ئاق ساراي خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترۇمپ ئاق سارايدا ئۆز پرېزىدېنتلىق خىزمىتىنى باشلاپلا ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى قارارلارنى ئالدى. بولۇپمۇ ئاق ساراي باياناتچىسى شان سىپايسېرنىڭ دۈشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا «ئامېرىكا خىتاينىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق بولغان جەنۇبىي دېڭىزنى ئىگىلىۋېلىشىنى توسىدۇ» دېيىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا جىددىي تىركىشىدىغانلىقىنىڭ سىگنالى، دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى شان سىپايسېر دۈشەنبە كۈنىدىكى تۇنجى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ بۇ جايدىكى مەنپەئەتلىرىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ؛ « جەنۇبىي دېڭىزدىكى بۇ ئاراللار ئەگەر خەلقئاراغا ئوچۇق دېڭىزدىلا بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بىز خەلقئارالىق بىر تېررىتورىيەنىڭ بىر دۆلەت تەرىپىدىن تارتىۋېلىنماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى قەتئىي قوغدايمىز» دېگەن.

سپايسېرنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى. سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ بۇنىڭغا دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپنى گەپ قىلغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقىغا زىيان بەرمەسلىككە چاقىردى.

ئاق ساراي باياناتچىسىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «گاردىيان» گېزىتى ئاق ساراي باياناتچىسى شان سىپايسېرنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ترۇمپ ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە كەسكىن سىياسەت يۈرگۈزۈدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكىدىكى «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدىمۇ ئاق ساراي باياناتچىسىنىڭ سۆزىنىڭ پرېزىدېنت ترۇمپنىڭ سايلام مەزگىلىدە خىتايغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئېغزىدىن چىققاننى قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشتەك ئورنىنى قوغداشتىكى ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ بۇ جايدىكى مەنپەئەتىنى قوغداپ، خىتاينى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا كىچىك كۆلەملىك بىر توقۇنۇش كەپ چىقىش ئېھتىمالىنىڭ زورلۇقىنى بىلدۈردى.

«گاردىيان» گېزىتى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە، دونالد ترۇمپنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي كۈچكە تايىنىشنى ياقىلايدىغان كىشىلەرلىكىنى، جۈملىدىن بۇنىڭ رايوندىكى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىش مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋاشىنگتوندىكى كونسېرۋاتىپ دەپ تونۇلىدىغان ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگىنى- ئامېرىكا ئىنتېرپرايىس ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتلىرى بۆلۈمى باشلىقى دانىيال بلۇمېنتال «گاردىيان» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە ؛ئامېرىكىنىڭ خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزنى كونترول قىلىشىنى چەكلەيدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن چوقۇم رايوندا كۈچلۈك ۋە ئىزچىللىققا ئىگە بولغان ھەربىي كۈچى بولۇشى كېرەكلىكىنى، چوڭ بىخەتەرلىك ئويۇنلىرىنى ئويناش ئۈچۈن ھەربىي كۈچنىڭمۇ ئۇنىڭغا لايىق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىغا ھەربىي كۈچىنى يۆتكەۋاتقانلىقىنى، ھەربىي تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پرېزىدېنت دونالد ترۇمپ نۇتۇقلىرىدا داۋاملىق تۈردە خىتايغا سودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەپلەردىن قارشى پوزىتسىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دۈشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ئاق سارايدا تۇنجى بولۇپ قول قويغان قارارلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ «ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى» يەنى قىسقارتىلمىسى «ت پ پ» دەپ ئاتىلىۋاتقان تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىشقا دائىر بولۇشى ئانالىزلارنى قوزغىغان. چۈنكى بۇ ھەمكارلىق ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە، مالايشىيا، ۋىيېتنام، مېكسىكا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تىجارىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىدى. ئەمما پرېزىدېنت دونالد ترۇمپنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىش قارارى ئېلىشى دۈشەنبە كۈنى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە پرېزىدېنت ترۇمپنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىغا خوجا بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى، دەپ باھالىدى. ئەمما ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەمكارلىق بىكار قىلىنغان بىلەن، ترۇمپنىڭ يەنە باشقا خىل ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق يەنىلا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى داۋام قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت ترۇمپنىڭ ھۆكۈمەت كابىنېتىدا خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق قوللۇق بولۇشنى تەكىتلەيدىغانلار كۆپ بولۇپ، ترۇمپ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا نامزات كۆرسەتكەن تېللېرسون بۇنىڭ بىر ئۆرنىكى. ئۇمۇ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ كەسكىن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. يۇقىرىدىكى ئامېرىكا ئىنتېرپرايىس ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى دانىيال بلۇمېنتال «گاردىيان» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە قانچە كەسكىن بولسا ئاندىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە بەزى ساھەلەردە ئىلگىرىلەش كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئىپادە قىلىۋاتقان كەسكىن پوزىتسىيەسىنىڭ كەينىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، دېگىنىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا خىتاينىڭ ئۇ جاينى ئىگىلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*