ئىلھام توختىنىڭ قوللىغۇچىسى، تىبەتشۇناش ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ ۋاپاتى سەپداشلىرىنى قايغۇغا سالدى

خەلقئارادا تونۇلغان تىبەتشۇناش، ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، گېرمانىيەدە قۇرۇلغان ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئېللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى ئېغىر قايغۇغا سالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى، ماري ھولزمان خانىم ۋە ساۋ ياشۆ خانىم قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنى غوللۇق بىر ئەزاسىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىمۇ ئەڭ مۇھىم بىر قوللىغۇچىسىدىن ئايرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تۋىتېر، فېيسبوك قاتارلىقلاردا ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبەتشۇناش پروفېسسورى ئېللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىغا بولغان تەزىيەنامىلەر ئۈزۈلمىدى. تەزىيىنامىلەرنىڭ بىر قىسمى ئېللىئوت سپېرلىڭنى يېقىندىن بىلىدىغان دوستلىرى، تەتقىقاتچى زىيالىيلار تەرىپىدىن يېزىلغان بولسا،يەنە بىر قىسمى خىتاي ۋە خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، چەتئەللەردىكى تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

پروفېسسور ئېللىئوت سپېرلىڭ ھەققىدە يېزىلغان تەزىيەنامىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىدە ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ كىملىكى ۋە ھايات مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ تونۇلغان تىبەتشۇناس ئالىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتلىرىنىڭ يېقىن قوللىغۇچىسى، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ئىكەنلىكى تەرىپلىنىپ، ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتىغا بولغان چوڭقۇر قايغۇ ئىپادىلەندى.

خىتايدىكى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدىن ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپات ساھىبى خۇ جيا، تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئىسېر، يازغۇچى ۋاڭ لىشۇڭ، رەسسام ئەي ۋېيۋېي قاتارلىقلار ئېلان قىلغان تەزىيىنامىلىرىدا ئېللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندىنىڭ خىتايدىكى تىبەت مەسىلىسى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغان، يېقىندىن قوللىغان تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىغا قايغۇ ئىپادىلەندى.

2008-يىللىق ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپات ساھىبى خۇ جيا تىۋتېرغا يوللىغان تەزىيىسىدە، «پروفېسسور ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ ۋاپاتى مېنى ۋە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇرنى ۋە ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ بېيجىڭدىكى دوستلىرىنى ئېغىر قايغۇغا سالدى. ئېللىئوتنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى يېقىن دوستى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇرنى ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنى يوقلاپ بارغىنىمدا، گۈزەلنۇر خانىم ماڭا 2014-يىلى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان چەتئەللەردىكى دوستلاردىن ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ بۇ ئائىلىگە روھى جەھەتتىن مەدەت بېرىپ ئۈزلۈكسىز قوللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مانا ئەمدى ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى ۋە ئىلھام توختى ئائىلىسىگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلدى» دەپ يازغان.

2012-يىلى 2-ئايدا دادىسى ئىلھام توختى ئامېرىكا سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، يات ئەلدىكى ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشىنى باشلىغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرمۇ، تۋىتېر ۋە فېيسبوكقا يوللىغان تەزىيىسىدە، ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ دادىسى ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ ئاتىلارچە غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ئۇنىڭغا ئاتا يوللۇق يەنە بىر يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئېغىر مۇسىبەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەتللەردىكى تىبەت، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەزىيىنامىلەردە، ئېللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندىنىڭ چەتئەللەردىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىنىڭ چەتئەللەردىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولغانلىقى تەكىتلەندى.

