تەربىيە ئىشلەپ مۇشۇنداق روزا تۇتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا مەسئۇلىيەتنامىگە ئىمزالاغلىق.
-قاچان ئىمزا قويدۇڭلار؟
-ئازنا كۈنىدىن باشلاپ.

بۇ ساقچى يەنە، ھەر بىر ئائىلىلەرنىڭمۇ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، كادىرلار، ساقچى كۈچلىرىنىڭ توختىماي نۆۋەتلىشىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ نازارەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز باشقا جايلاردىكى رامىزانلىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ قانداق شەكىللەردە كۈچەيتىلگەنلىكى ھەققىدە قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچى پونكىتى قاتارلىق جايلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، دائىرىلەر بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

رايوندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن شوئاردا داۋام قىلىۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ جىددىي بىر ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى، رامزان كېلىشى بىلەن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىگە مۇداخىلە قىلىدىغان يەنىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا نارازىلىق ۋە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، «ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، رامىزاندەك خاتىرجەملىكنى تەۋسىيە قىلىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ ئىبادەت ئېيىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىبادىتىنى چەكلەپ، ئۇلارنى باستۇرۇشى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا، ئىسلام دىنىغا ئۇرۇش ئاچقانلىق» دەپ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*