قەشقەرنىڭ تۇمەن كوچىسىدىكى مېھمانساراينىڭ تۇڭگان خوجايىنى«ئەسەبىيلىك»كە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن سوتلاندى

گەنسۇلۇق تۇڭگان ياش مالىك بۇنىڭدىن 7 يىل ئاۋۋال بېيجىڭدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ، ئۇيغۇر رايونىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ پىلانى يىپەك يولىدىكى بۇ قەدىمىي شەھەردە بىر مېھمانساراي ئېچىش ئىدى. مالىك قەشقەرنىڭ تۈمەن كوچىسى بىلەن ھەزرىتىم يولىنىڭ دوقمۇشىدىكى 3 قەۋەتلىك بىر كىچىك بىنانى ئىجارە ئېلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر مىللىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا زىننەتلەيدۇ. ئۇنىڭ خىيالى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى نامايەن قىلىپ، بۇ ئارقىلىق خېرىدار جەلپ قىلىش ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مالىكنىڭ مېھمانسارىيى  2013‏-يىلى «قەشقەر تۆگە ياشلار مېھمانخانىسى»دېگەن نامدا تىجارەت باشلايدۇ. بىراق مالىك مېھمانساراي تازا روناق تاپاي دەپ تۇرغاندا، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «ئەسەبىيلىك»كە قارشى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ، بۇ يىل4 ‏-ئايدا  قولغا ئېلىنىپ، باشقىلارنى «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق»قا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ.

قەشقەر شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان شىكايەتنامىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مالىكنىڭ  2014‏-يىلى 3 ‏- ۋە 5 ‏-ئايلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتى ۋە  دىنىي كىيىم -كېچەكلەرنى چەكلىشى تەنقىد قىلىنغان ئىككى يازمىنى توردا تارقىتىشى، ئۇنىڭ «ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق»قا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشىگە سەۋەب بولغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بۇ ئەھۋالنى دەلىللەش ئۈچۈن تېلېفون قىلىش داۋامىدا، ئاھالىلەر «تۆگە»مېھمان سارىيىنىڭ تاقاپ قويۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن. تېېلفۇن تەپسىلاتى تۆۋەندە ۋە ئاۋاز ھۆججىتىدە بېرىلدى.

بىر تىجارەتچى مۇنداق دىگەن:

‏- ئۇ (مېھمانساراي) ئاۋۇ ئۇدۇلدا، ئۇدۇلدا. ئېچىۋاتامدۇ، تاقىۋەتتىمۇ، قانداق قىلدىكى خەۋىرىم يوقكەن جۇمۇ شۇنىڭدىن. (خوجايىنىنى) تونۇمايمەن، مەن ئۇيەردىكىلەرنى تونۇمايدىكەنمەن.

مۇخبىر:

‏-بۈگۈن ئاچقانمىدۇ، مېھمانساراينى؟

ئۇيغۇر تىجارەتچى:

‏-  قانداق قىلدىكىن، چىرىقى يېنىق ئەمەس تۇرىدىغۇ. چىرىقى ئۆچۈك تۇرىدۇ، پۈتۈن بىنانىڭ. بەك يوغان بىنامۇ ئەمەس، كىچىكرەك بىنا ئۇ. بۇ يەردىن قارىساق، چىرىقى يورۇق ئەمەس تۇرىدۇ. ئاچمىدى يېقىننىڭياغى، دەيدىغۇ. ئۇقمىدۇق نېمە بولدىكى.

يەنە بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى، «تۆگە ياشلار مېھمانسارىيى»نىڭ تاقاپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇمۇ بۇ مېھمانساراينىڭ نېمە سەۋەبلىك تاقاپ قويۇلغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

ئۇ مۇنداق دىدى:

‏- تاقاغلىق ، ئىككى ئاي بولدى تاقاغلىق. تەشكىلدىن ياتاقلارنى بىر مەزگىل تاقاپ تۇرىدىغانغا ئۇقتۇرغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن تاقاغلىق. ئېچىڭلار، دەپ رۇخسەت قىلغاندا ئاچىمىز. بۇ مۇشۇ تەشكىلنىڭ ئورۇنللاشتۇرۇشى، ھەممە ياتاقلار شۇنىڭدىن بېرى تاقاغلىق.

