رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 16-مارت كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋاشىنگتون كولومبىيە ئالاھىدە رايونى ئەزاسى پائۇل سترائۇس  بىلەن سۆھبەتتە بولدى. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ھەرقاچان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئاراغا تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇشى ئۈچۈن بىر ياخشى پۇرسەت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

.ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا دائىر بەزى ئەھۋاللارنى ئىگىللىگەن. مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز ھۈججىتى يۇقىرقى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق بېرىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*