دائىرىلەرنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن جۈمە تاھىرنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي تاراتقۇلىرى 30-مارتتىكى خەۋەرلىرىدە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەقىپ تۇنىيازنىڭ 2014-يىلى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر ئائىلىسىنى يوقلىغانلىقى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە داۋراڭ سالدى. ھايات چېغىدا ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش بىلەن تونۇلغان جۈمە تاھىرنىڭ خىتايدا قايتىدىن تەشۋىق قىلىنىشىدىكى سەۋەب، مەقسەتلەر، نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 30-مارت كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېقىپ تۇنىيازنىڭ، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاتالمىش تېررورچىلار تەرىپىدىن قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدىكى مەيداندا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يوقلاپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى، خىتاي خەلق تورى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ 30-مارت پەيشەنبە كۈنىدىكى سانلىرىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە يەنە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېقىپ تۇنىيازنىڭ ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سالىمى ۋە ئۇنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئۆلىما جۈمە تاھىرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىغا بەرگەن يۇقىرى باھاسى» نى يەتكۈزگەندە، جۈمە تاھىرنىڭ بالىلىرى ۋە ئايالىنىڭ تەسىرلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ، كومپارتىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئائىلىگە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا يېقىندىن بۇيان بۇ خىل «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار»، «مىللىي ئىناقلىق ئۈلگىلىرى»، «ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى نەمۇنىلەر» ھەققىدىكى خەۋەرلەر قايتىدىن كۆپىيىشى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ما خەييۈن ئەپەندى خىتاينىڭ ئىسلام دىنى ۋە مىللىي سىياسىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.

ماخەييۈن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىقنى قايتا تەكىتلەپ، «دىنىي رادىكاللىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا، رايوندىكى ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلارنى كۆپەيتكەندىن باشقا، بۇ خىل ئاتالمىش ئۈلگىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشىگە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەندىشىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتىن ئەنسىرىشى، ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار سەۋەب بولغان.

ماخەييۈن ئەپەندى نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، رايوندىكى قارشىلىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشتا ئەلۋەتتە جۈمە تاھىر، قۇربان تۇلۇملارغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق بىر تۈركۈم ئاتالمىش ئۈلگىلەرنى تىكلەپ چىقىشقا، ئۇلارغا ئىلھام بېرىشكە ئېھتىياجى بارلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ھۆكۈمەتكە سادىق بولغان بۇ خىل نەمۇنە-ئۈلگىلەرنىڭ خەلقنىڭ نەپرەت ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى دىنىي ئۆلىما تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، 2014-يىلى 7-ئانىڭ 30-كۈنى روزا ھېيت مەزگىلىدە قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدىكى مەيداندا ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن جۈمە تاھىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ساداقىتى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغان، ھەتتا خەلقتە نەپرەت تۇيغۇسى قوزغاتقان شەخس بولۇپ تونۇلۇشىغا، ئۇنىڭ ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرى بويىچە ئەمەس، بەلكى دىننى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قوغداشتىكى قورال دەپ بىلگەنلىكى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارا ھالدا كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە بولغان ئۇيغۇرلارنى قارىلىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار قىلمىشلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014-يىلى 74 يېشىدا قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن جۈمە تاھىر ھايات چېغىدا كۆپ قېتىم خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى» قاتارلىقلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى مەدھىيىلىگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلەردە بولغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

يۇتۇپ تورىدا، جۈمە تاھىرنىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل نارازىلىق ۋەقەسى ۋە 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەر مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا يۈز بەرگەن ساقچىلار بىلەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، 21-ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان سېرىقبۇيا بازىرى قانلىق توقۇنۇشىدا ئۆلگەن 15 نەپەر خىتاي ساقچى، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ھېسداشلىق قىلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 6 نەپەر قارشىلاشقۇچى ئۇيغۇرنى قاتتىق ئەيىبلىگەن سۆزلىرى ساقلىنىپ قالغان.

2014-يىلى 30-ئىيۇل يۈز بەرگەن جۈمە تاھىرنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدە دائىرىلەر، جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان ئىككى ياشنىڭ نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ۋەقەگە چېتىشلىق يەنە 3 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇ يىلى 8-ئاي مەزگىلىدە، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بېرىلگەن مەخسۇس پروگراممىدا جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان دەپ تۇتقۇن قىلىنغان 3 ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش ئىقرارنامىسى بېرىلگەن.

جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختالغان نۇرمەمەت ئابلىمىت ۋە غېنى ھەسەنلەر سۆزىدە، «ئۆزلىرىنىڭ چەتئەللەردىن كىرگەن ئىسلام دىنىي ھەققىدىكى تەلىماتلار ھەققىدىكى سىنئالغۇ فىلىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ھېيتگاھ جاماسىدەك چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ تاراتقۇلاردا قىلغان سۆزلىرىنى، ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئايلاندۇردى، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈش پىلانى تۈزگەنلىكىنى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جۈمە تاھىر ئۆلتۈرۈلۈپ ئىككى ئايدىن كېيىن يەنى، 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋەر بېرىپ، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى جۈمە تاھىرنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان ياشلاردىن قەشقەر پەيزىۋاتلىق نۇرمەمەت ئابلىمىت، غېنى ھەسەن قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، 2014-يىلى 29-سېنتەبىر ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، قەشقەرلىك تۇرغۇن تۇرسۇنغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*