ئىستانبۇل ساقچىلىرى زەيتىنبۇرنۇ بىلەن سۇلتانگازىدا چەت ئەللىكلەرنى تەكشۈرمەكتە

ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە قارىتا كىملىكلىرىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىيەت گېزىتىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە 1-فېۋرال ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى ھەر قايسى ناھىيە-رايونلاردا ياشاۋاتقان چەت ئەللىكلەرنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، گۇمانلىق كۆرۈلگەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تۇتۇپ كېتىگەن. ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ چەت ئەللىكلەر شۆبىسى خادىملىرى زەيتىنبۇرنۇ، باشاكشەھىر، سۇلتانگازى ۋە پەندىكتە چەت ئەللىكلەرنىڭ كىملىكلىرىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان. تەكشۈرۈشكە، ئاسايىش خادىملىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئەترىتىنىڭ خادىملىرى قاتناشقان. تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، ساقچىلار چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۈستىنى ئاختۇرۇپ، رەسمىيەتلىرى كام چىققان ياكى ئەھۋالى گۇمانلىق كۆرۈلگەن چەت ئەللىكلەرنى تۇتۇپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، تۇتۇپ كېتىلگەن چەت ئەللىكلەر سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

ساقچىلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان زەيتىنبۇرنۇ رايونى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ھېسابلىنىدۇ. يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن رېينا ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ماشارىپوۋ تېررورلۇق ۋەقەسىنى پەيدا قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن زەيتىنبۇرنۇغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئايالى بىلەن قىزى بولسا پەندىكتىكى مۆكۈنگەن بىر ئۆيدىن تۇتۇلغان ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*