رابىيە قادىر خانىم : ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىز، ئاياللارنى سۆيۈش ۋەتەننى، مىللەتنى سۆيۈشتۇر

ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى. بۇ بايرام يەنە «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەمدى بۇ بايرامنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى:

1909-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا ئىللىيونۇس شتاتى چىكاكۇ شەھىرىدىكى ئايال ئىشچىلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى ئىشچىلار بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ،مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، 8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىنى قۇلغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تارىختىكى ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەشكىللىك ئاممىۋى كۈرىشى بولۇپ، ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ قۇدرىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى ئىنقىلاب پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ ھېسداشلىقىغا، قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبىگە ئېرىشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1975-يىلىدىكى خەلقئارا ئاياللار يىلىدىن باشلاپ ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەشنى باشلىغان، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتكە باراۋەر قاتنىشىش ئەنئەنىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. 1977-يىلى ب د ت بىر تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ، ھەربىر دۆلەت ئۆزىنىڭ تارىخى، مىللىي ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ئاساسەن بىر يىل، ب د ت بولسا ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. 8-مارت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاياللار 8-مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

مانا بۈگۈنكىدەك ھەر قايسى دۆلەتلەر تۈرلۈك شەكىللەردىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاياللارغا بەخت تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يەنىمۇ زور تەرەققىياتلاردىن بەھرىمەن قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۇپرىقى ھەق-ھوقۇقلىرى خىتاي ھاكىمىتى تەرىپىدىن بېسىلىۋېلىنغان ئۇيغۇر ئاياللىرىدەك ئالاھىدە بىر توپلۇقنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى قانداق ھالەتتە؟

بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولى تارىختىن بۇيان ئۈستۈن بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى بېسىۋالغان باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ناھەق سىياسەتلىرى سەۋەبلىك، ھەر جەھەتلەردە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى كەمسىتىش ۋە خورلۇققا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرىنى، ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنى ئەرزان قۇل سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش، پىلانلىق تۇغۇت، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكلىرىنى چەكلەش، ئىقتىسادىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەتلەردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە «پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر ئاياللار ئەزەلدىن ئەرلەر بىلەن ھوقۇق، مەنپەئەت جەھەتتە باراۋەر بولۇش، قەدىر-قىممەت جەھەتتە باراۋەر بولۇشقا ئېرىشىپ بولغان، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاياللارنىڭ نومۇسىنى قوغدىشى ۋەتەننى قوغداشقا باراۋەر بولغاچقا، جان ۋە قان بەدەل بېرىپ ئاياللىرىنى قوغداۋاتىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنى بولسا ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇشتىن ئاللا بۇرۇن ھالقىغان، خىتاي ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن بارلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار شۇ باراۋەر ھوقۇقنى ھەمدە تىنچلىقنى ئېلىپ كېلىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىرادىسىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن» دەپ بىلدۈردى.

«بالىلارنىڭ، ئەرلەرنىڭ، پۈتۈن مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قولىدا» دەپ تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم، ‏بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يوقىتىش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرىنى كۈچەيتكەن پەيتتە، ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئانىلار، ئاياللار مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچىلاردۇر. ھەر ساھەدىكى ئاياللار ئۆزلىرى قىلالايدىغان دائىرىدە رولىنى، ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي ۋە دىنىي ئېتىقادىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

رابىيە قادىر خانىم سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، دۇنيا ئاياللار بايرىمى كۈنىدە يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىرادىسىنى سەل چاغلىماسلىققا، ئۇلارنى ئاشقۇن ئۆچمەنلىككە تارتىپ ئېلىپ كەلمەسلىككە، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىش بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا قاراپ تۇرماسلىققا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلغان ۋەھشىيلىكلىرى كېڭىيىپ كەتسە، دۇنياغىمۇ تەھدىت بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە چاقىردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*