ئاتۇشتىكى ۋەقە ھەققىدە گۇمان يېشىلىشى كېرەك

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى يىغىن ئېچىلىش مەزگىلىدە مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش نامى بىلەن شەرقى تۈركىستاندا جىددىي ساقچى كۆپەيتىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر قاتارلىق رايونلىرى ئۈچۈن 3000 ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ساقچىلار يالغۇز شەرقى تۈركىستاندىن ئەمەس، خىتاينىڭ ئىچكىرى رايۇنىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. خەۋەرگە قارىغاندا ئۇلارغا يۇقىرى مائاش بېكىتىلگەن. خوتەن رايونىدا بولسا » زوراۋان كۈچلەر» ھەققىدە پاش قىلغۇچىلارغا 5 مىليون يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. خىتاي ھۆكمىتىنىڭ بۇنچىلىك كۆپ ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇشى، بۇنچىلىك كۆپ پۇل تەمىنلەپ خەلقنى ئۆزىگە ھەمكارلىشىشقا قىزىقتۇرۇشى قانداقتۇر شەرقى تۈركىستاندىكى يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان، ياكى يۈز بېرىۋاتقان ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارىلاشتىن قورقۇۋاتقان بەزى ئەھۋاللارنىڭ مۇمكىنچىلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
تۈنۈگۈن خوڭكوڭدىكى بەزى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرى ئارقىلىق تارقالغان خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خېنەن رايونىدىن قەشقەر ۋە خوتەن رايونلىرىغا 1000 نەپەر ئالاھىدە ساقچىنى جىددىي يۆتكىگەن. كۆزەتكۈچىلەر شەرقى تۈركىستاندا شۇنچىلىك كۆپ ساندا ساقچى تۇرۇپ، يەنە جىددىي 1000 نەپەر ساقچى يۆتكىشى قانداقتۇر خىتاي ھۆكۈمىتى يوشۇرۇۋاتقان، زور كۆلەملىك بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن بولۇشى ياكى يۈز بېرىدىغانلىقىنىڭ ئېھتىماللىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامما ئارىسىدا ئالدىنقى كۈنى  تارقالغان ، تېخىچە ئېنىقلانمىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئاتۇش رايونىدا پۇتبول مۇسابىقىسىدىن قايتقان ياشلار ساقچىلارنىڭ ئوققا تۇتۇشىغا ئۇچرىغان، ۋەقەدە 70 ئەتراپىدا ياشلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغىنىغا بىر نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ۋە ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق قامال قىلىپ، ھەتتا خېنەن رايونىدىن ساقچى يۆتكىگەن ئىشنىمۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن يوشۇرۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكمىتىنىڭ كىشىلەردە قورقۇنچ ۋە نەپرەت پەيدا قىلىدىغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى، تۈگىمەس روھى بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بەزى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلىك گىردابىغا ئىتتىرىپ، بەزىبىر ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقلىق بولغان بولسىدى، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى قورقماي ئۆز پېتى دۇنياغا ئاشكارىلىغان بۇلاتتى. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن 70  كە يېقىن كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىدەك بۇ ۋەقە راست بولسا، بۇ بىر قىرغىنچىلىقتۇر، خىتاي بۇ جىنايىتىنى يۇشۇرماقتا. شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ئادىمىيلىككە قارشى جىنايەت ئېلىپ بارماقتا.
بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى ، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ئۈچۈن ھېساب بېرىشى، يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشى ئۈچۈن بېسىم قىلىشقا چاقىرىمىز. شۇنداقلا ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

Leave a Comment

*

*