ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇپراق ۋە يېمەكلىكنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى دىققەت قوزغىماقتا

ئاسىيادىكى ئەڭ قۇرغاق رايونلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى شۇنداقلا يېمەكلىك تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كۈنسايىن ئارتىپ بېرىشى دىققەت قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك ئىنكاسلىرىدىن باشقا يەنە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن يەرلىك ساقچىخانىلار تەمىنلىگەن بىر قىسىم ئەھۋاللارمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى ئېغىر كرىزىسنى ئاشكارا قىلماقتا.

توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىلانلىق يېزىلىق ساقچىخانىسىدىن ئىگىلىگەن بىر قىسىم مەلۇماتلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇپراقنىڭ يىللاردىن بۇيان ئېغىر دەرىجىدە

بۇلغانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئىلانلىق يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئۆزىنىڭ شۇ يۇرتتا ئۆسۈپ چوڭ بولغان يەرلىك كىشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ يەردىكى سۇ، تۇپراق ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىرقەدەر تولۇق مەلۇماتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىلگىرىكى يىللاردا توقسۇن دېھقانلىرىنىڭ يەردىن نەپ ئالالمىغاچقا قوي-كالىلارنىڭ قىغلىرىدىن تەييارلانغان تەبىئىي ئوغۇتنى تۇرپانغا ئېلىپ بېرىپ، خىتاي كۆكتاتچىلارغا ساتقانلىقىنى، ئۆزلىرى تېرىيدىغان يەرلىرىگە بولسا خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ يەنە، «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلار خىمىيىۋى ئوغۇت بىلەن دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ يەرنى بۇلغاپ، يېمەكلىكلەرنى زەھەرلەيدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ يەتتى. ئەمما تەبىئىي ئوغۇت ئىشلىتىپ ئۆستۈرگەن مېۋە-شېۋە، كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەتلەرنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسىدا ھېچقانداق پەرق بولمىغاچقا، خىمىيىۋى ئوغۇتقا تايىنىش يەنىلا كەڭ كۆلەمدە داۋاملاشماقتا» دېدى.

ئاخىرىدا ئۇ، بىر قىسىم ئىمكانىيىتى بار شەخسلەر بىلەن ئىدارىلەرنىڭ تەبىئىي ئوغۇت سېتىۋېلىپ ئۆز ئالدىغا كۆكتات ئۆستۈرۈپ يەۋاتقانلىقىنى، ئىلانلىق ساقچىخانىسىنىڭمۇ ئۆز كۆكتاتلىقى بار بولۇپ، ياز بويى بازاردىن كۆكتات سېتىۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە راك كېسەللىكى ھەققىدە ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان، ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دوختۇر ئەنىۋەر توختى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتايدا ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› دىن كېيىن، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كرىزىس بولۇپ قالدى. پايدا ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن ساختا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، ھەتتا سۈت پاراشوكلىرىغا زەھەرلىك ماددىلارنى قوشۇش، خىمىيىۋى ماددىلار ۋە زەھەرلىك دورىلار بىلەن ئۆستۈرگەن زىرائەتلەرنى ئۆزى يېمەي باشقىلارغا سېتىش قىلمىشلىرى يىلدىن-يىلغا ئېغىرلاشتى. خىتايدىكى بۇ خىل ساختا يېمەكلىكلەر، خىمىيىۋى مەھسۇلاتلار ۋە زەھەر تەركىبى يۇقىرى بولغان دېھقانچىلىق دورىلىرى كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ كىرىپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەر ئىلگىرىدىن يېمەكلىكنىڭ پاكىزلىقى ۋە ساغلاملىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دىنىي ئەقىدە ۋە مىللىي ئەخلاق جەھەتتىن يېمەكلىككە ھەرگىزمۇ چاقچاق قىلمايدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەخلاق يوقالغان بىر جەمئىيەتتە ساختا يېمەكلىك ياساش ياكى تۇپراققا بولغان بۇزغۇنچىلىق ھەرگىزمۇ تۈگىمەيدۇ.»

دوختۇر ئەنىۋەر توختى ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇپراق ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ بۇلغىنىشىدىن باشقا، سۇ مەسىلىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى 10 يىل ئىچىدە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ چوڭ كرىزىسقا ئايلىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا دۆلەتلەر ئارا سۇ مەنبەسىنى تالىشىش ئۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

 

Leave a Comment

*

*