رابىيە قادىر خانىم: خىتاي بلاكۋوتەرنىڭ (Blackwater)نىڭ تەجرىبىسىدىن ئەمەس، ئاتىقىدىن پايدىلانماقچى

مەن ئامېرىكىنىڭ خەلقاارادا تونۇلغان شىركەتلىرىدىن بىرى

( FSG (Frontier Service Group)نىڭ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇھىم دۆلەت ئەربابپلىرى بىلەن تۇققاندارچىلىقى بار بولغان ساھىبى Erik Penceنىڭ  بىزنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا بازا قۇرماقچى بولغانلىقى، يەنى خىتاي  بىلەن بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلاشماقچى بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكلا ئەپسۇسلاندىم. ئەلۋەتتە بۇ يېڭى بىر خەۋەر ئەمەس، چىققىنىغا ئىككى يىلچە بولۇپ قالدى. مەن ئامېرىكا قانۇنى ۋە قىممەت قاراشلىرى بۇ خىل ھەمكارلىققا يول قويمايدۇ دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن دەسلەپتە پەرۋا قىلمىدىم؛  ئەمدىلىكتە بۇ ھەقتە بارغانسېرى  كۆپۈيىۋاتقان خەۋەرلەر، مېنى بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىم ۋە تىلەكلىرىم ھەققىدە ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇرلىدى.

     خەۋەرلەردە بلاكۋوتەرنىڭ يۈننەن ۋە شىنجاڭدا بازا قۇرىدىغانلىقى، ۋە خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ پلانىنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىگە ياردەملىشىدىغانلىقى  يېزىلىۋاتىدۇ، مەن بۇ پلاننىڭ دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە ئادالىتى ۋە  ئامېرىكىنىڭ ستراتېجىك مەنپەئەتلىرى ئۈستىدە توختالمايمەن، يىراقنى كۆرەر مۇتەخەس ۋە دۆلەت ئەربابلىرى ئۈچۈن، بىر يول بىر بەلباغ پلانىنىڭ نېمىنى كۆزلەۋاتقانلىقى ۋە  ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە دۇنياغا نېمىنى ئۆلگە قىلىپ كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە قايسى يۆنىلىشكە تارتىدىغانلىقى، سىر ئەمەس؛ ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەپ باھارىدا، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇش قارارىدا، كوساۋا تېنچلىق ھەركىتىدە، بۇگۇن جەنۇبى دېڭىزدا، تۇتقان مەيدانىنىڭ ئوزىلا كۇپايە. مەن بۇ يەردە پەقەت، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا بلاكۋاتېرگە ئېھتىياجى بولۇپ قالغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمەن.

  ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم، ئۇ بازا قۇرۇلماقچى بولغان زىمىننىڭ ئەسلى ئىسمى  شىنجاڭ ئەمەس شەرقى تۈركىستان؛  بۇ زىمىننىڭ ئەسلى ئىگىسى خۇددى» شىنجاڭ ) يېڭى چىگرا(  ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» دېگەن نامدا  مەلۇم بولغان ۋە ئېتىراپ قىلىنغىنىدەك،  خىتاي ئەمەس ئۇيغۇرلار.  بۇ زىمىن 1949 ‏-يىلدىن باشلاپ خىتاي دۆلىتى  تەرىپىدىن تولۇق مۇستەملىكە قىلىنغان.  زىمىن بېسىۋېلىنغان بولغاچقا، بۇ رايوندىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمىنلىكىدىن خاتىرجەم بولالمىغان خىتاي دۆلىتى  ئاز كەم 70 يىلدىن بۇيان بۇ زىمىننىڭ ئىگىلىرى  ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىمىندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىۋاتىدۇ؛ خىتاي بولسا، بۇ زىمىننى ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىزچىل قانلىق ۋە قانسىز باستۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  ئەمما يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە،  بۇ جەڭ تېخىمى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ ۋە  كەسكىنلىشىپ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. نۆۋەتتىكى باسقۇچ   ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئازادلىق كۈرىشى ئەمەس، پەقەت مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش كۈرىشىدۇر، خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۈگۈنكى تەشۋىقاتلىرىدا ئاشكارا جار سېلىنىۋاتقاندەك » ئەبەدىي ئەمىنلىك» يەنى  مۇستەملكىكچى ھاكىمىيەتنى ئەبەدىيتلەشتۈرۈش، شەرقى تۈركىستاننى يۇتۇۋېلىش ۋە ئۇنتۇلدۇرۇش جېڭىدۇر.   شۇڭا  FSG  ، سابىق بلاك ۋوتەر  بازا قۇرماقچى بولغان شىنجاڭ دېگەن جاي ئەنە شۇ جەڭ مەيدانىدۇر ۋە ئۇ  بىختەرلىكىگە ياردەم قىلماقچى بولغان  » بىر يول بىر بەلباغ ئىستراتىيەسى»  ئەنە شۇ جەڭنىڭ  ئىستراتىگىيەسىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.