1-فېۋرال چارشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەزىيەنامىدە، پروفېسسور سپېرلىڭنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت جامائەتچىلىكىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان دوست ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسچىسى ئىكەنلىكى تەرىپلەندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، گېرمانىيەدە قۇرۇلغان ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يېقىن سەپداشلىرىدىن فىرانسىيەلىك تەتقىقاتچى مارىئې ھولزمەن خانىم، خىتايدا ئۆزگىرىش تورىنىڭ ساھىبى ساۋ ياشۆلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئېلىئوت سپېرلىڭ ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيىسىنى ئىپادىلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېللىئوت ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىگە قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئۆلۈمى چەتئەللەردىكى تىبەت ۋە ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى ئېلان قىلغان تەزىيەنامىسىدە ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى سەپداشلارنى ئېغىر قايغۇغا سالغانلىقى بايان قىلىنىپ، قالغان گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش پائالىيىتىدە ئېللىئوت ئەپەندىنىڭ تۈگىتەلمىگەن ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ يوقلۇقى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ بۇ يىلقى پىلانىدىكى ئىلھام توختىنى ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش ۋە ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش جەريانىدىكى بىر قاتار پائالىيەتلەردە زور بىر بوشلۇق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن فىرانسىيەدىكى تىبەت تەتقىقاتچىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارىئې ھولىزمان خانىم ئۆز تەزىيىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ نامىنى ئىلگىرى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما، ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي سەپداشلارچە دوستلۇقىمىز ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن رەسمىي باشلانغان ئىدى. بىز ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە بىرلىكتە پىلان تۈزگەن ۋە پائالىيەتلىرىمىزنى باشلىغان ئىدۇق. شۇڭا ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن ۋە مەن ئۈچۈنمۇ بىر يوقىتىش بولدى.»

ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ئامېرىكىدىكى «خىتايدا ئۆزگىرىش» تورىنىڭ ساھىبى ساۋ ياشۆ خانىم ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىغا قايغۇسىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: «ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ھەممىمىزنى قايغۇغا سالدى ئەلۋەتتە. ئەمما، ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرنى تېخىمۇ ئېغىر مۇسىبەتكە مۇپتىلا قىلدى. جەۋھەر 2012-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئېللىئوت سپېرلىڭنىڭ غەمخورلۇقىدا ئامېرىكىدىكى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئېللىئوت ئەپەندىنىڭ ئارىمىزدىن كېتىشى ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈچۈنلا بىر يوقىتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جەۋھەرنى، ئاتا يوللۇق مۇھەببىتى ۋە غەمخورلۇقىنى بەرگەن يەنە بىر يېقىنىدىن ئايرىدى.»

ساۋ ياشۆ خانىم ئۆزىنىڭ 4-فېۋرال شەنبە كۈنى نيۇيوركتىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېللىئوت سپېرلىڭنى خاتىرىلەش تەزىيىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ تۋىتېر ۋە فېيسبوكقا يوللانغان مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشقا قارىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى بىلدۈردى.

توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-، 5-فېۋرال (شەنبە، يەكشەنبە) كۈنلىرى نيۇيورك شەھىرىدە پروفېسسور ئېللىئوت سپېرلىڭ ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، تىبەتلەرنىڭ پائالىيىتى 4-فېۋرال كۈنى سائەت 5:30-دىن 7:30 غا قەدەر نيۇيورك 15-كوچا ۋ 22 ئادرېسىدىكى تىبەت ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى.

قوشۇمچە:
ۋېكىپىدىئادىكى ئېللىئوت سپېرلىڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1951-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇغۇلغان پروفېسسور ئېللىئوت سپېرلىڭ خەلقئارادا تونۇلغان تىبەتشۇناس ئالىم. ئۇ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتىدا تىبەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما، تىبەت ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى قاتارلىق كۆپ قىرلىق مەسىلىلەردە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 20 دىن ئارتۇق تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئېللىئوت ئەپەندى تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى يېقىندىن قوللىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇپ تونۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئېللىئوت سپېرلىڭ ئەپەندى 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىدلەش بىلەن بىللە، خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. 2014-يىلى 15-يانۋار ئىلھام توختى ئەپەندى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ۋە بۇ سەۋەبتىن 2014-يىلدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ خىتايغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قېلىش يولىنى پۈتۈنلەي توسۇۋەتكەن.

مەنبە: ئەركىن  ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*