«ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلاردا يەر-زېمىن قانۇنى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى

ئۇيغۇر تەتقىقاتى تۈركىيەدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، فولكلورى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن كىتابلار نەشر قىلىنماقتا. يېقىندا ئىستانبۇل يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور مەلەك ئۆزيېتكىن خانىم يازغان «ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلاردا يەر-زېمىن قانۇنى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى.

ئىستانبۇلدىكى ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتاب 235 بەت، ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تۈرك تارىخىدىكى ئورنى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىكى ئورنى بايان قىلىنغان. كېيىن بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا يەنە كىتابقا كىرگۈزۈلگەن قول يازمىلارنىڭ تىزىملىكىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.
ئاپتورنىڭ «ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار» دېگىنى 10-14-ئەسىرلەردىكى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمىغان تۇرپان ئىدىقۇتلۇقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەتتۇر.

«ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلاردا يەر-زېمىن قانۇنى» ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، ئۇيغۇرلاردىكى ئېلىم-بېرىم ھۆججەتلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسى ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئاتالغۇلىرى تەھلىل قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا ئاپتور قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشقان.

كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى خەت-چەك ۋە ھۆججەتلىرىدىكى ئاتالغۇلار مەزمۇنى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ تەھلىل قىلىنغان.

كىتابنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا، كىتابنى يازغان پروفېسسور دوكتور مەلەك ئۆزيېتكىن خانىم كىتابنى يېزىشتا پايدىلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدى يېزىلغان 41 پارچە ھۆججەتنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى كىرگۈزۈلگەن. مەلەك ئۆزيېتكىن خانىم بۇ قىسىم ھەققىدە كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ قىسىم قانۇنشۇناس، تىلشۇناس ۋە باشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، بولۇپمۇ قانۇنشۇناسلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ قىسىمدا يەنە بەزى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنىڭ ئورىگىنال نۇسخىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تىلشۇناسلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى. بۇ كىتاب تۈركىيەدە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىن قانۇنى توغرىسىدا يېزىلغان تۇنجى ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئومۇمىي تۈرك قانۇن تەتقىقاتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ دەپ قارايمەن».

بىز كىتاب ھەققىدىكى كۆز-قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن گېرمانىيە گۆتىڭگەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلەت سەمەت ۋە تۈركىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئەنۋەر ئىلھام ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئۆگىنىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەنۋەر ئىلھام ئەپەندى مەلەك ئۆزيېتكىن خانىمنىڭ تۈركىيەدىكى مۇھىم ئۇيغۇرشۇناسلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسەرنىڭ زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابلەت سەمەت ئەپەندى قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى ھۆججەتلەر توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان غەربلىك ئالىملار توغرىسىدا توختالدى.

ئابلەت سەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە خىتايدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان شەخسلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

كىتابنى يازغان ئىستانبۇل يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور مەلەك ئۆزيېتكىن خانىم 1970-يىلى ئەنقەرەدە دۇنياغا كەلگەن. 1991-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1993-يىلى ماگىستىرلىقنى، 1999-يىلى دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن. ئۇ، 1992-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەرسى بەرگەن بولۇپ، ھازىر يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى دەرسى بەرمەكتە. پروفېسسور دوكتور مەلەك ئۆزيېتكىن خانىمنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، قەدىمكى تاتار تىلى ۋە تارىخى، قانۇن ئاتالغۇلىرى، ئۇيغۇر باج ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا ئونغا يېقىن كىتابى ۋە كۆپ ساندا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇ، بىر مەزگىل تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن.

Leave a Comment

*

*