           دېمەك بلاكۋوتەرنىڭ شەرقى تۈركىستاندا بازا قۇرماقچى بولۇشى، ئەنە  شۇ جەڭدە ئاشكارا تەرەپ تۇتۇش ۋە ئىشتىراك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  بۈگۈن دۇنيانىڭ ئادالەت سېستىمىسى تەرەققىيات باسقۇچىدا، تېخى مۇكەممەل ئەمەس، ب د ت دەك ئەڭ چوڭ بىر خەلقئارا ئورگاننىڭ بىختەرلىك كېڭىشىدە خىتايغا ئوخشاش مۇستەملكىچى بىر ھاكىمىيەتنىڭ ئورۇن ئېلىپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى. شۇڭا بىز) ئۇيغۇرلار( بۈگۈن دۇنيا دۆلەتلىرىدىن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە بىز تەرەپتە تۇرۇشنى كۈتمەيمىز، ئەمما دۇنيا تېنچلىقى ۋە ئادالىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە كۆپ ھاللاردا بايراقدارلىق رولىنى ئويناپ  كېلىۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ  بۇ مەسىلىدە ھىچ بولمىدى دېگەندە تەرەپسىز بولۇشىنى كۈتىمىز .

  يەنە خىتاي سىياسىي  ۋەزىيىتىنى دىققەت بىلەن   كۆزەتكۈچىلەرگە ئايانكى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ ئەندىشىلىك مەسىلىسى تەيۋەن مەسىلىسى ياكى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ئەمەس ئۇيغۇر مەسىلىسىدۇر؛ چۈنكى خىتاي دۆلەت ئىچىدە 10 يىلدىن بېرى تىنجىمايۋاتقان، باستۇرغانسېرى كۈچلىنىۋاتقان، قاتتىق ئاخبارات چەكلمىسى بىلەنمۇ دۇنيادىن يوشۇرۇپ بولالمايۋاتقان   ئۇيغۇر ئازاتلىق ھەركىتىدۇر.

  ئىلمىي تەتقىقات ئورنى New America نىڭ بىر دوكىلاتىدا خىتاينىڭ  ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى  تەھدىت دەپ بېكىتكەنلىكى ۋە  بۇ  تەھدىدنى  يوقۇتۇش ئۈچۈن يېقىنقى  10 يىلدىن بېرى باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى ۋە قاتتىق زەربىگە ئۇچۇرىغان ۋە خەلقاارادىن ياردەم كۈتكەن  بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدىكىدەك ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز بىر جەڭدە تېنەپ يۈرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۇنداق  توغرا بىر دىياگنوز، شەرقى تۈركىستاندا بۈگۈن داۋام قىلىۋاتقان  ئۇيغۇر مىللىي  مەۋجۇدلۇق كۈرىشىنىڭ ئاساسلىق ئاساسى ئېقىمى مىللىي ئۆرەپ-ئادەتلەرنى قوغداش ۋە دىنىي ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت تېنچلىق ۋە تىركىشىش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقان بولسا، بەزى چاغلاردا، ئۆچ ئېلىش ۋە ھەددىنى بىلدۈرۈش مەقستىدە  خىتاي دۆلەت ئاپاراتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. دىياسپورادا بولسا، ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇق ھەركىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمى تۈركىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى بازا قىلىپ تۇرۇپ خەلقئارا قانۇنلارغا ۋە  تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناسنىي ھەق- ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. دېمەككى مەيلى شەرقى تۈركىستاندا، مەيلى دىياسپورادا بولسۇن، ئۇيغۇرلار، مەيلى كېلەچكتىكى مىللىي ئازاتلىقى   مەيلى نۆۋەتتىكى مىللىي  مەۋجۇتلۇق كۈرىشىدە بولسۇن، ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى غەرپ دۇنياىسىدىن ئۈمىد كۈتىۋاتىدۇ.