مۇخبىر:

‏- سىلەرنىڭ يېنىلاردىكى «تۆگە» مېھمانخانىسى، دەپ بىر مېھمانخانا بارغۇ، مالىك تۇڭگاننىڭ، ئۇمۇ تاقاغلىقما؟ مالىكنى تۈرمىگە ئەكىركەتتى، دەيدۇ؟

ئۇيغۇر تىجارەتچى:

‏- ئۇمۇ تاقاغلىق. ئۇ ئەكىركەتكەن ئىشلىرىنى بىز ئۇقمىدۇق. ئىش قىلىپ ۋاقتى توشتى، دەۋاتاتتى، ئىگىسى. بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بەك باردى‏- كەلدىمىزمۇ يوق. ئاشۇ ئىگىسى ئۇنىڭ ئىجارە ۋاقتىمۇ توشتى، دەۋاتاتتى. ئۇنى ئەكىرىپ كەتكەنگە نېمە باھانە بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ ئىجارە ئالغان ئۇنى.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ چارشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى سەيشەنبە كۈنى مالىكنى سوتلىغان. سوتنىڭ شۇ كۈنى قارار چىقارغان ياكى چىقارمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، تەپتىش مەھكىمىسى سوت ۋاقتىنى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سوت ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرغان. ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلار، سوت ۋە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئادۋوكاتىغا مالىكنى ئاقلايدىغان ھېچقانداق تەييارلىق ۋاقتى قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل28‏-مارت «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش قانۇنى» ماقۇللاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى نورمال دىنىي قائىدە ۋە دىنىي سىمۋوللىرىنى «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئىپادىسى، دەپ چەكلىگەن. خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئېغىر جازالارنى بېكىتكەن. چەتئەلدىكى ئۆكتىچى ۋە پائالىيەتچىلەر، بۇ قانۇن نورمال دىنىي سىمۋول ۋە دىنىي ئەقىدىلەرنى قانۇنسىزلاشتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قاتتىق بوغىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ناھەق جازالىنىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى-«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» نىڭ رەھبىرى ياڭ جيەنلى چارشەنبە كۈنى مالىكنىڭ دىلوسىغا پىكىر بىلدۈرۈپ، «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش قانۇنى» يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاۋام پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىشى، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «جوڭگو ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا بەزى قانۇنلارنى ماقۇللاپ، نۇرغۇن قورالغا ئېرىشتى. ئۇ بۇ قوراللارنى خالىغانچە ئىشلىتەلەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئۇنى نۇرغۇن قولايلىقلارغا ئىگە قىلدى. ئۇ مۇشۇ نامنى قوللىنىپ، ئۆزى خالىمىغان ئاۋام پۇقرانى تۇتالايدۇ ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلالايدۇ. بۇ ئەھۋالدا زەربە بېرىش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش چوقۇم كېڭەيتىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلاردىن سىرت، شىنجاڭدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ، جۈملىدىن مۇسۇلمان تۇڭگانلار، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر  تەسىرگە ئۇچرايدۇ.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل ناھەق دىلولاردا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئەمەلدارلارنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇشى زۆرۈر مەسىلە بولۇپ قالغان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « بىز ئۇيغۇر دوستلارنىڭ بەزى دىلولارنى يىغىپ، پاكىت توپلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى، ئامېرىكىنىڭ ماقۇللىغان «ماگنىتىسكىي قانۇنى» دەيدىغان بىر قانۇنى بار. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، يىل ئاخىرىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان بىر قىسىم چەتئەللىك ئەمەلدارلارنىڭ بىر تىزىملىكى سۇنىلىدۇ. شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ نۇرغۇن ۋەقە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دوستلار بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا دائىر پاكىتلارنى توپلاپ، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئەمەلدارلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنسا ، ئاخىرىدا، پرېزىدېنتنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزسە بولىدۇ.»

بەزى ئۇچۇرلاردا قەيت قىلىشىچە، مالىكنىڭ قولغا ئېلىنىپ سوتلىنىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، ئۇنىڭ قەشقەر كونا شەھەر رەستىلىرىنى چېقىشقا قارشى تۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال دائىرىلەر بىلەن بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم قولغا ئېلىنىشىنىڭ شۇنىڭغا ئالاقىدار «ئۆچ ئېلىش» ھەرىكىتى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏-يىلى قەشقەر كونا شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، ياساش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر پىلانغا 7 مىليارد سوم ئاجراتقان. ئەمما، ئۇنىڭ پىلانى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، قەشقەرنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرغان ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*