ئۇيغۇر رايونى ئەمەلدارى ئەركىنجان تۇراخۇن خۇبېي ئۆلكىسىگە يۆتكەلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 31-مارت خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى پەرمان چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلدارى ئەركىنجان تۇراخۇن، ۋاڭ يەنلىڭ (ئايال) ۋە ۋاڭ لىشەن قاتارلىق ئۈچ ئەمەلدارنى خۇبېي ئۆلكىلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىگەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي كومىتېت ئەزاسى بولغان بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ خىتاي ئۆلكىسىنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا ۋەزىپىگە تەيىنلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن. بۇ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ» نى ئىدارە قىلشتىكى يېڭىچە پىكىرگە ئىگە يولى بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان «ئەركىنجان تۇراخۇننىڭ خۇېبېي ئۆلكىلىك دائىمىي كومىتېتىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىدىن مەركەزنىڭ <شىنجاڭ> نى ئىدارە قىلىشتىكى قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا نەزەر» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە، خىتايدا جەمئىي 1500 ناھىيە، 40 مىڭدىن ئارتۇق يېزىنىڭ بارلىقى، ھەر بىر ناھىيە 10 ئۇيغۇرنى، ھەر بىر يېزا ئىككى ئۇيغۇرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەندە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىزمەتكە ئورۇنلىشىدىغانلىقى؛ بۇنىڭ «شىنجاڭ» ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقى، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىش مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىپ، ئاخىرىدا ئىناق خىتاينى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىچى ئەمەلدارلارنى جازالاش»، «پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاش» ۋە «ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش» قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق بوشىتىلغان ئورۇنلارغا خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىگە قويۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

Leave a Comment

*

*