سېكرېتار: «كەنتىمىزگە چۈشكەن خەنزۇ كادىرلارنى نۇقتىلىق قوغداۋاتىمىز»

گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان يەرلىك ئاھالىلەردىن بېرى، خوتەندە كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي كادىرلارنىڭ ئاھالىلەرگە قارىتا قىلىنىۋاتقان زوراۋانلىقلارغا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقى، مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا خىتاي ئىشچى-خىزمەتچىلەر كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان نېلۇپەر ئاھالىلەر قورۇسىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەنت سېكرېتارلىرىدىن بىرى نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ «ئۆز كەنتىگە چۈشكەن خەنزۇ كادىرلارنى نۇقتىلىق قوغداۋاتقانلىقى» نى بايان قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىقى پەرەزنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى دەلىللىدى.

گۇمىدا 14-فېۋرال يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاھالىلەردىن بىرى، ۋەقەنىڭ قوزغاتقۇچ سەۋەبى ھەققىدە ئۆز پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە كەنتلەرگە چۈشكەن مەسچىت باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي كادىرلار، مەسىلە تاپشۇرۇش، ئۆي ئاختۇرۇش قاتارلىق زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان ھەرىكەتلەردە ئۇيغۇر كادىرلارنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزلىرى پەردە ئارقىسىدىن قوماندانلىق قىلغان. بەزىدە ئۇلار تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە نەق مەيداندا يەرلىك ئاھالىلەرگە كۆيۈنگەن، ھېسداشلىق قىلغان قىياپەتتە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، كەنت يىغىنلىرىدا مەسىلىگە قارار بەرگەندە، ھەر ۋاقىت قاتتىق قوللۇقنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. كەنتلەرگە چۈشكەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ بۇ ئىككى يۈزلىمىچى تەدبىرى، كۆپلىگەن ياشلارنىڭ قول تېلېفونىدا چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنى كۆرۈش قاتارلىق ئاددىي سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇلۇشى ۋە بىر قانچە يىللاپ كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان. بۇ ئەھۋالنى تىلغا ئالغان ئاھالىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ خىتاي ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان نېلۇپەر ئولتۇراق رايونى تەۋەلىكىدە يۈز بېرىشى، ئەنە شۇ كەنتلەرگە چۈشكەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا غەزەپ-نەپرەتنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ پەرەزنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى، گۇمىدىكى بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرى دەلىللىدى:

‏-ۋەقەدىن كېيىن، مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ كەنتىمىزدىكى خەنزۇلارنى نۇقتىلىق قوغداۋاتىمىز.
‏-قوغداۋاتقىنىڭلار خەنزۇ دېھقانلارمۇ، كادىرلارمۇ؟
‏-كەنتىمىزگە ۋىلايەتتىن، ناھىيەدىن ۋە يېزىدىن چۈشكەن خەنزۇ كادىرلار. ئۇلار ۋەقەدىن كېيىن بىرئاز جىددىيلىشىپ قالدى، ئۇلارنى مىنبىڭلار قوغداۋاتىدۇ، كوچا چارلاش، ئۆي تەكشۈرۈشكە بىز ئۆزىمىز چىقىۋاتىمىز.
‏-بۇ، يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ تەدبىرىمۇ؟
-يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى.

گۇمىنىڭ ھەرقايسى ئىدارە، جەمئىيەتلىرىدە نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان خادىملارمۇ، ئۆزلىرىگە «خەنزۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇش» ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى يېقىنقى يىللاردىن بېرى دىنىي رادىكالىزمنىڭ ئىپادىسى دەپ تەشۋىق قىلماقتا، ئەمما مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر رايوندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تارىخىي يىلتىزى بارلىقىنى، يەنى ئۇنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش خاراكتېرلىك سىياسەتنىڭمۇ بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىدە قوزغاتقۇچ رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ يەرلىك كاردىلاردىن ئىگەللىگەن ئەھۋاللار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يۇقىرقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدا بېرىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*