خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەر يۇقىرى سوممىلىق «يەمچۈك» تاشلاپ، خەلقنى «چېقىم» غا رىغبەتلەندۈرگەن

گۇمىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە ئاممىنى «تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى» بىلەن تەمىنلەشكە سەپەرۋەر قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان.

ئارقىدىنلا كېرىيە، چىرا، لوپ قاتارلىق خوتەندىكى كۆپ قىسىم ناھىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، «تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى» تەقدىم قىلغانلارغا مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مۇخبىر بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغان.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قارقىي يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىم تېلېفوننى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىخانا باشلىقى بىلەن سىياسىي كومىسسارنىڭ رۇخسىتىسىز بۇ توغرىلىق ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ خىلدىكى مەلۇماتلار ساقچىخانىنىڭ ئىچكى مەخپىيىتى بولغاچقا ئارتۇقچە سوئال سورىماسلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.

لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇلا يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىممۇ بۇ خىلدىكى «يىپ ئۇچى» تەقدىم قىلىش تېلېفونلىرىنىڭ پەقەت باشلىقلارغا كېلىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ياردەمچى ساقچى بولغانلىقى ئۈچۈن يۈگۈر-يېتىم ۋە كۆزەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى خادىم تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆپىنچە «گاڭپېڭ» (پولات ئىستىھكام) دەپ ئاتىلىدىغان تەكشۈرۈش پونكىتىدا 48 سائەت كۆزەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق «چېقىم» مەلۇماتلىرىنىڭ بىۋاسىتە كەنت سېكرېتارى ۋە ياكى ئامانلىق خادىملىرىغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ زىيارەت جەريانىدا چارلىغۇچى ساقچىلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىزنى ئەسلىدە ئايدا 4 مىڭ يۈەن مائاش بېرىمىز دەپ ئالغان ئىدى. مەن ئىشلەۋاتقىلى 4 ئايدىن ئاشتى. قولىمىزغا 4 مىڭ يۈەن ئايلىق كىرىپ باقمىدى. پەقەتلا 2589 يۈەن ئايلىق مائاش ۋە قوشۇمچە 450 يۈەن تاماق پۇلى بېرىۋاتىدۇ. ئەسلىدە 24 سائەت ئىشلەپ، 24 سائەت دەم ئالىسىلەر دېگەن ئىدى. ھالبۇكى 3 ئايدىن بۇيان دەم ئېلىپ باقمىدۇق. ئۇدا 48 سائەتتىن ئىشلەۋاتىمىز.»

مۇخبىر  ئاخىرىدا كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان. تېلېفوننى ئالغان نۆۋەتچى ساقچى كېرىيە ناھىيەسىدە «تېررورلۇققا دائىر يىپ ئۇچى» بىلەن تەمىنلىگەن كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۆزى ئىشلەۋاتقان ساقچىخانىنىڭمۇ بۇنداق «چېقىم» تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خوتەن تەرەپتە ئەھۋال مەلۇم قىلىپ، مۇكاپات ئالغانلار بار. بىزنىڭ بۇ يەردە ئالدىنقى مەزگىللەردە بەك قاتتىق تۇتۇلغاچقا گۇمانلىق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ گۇمانلىق پائالىيەتلىرى بىر قۇر تازىلىنىپ، ۋەزىيەت نورماللاشتى. يىپ ئۇچى بېرىدىغان ئىشلار ئانچە-مۇنچە مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئومۇميۈزلۈك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كەنت-مەھەللىلەردىكى قولۇم-قوشنىلار بىر-بىرىنى كۆزىتىدۇ ۋە بىر-بىرىگە كۆز-قۇلاق بولىدۇ. شۇڭا گۇمانلىق ئەھۋاللار دەرھال كەنت كادىرلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ. بىزنىڭ ‹گاڭپېڭ› (پولات ئىستىھكام)، يەنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىغا بېرىپ يىپ ئۇچى بېرىدىغان كىشىلەر ئاز.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا، جۈملىدىن خوتەن ۋىلايىتىدە خەلققە «يەمچۈك» تاشلاپ «چېقىم» غا رىغبەتلەندۈرۈشى، بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بىر خەلقنى «ئەخلاق كرىزىسى» ۋە «ۋىجدان تراگېدىيەسى» گە پاتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنداق چېكىدىن ئاشقان سىياسىي رەزىللىكنى تارىختا ناتسىستلار گېرمانىيەسى، ستالىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا بارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر قوللانغان ئىدى. بۈگۈن خىتايمۇ بۇنى ئۇيغۇر دىيارىدا قوللانماقتا، دېگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاخىرىدا خىتاينىڭ رايوندىكى بۇنداق چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم سىياسىتى گەرچە مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم كۆرسەتكەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا پۈتكۈل ئاۋامدا ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان پسىخىك كەيپىياتنى يارىتىدىغانلىقىنى. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇنداق ئىشەنچسىزلىك، گۇمان ۋە ۋەھىمە قاپلىغان جەمئىيەت ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*