رابىيە قادىر خانىم: رېئىنا تېررورچىسىنى تىرىك تۇتقان تۈرك ساقچىلىرىنى تەبرىكلەيمەن

رېئىنا تېررورچىسىنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرى ، بۇ خەۋەرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان پۈتۈن شەرقى تۈركىستانلىقلار قاتارىدا مېنى بىرقانچە جەھەتتىن سۆيۈندۈردى.

مېنى ئەڭ سۆيۈندۈرگىنى تېررورچىنىڭ تىرىك تۇتۇلىشىدۇر، چۈنكى بۇ نۇقتىدا ئالدى بىلەن تۈرك ساقچىلىرىنىڭ جاسارىتى، ئاندىن كەسپىي ئەخلاقى نامايەندۇر. تېررورچى 39 جاننى ھېچ ئىككىلەنمەي ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن، يېنىدا قورالى بارلىقى تەخمىنگە يېقىن ، دائىش ئەزاسى بولغىنى ئۈچۈن، ئۆزىنى پارتلىتىش ئېھتىماللىقى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت؛ مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدا، ساقچىلارنىڭ تېررورچى بار ئۆيگە بېسىپ كىرىشكە تەۋەككۈل قىلىشى بىر جاسارەت مەسىلىسى بولۇش بىلەن بىرلىكتە تۈرك مىللىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پىداكارلىق مەسىلىسىدۇر. ساقچىلارنىڭ تېررورچى بىلەن يۈزمۇ-يۈز كەلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭغا قورال ئىشلەتمەستىن بويسۇندۇرغانلىقى، بىر ماھارەت، بىر تەجرىبە مەسىلىسىدىن باشقا، ھەم ئىنسانىي ھەم قانۇنىي ئەخلاق مەسىلىسى. تۈرك ساقچىلىرىدىكى بۇ جاسارەت ۋە بۇ پەزىلەت، تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نورمال بىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ئوپېراتسىيىلىرىنىڭ دەردىنى تارتقان ۋە تارتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادەتتىكى بىر ماھارەت ياكى ئادەتتىكى بىر ئەخلاق ئەمەس.

خىتاي 2015 ‏-يىلى 11 ‏-ئاينىڭ  14‏-كۈنى بىر غاردا يوشۇرۇنۇپ ياتقان،   28 تېررورچىنى ئوتچاچار بىلەن پاك-پاكىز تازىلىۋەتكەنلىكىنى تەن-تەنە بىلەن خەۋەر قىلدى ( فىرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى ، 2015-نچى يىلى 14-نچى نويابىر خەۋىرى). خەۋەردە بۇ  28 «تېررورچى»نىڭ قولىدا ئاپتوماتىك قورال يوقلۇقىنى، 56 كۈن قېچىپ مادارى قالمىغانلىقىنى يوشۇرمىدى، پەقەت ئوتچاچار قوللىنىپ كۆيدۈرگەن   غارنىڭ ئىچىدە  4 ئايال، 3 بالا بارلىقىنى يوشۇردى( ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى).

ئەگەر خىتاي ساقچىلىرىدا تۈرك ساقچىلىرىدەك جاسارەت ۋە پىداكارلىق بولغان بولسا، غار ئىچىدىكى بۇ ھالسىرىغان «تېرورچى»لارنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈش تامامەن مۈمكىن ئىدى؛ تۈرك ساقچىلىرى دائىش ئەزاسىنىڭ ئايالىغا كۆرسەتكەن ھەقلىق مۇئامىلىنى، خىتاي ساقچىلىرى باي كۆمۈر كان  ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك غاردىكى «تېرورچى»لارنىڭ ئايال -بالىلارغا كۆرسىتەلمىدى.

تەخمىن قىلىمەنكى، ئەگەر ئەسەنيۇرتتىكى شۇ سەھنىدە تۈرك ساقچىلىرىنىڭ ئورنىدا خىتاي ساقچىسى بولغان بولسا، پۈتۈن بىنا قوراللىق ساقچى ۋە تانكىلار بىلەن قورشالغان، بىنا ئۈستىدە تىك ئۇچارلار ھەيۋە قىلىپ ئۇچۇپ يۈرگەن، ساقچىلار بىنانىڭ ئىچىگە كىرمەستىن، ئوي ئىچىگە بومبا ئاتقان ياكى ئاپتوموتتا ئوققا تۇتقان بولاتتى. بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا بولۇۋاتقىنى شۇ خىل ئەھۋاللاردۇر.

