خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى


بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى، يەنى 1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجىدىكى مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر ياشلار خىتاي داىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم دىنىي زاتلارنى سەۋەبسىز قولغا ئېلىشى ھەمدە ئۇيغۇرلاردىكى ئەنەنىۋى «مەشرەپ» پاالىيىتىنى چەكلىشىگە قارشى تىنچلىق نامايىشى تەشكىللىگەن ئىدى. ھالبۇكى، شۇ قېتىمقى نامايىش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى ھەمدە نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىندى.
خىتاي ھۆكۈمەت داىرىلىرى «نامايىشنى بىر ياقلىق قىلىش جەريانىدا 11 كىشى ئۆلدى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، شۇ ئىشلارغا شاھىت بولغانلار شۇ قېتىمقى ۋەقەدە يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جاماىتى ئىزچىل ھالدا ھەر يىلى تۈرلۈك پاالىيەتلەر ئارقىلىق «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋاشىڭتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە شىتاتى ۋە باشقا قوشنا شىتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋاشىڭتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ شۇ قېتىمقى تىنچلىق نامايىشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ماتەم بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىكتاتورلۇقىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.

يۇقىرقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدا ئەركىن  ئاسىيا مۇخبىرى ئەزىزنىڭ نامايىش نەق مەيدانىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرى بېرىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 

Leave a Comment

*

*