  خىتاي نېمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندا بلاكۋوتەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟ پەن تېخنىكىسى ئاجىزلىق قىلىۋاتامدۇ؟ ياق! ھەربىي كۈچى ئاجزىلىق قىلىۋاتامدۇ؟ يوق، چۈنى شەرقى تۈركىستاندا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىنتىقام ئېلىش شەكلىدىكى قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى پىچاق ۋە پالتىلىق ھۇجۇملار ئىگەللەۋاتىدۇ.  خىتاي ئارمىيىسى پىچاق-پالتىلىق ھۇجۇمچىلارغا  ئاجىز كېلىپ قالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس؛ ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى ئاجىز كېلىپ قېلىۋاتامدۇ؟ 2009 ‏-يىلى ئۇرۇمچىدە 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە 9 ئاي تورنى تاقىۋەتكەن، نۆۋەتتە ئونمىڭارچە تور ساقچىسى بىلەن ئۇچۇرنى كونترول قىلىۋاتقان خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ئامېرىكىغا ئېھتىياجى يوق. يەرلىك ياردەم دېيىشكە توغرا كەلسە، خىتاي بىخەتەركلىك كۈچلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ  ئەھۋالىنى ئەرىك پەنستىن مىڭ ھەسسە ياخشى بىلىدۇ. ئۇنداقتا

 ئاجىز كېلىۋاتقان نۇقتا قايسى،  ئۇيغۇرلاردىكى خىتاي  بويسۇندۇرالمايۋاتقان  كۈچ قايسى كۈچ ؟  ئۇ بولسىمۇ، ھەقىقەتنىڭ، بۇ زىمىن شەرقى تۈركىستانلىقلارغا تالىق بولۇشتەك تارىخىي ھەقىقەتنىڭ كۈچى، ئۇيغۇرلاردىكى  بۇ ھەقىقەتتىن ئوزۇقلانغان  ئۆلمەس ئارزۇ ۋە قەتئىي ئىرادىنىڭ كۈچى يەنى روھىي كۈچ.  بۇ روھىي كۈچنىڭ يادروسى بولغان ئۈمىدۋارلىق. ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى كۈرىشىدە ئۈمىدىنى بىر مۇسۇلمان خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاغا، تۈركىي  خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەگە، ئىنسان بولۇش سۈپىتىدە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيادا  خىتاينى «توختا» دېيىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان ئامېرىكىدىن كۈتىۋاتىدۇ. خىتاي بلاكۋوتەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ روھىي تۈۋرۈكلىرىگە ھۇجۇم قىلماقچى.   خىتاي ئامېرىكىنىڭ بلاك ۋوتەر شىركىىتىنى ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنە شۇ روھىي تۈۋرىكجىگە پالتا ئۇرماقچى، دۇنيانىڭ ئادالىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزدۈرمەكچى. ئۇيغۇرلارنى  دۇنيادا يالغۇز ۋە ياردمچىسىز ھېس قىلدۇرماقچى. خىتاي بلاك ۋوتەرنى يېنىغا ئېلىش ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، شەرقى تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل  ۋە باشقا ئۆز  ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى ئاقلىماقچى؛ قاتىللىق ۋە تېرورلۇقىنى ئامېركا ھەمكارلىقى بىلەن پەدەزلەپ سۈپەتلىمەكچى، سۈپەتلىيەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن رەقىپلىرىگە تەھدىت سالماقچى.

    خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ پلانى، ئۇيغۇرلارنى يەنە كۆپلەپ جاي -ماكانلىرىدىن، ئىش-ئورۇنلىرىدىن ئايرىپ تاشلايدىغان، زىمىنىنىڭ دېموكراپىيەىسىنى تېخىمۇ تېز ئۆزگەرتىدىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كوپ ھەربىي كۈچ بىلەن يۈز لەشتۈرىدىغان، شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇھىتىنى تېخىمۇ كىرلەشتۈرىدىغان بىر پلان؛ بۇ پلانغا ياردەملىشىش، بىر مىللەتنىڭ يەر شارىدىن يوقۇتۇلۇش پلانىغا ۋە ئۇنىڭ ئاشكارا ئىجارسىغا شېرىك بولۇش،  ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتنىڭ شان-شەرىپگە،  قىممەت قاراشلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس.  ئۇيغۇرلارنى يوقۇقتۇش پلانى دېگىنىم مۇتەخەسىسلەر ئۈچۈن چۈشنۈشلىك بولسىمۇ رايون ۋەزىيىتى  بىلەن ناتونۇشلار ئۈچۈن گۇمانلىق تۇيلۇشى مۈمكىن، پەقەت شىن جاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرىگە بىر كۆز يۈگۈرتۈش؛ بۇ يەردە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل-ئەمەلىيەتتە يەككە تىل-خىتاي تىلى ماارىپى، ئۈرۈمچىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي مۇئەسسەلرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يوقلۇقى،نوپۇستا ئۈستىن بولسىمۇ، يىغىن خەۋەرلىرىدىكى ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا  ئۇيغۇرلارنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكى، مەركەز ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسەن خىتاي شەھىرىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى، 1949‏- يىلى ئاران 4%نى ئىگەللەيدىغان خىتاي نوپۇسىنىڭ ئەمدىلىكتە 40 يەتكەنلىكى قاتارلىق كۆز بىلەن كورگىنى بولىدىغان پاكىتلار، خىتاي ھاكىمىيىنىڭ بۇ زىمىندىكى مەقسىتىنى ۋە مەزكۇر پلاننىڭ غايىسىنى تونۇپ يېتىشكە كۇپايە دەپ قارايمەن.