رېئنا ھۇجۇمىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا تۈركىيە ئۆزىنىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. ۋەقە يۈز بەرگەن سائەتتىن ئىتىبارەن مەۋجۇت بارلىق تەپسىلاتلار دۇنياغا ئاشكارىلاندى.
ۋەقە گۇماندارىنىڭ ئالاقە دائىرىسى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ۋە بىنالارغا تۇتاشقان بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىنىش بولمىدى، ھەقسىز تۇتۇلغانلارمۇ بولمىدى. ئەلۋەتتە بۇ تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نورمال بىر قانۇنىي تەرتىپ دەپ قارىلىشى مۈمكىن. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال، زىمىنىدا ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى قاتتىق زەربە دولقۇنى 15 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىرىمىز ئۇچرىتالايدىغان نورمال قانۇنى تەرتىپ ئەمەس.
خىتاي مۇشۇ ئاينىڭ 8 ‏-كۈنى قېچىپ يۈرۈۋاتقان 3 گۇماندارنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى . خەۋەردە ئېتىلغانلارنىڭ 2015 ‏-يىلى گۇمىدا يۈز بەرگەن » 22‏-ئاپرېل تېررورلۇق ۋەقەسى»گە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى يازدى، ئەمما «22 ‏-ئاپرېل ۋەقەسى» دېگەن بىر ۋەقە 19 ئايدىن بېرى خەۋەر قىلىنغان ئەمەس. ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، ھېچ بولمىدى دېگەندە قانچە كىشى ئۆلگەنلىكى، گۇماندارلارنىڭ كىملىكى دۇنياغىلا ئەمەس، خىتاي خەلقىگىمۇ، ئۇيغۇرلارغىمۇ سىر، بەلكىم ۋەقە يۈز بەرگەن مەھەللە ئاھالىلىرى بىلىشى مۇمكىن.
مەن ، خىتاينىڭ تېررورغا قارشى ئوپېراتسىيىلىرىدە پەرزەنتلىرى ئۆلۈۋاتقانلىقىدەك پاجىئەگە دۇچ كىلىۋاتقانلا ئەمەس، پەرزەنتلىرىنىڭ جەسىتىگە، ھەتتا ئۇچۇرىغىمۇ ئىگە بولالمايۋاتقان بىر خەلقنىڭ خەلقئارادىكى داۋاگىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تۈركىيەنىڭ رېئىنا تېررورچىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئوپېراتسىيىسىدىكى ئىنتىزام ، ئەخلاق ۋە قانۇنىيلىقىنى ھەۋەس ھەم ھۆرمەت بىلەن كۆزەتتىم.

 خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى قايسى كۈنى رېئىنا تېررور دېلوسىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەلۋەتتە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئۈمىدىم، ، دېلونى  دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقان  خىتاي دائىرىلىرى  تېررور دېلولىرىنى قانداق خەۋەر قىلىش، تېررور گۇماندارلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە ئەخلاقىي ۋە قانۇنىيلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقاندۇ

ئۆتكەن 17 كۈن ئىچىدە تۈركىيەدە بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز ئاخبارات ئورۇنلىرى رېئىنا تېررورچىسىنى ئۇيغۇرلارغا باغلاپ خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقۇن پوزىتسىيىسىدە تەۋرەش بولمىدى. نەتىجىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن، جەمئىيەتتە تەھدىت ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغۇچىلار ئاساسەن بولمىدى، شۇڭا تۈرك خەلقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قېرىنداشلىق مېھرى ۋە ئەخلاقىي ساپاسىغىمۇ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەيسەل قايناقنىڭ ياردەمچىم سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مەكتۇپ يوللاپ ۋە بۇ مەكتۇپىنى ئاخبارات بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق رېئىنا تېررورچىسى خەۋەرلىرىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا بەرگەن يامان تەسىرىنى تازىلاشقا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمۇ، بىر دۆلەت ئەربابىغا خاس مەسئۇلىيەتچانلىق سۈپىتىدە مېنى سۆيۈندۈردى ، ۋەيسەل  ئەپەندىگىمۇ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

رېئىنا تېررورچىسىنىڭ تىرىك تۇتۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن،  ئىككى ھەپتىدىن بېرى خىتاي ئاخباراتىدا بېرىلگەن ساختا خەۋەرلەر ئىنكار بولدى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ رېئىنا قەتلىئامىدىن كۈتكەن پۇرسەت ۋە مەنپەئەتلىرىمۇ سۇغا چۈشتى، ئەلۋەتتە بۇ سەۋەبتىنمۇ تۆھمەتخورلارغا پۇرسەت بەرمىگەن تۈرك ساقچىلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
بىز ئۇيغۇرلار ھەققانىي داۋايىمىز يولىدا بۇرۇن بولغىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيەدىن، سىياسىي، ئىجتىمائىي،مەدەنىي ساھەلەردە مەدەت ۋە ياردەملەرنى كۈتىمىز، ئەمما بىزگە بۇنىڭدىن مۇھىمى، ئەڭ چوڭ مەدەت تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۆرە تۇرۇشى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ ئامانلىقىدۇر. تۈركىيە بىزنىڭ روھىي ئوزۇقىمىز، ئاللاھ تۈركىيەنى ئامان قىلسۇن!

2017- يىل 17-نچى يانىۋار

Leave a Comment

*

*