   گەرچە FSG  شىركىتى ئەسلىدىكى Blackwater دېگەن  نامىنى ئۆزگەرتكەن، فونكىسىيەسىسىنى يېڭىلىغان، يەنى قوراللىق كۈچ بىلەن ئىش قىلمايدىغان ۋە تەربىيىلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بولسىمۇ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى  ئىستىمالدىكى نامى ۋە تەسىرى يەنىلا  بلاكۋوتەر. خىتاينىڭ نەق ئېھتىياجلىق بولغىنى،  FSGنىڭ قورالى، تەجرىبىسى ئەمەس، ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرى. بلاكۋوتەرنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە سەۋەپ بولغان ئۆتمۈشتىكى بىر قىسىم ۋەقەلەر سەۋەپلىك، بلاك ۋاتەر سەلبىي ۋە ۋەھىملىك تەسىرگە ئىگە. خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ، بۇ ھەمكارلىقنى تەشۋىق قىلغاندا ، ئۇنى SFG دېگەن نۆۋەتتىكى نامى بىلەن ئەمەس، Blackwaterدېگەن كونا نامى بىلەن ئاتاۋاتىدۇ. چۈنكى  خىتاي بلاك ۋاتەر بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى دۇنياغا، بولۇپمۇ ئۆزى ئېزىۋاتقان خەلقلەرگە بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ  قىممەت قاراش جەھەتتىن ئۆزىگە  تەسلىم قىلغانلىقىنى جاكارلىماقچى، خىتاينىڭ دەل ئېھتىياجلىق بولغىنى، FSG ئەمەس، ئۇنىڭ ئەنە شۇ بلاك ۋوتەر نامىدىكى تەسىرى. خىتاي ئەنە شۇ بلاھك ۋوتەرگە نامغالىلا ئېھتىياجلىق، ھەرگىز ئەرك پرىنچېنىڭ تەجرىبىسىگە ئەمەس. خىتاي 2014 ‏-يىلى ئبىرقانچىسىنىڭ قولىدا پكالتەك ۋە پىچاق بولغان  100 لەرچە كىشىنى ئادمسىز ئايرىپلاننى قوللۇنۇپ بىر تەرەپ قىلدى، ئاقسۇ بايدا 12 كالتەك پىچاقلىق ھۇجۇمچىنى ئايال-بالىلىرى بىلەن قېتىپ ئوتچاچاردا قىرىپ تاشلىدى، خىتاي قوراللىق كۇچلىرىنىڭ ئەرك پىرىنسكە يىللاپ دەرس ئوتكۇدەك تەجرىبىسى بار، 1989-يىلى ئۆز ئەۋلادلىرىنى تانكىغا باستۇرىۋەتكەن ھاكىمىيەتنىڭ خەۋپ-خەتەرنى دەڭسەشكە ئىېھتىياجى يوق، چۈنكى جاسارىتى يېتەرلىك بار، پەقەت كېرەك بولۇۋاتقىنى قىلمىشىنى ئاقلاش ۋە ئۆزىنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۆرسىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش.

  ئەلۋەتتە،  تەخمىن قىلىشقا بولىدۇكى بلاكۋوتەر ئۈچۈن مەزكۇر ھەمكارلىقتا خىتايدىن كېلىدىغان نەپ بەك چوڭ ۋە ۋاز كېچىش قېيىن بىر نەپ، ئەمما بۇ يەردە تولىنىۋاتقان بەدەل- مەھكۇم بىر مىللەتنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈش- چېتىلىۋاتقان مەنپەەت كىچىك بىر مەنپەەت ئەمەس. چۈنكى بۇ دۇنيادا نوپۇس سانى 20 مىليوندىن ئاشىدىغان، تېرىتورىيەسى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تەۋەلىكىنىڭ 1/6 قىسمىنى ئىگەللەيدىغان، تارىختا غەرپ–شەرق مەدەىيىتىنىڭ ئۇچرىشىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان قەدەمىي ۋە مەدەنىي  بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىستىقبالىغا باغلىنىدىغان بىر مەنپەئەت. بۇ مەنپەئەت بىر شىركەت ئۈچۈن چوڭ بىر مەنپەەت بولغىنى بىلەن ئامېرىكا مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىستراتىگىك نۇقتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويساقمۇ،  شان-شەرىپىگە نىسبەتەن زىيانلىق.

   شۇڭا مەن ئالدى بىلەن ئەرك پرىنسنى بۇ پلاندىن ، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ئەڭ زومىگەر ھاكىمىيتى بىلەن چارىسىز مىللەت ئارىسىدىكى كۈرەشتە تەرەپ تۇتۇشتىن ساقلىنىشقا، بىلىپ-بىلمەي زالىمغا يانتايق بولماسلىققا، ئۆزىنىڭ ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ شان-شەرىپىە، قىممىەت قارشالىرىغا،  قانۇنىغا خىلاپ ئىش  قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمەن؛ دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھپىي بىر ھەربىي كۇچكە يان بېسپ  ، ئەڭ چارىسىز بىر مىللەتكە قارشى ھەكارلىشىش ئەرك پرىنسنىڭ  ئائىلە تارىخىغا، ئەۋالاتلىرىىنىڭ نام شەرىپىگە داغ چۈشۈرۈپلا قىلماي، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ۋىجدانىنى بىئارام قىلىدۇ.

 

 

 

 

 

 

Leave a Comment

*

*