ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇقەددەس مازارلىرى بايان قىلىنغان كىتاب تۈركىيەدە نەشىردىن چىقتى

پىروفېسسور دوكتور ياشار چورۇخلۇ يازغان «قەدىمقى تۈركلەرنىڭ مۇقەددەس مازارلىرى-قۇرغانلار»ناملىق ئەسەر ئۆتكەن ئاي نەشىردىن چىقتى. ئىستانبۇلدىكى ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 600 بەتلىك كىتابنى يازغان مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى چورۇخلۇ ئەپەندى  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى موخبىرى ئەركىن تارىم ئەپەندىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كىتاب ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ كىتاب، ئىچ ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركلەرگە ۋە تۈركلەرنىڭ ئاتا بوۋىلىرىغا تەۋە بولغان قۇرغان دەپ ئاتالغان مازارلارنىڭ قۇرۇلمىسى بايان قىلىنغان بىر قوللانما ھېسابلىنىدۇ. قۇرغان تۈركچە بىر ئاتالغۇ، بۇ ئادەت تۈركلەردە مىلادىدىن بۇرۇن 3 مىڭىنچى يىللاردا باشلانغان. بەزى ياۋروپالىق تەتقىقاتچىلار ھىندى-ياۋروپا مىللەتلىرىگە خاس بىر مازار ئادىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بولسىمۇ، مەن بۇنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە خاس بىر ئادەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن تارىختا تۈركىي قوۋىملار ياشىغان ۋە بۈگۈنمۇ ياشاۋاتقان پۈتۈن جايلاردىكى قۇرغانلار ۋە قۇرغانلاردىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك بويۇملارنى كۆرۈپ، كىتابدا بايان قىلدىم. بۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مازار قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ.»

مەزكۇر كىتاب، 9 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسىمى كىرىش سۆز قىسمىدۇر، بۇ قىسىمدا مازار، يەنى قۇرغانلار يېيىلغان رايونلار، قۇرغانلار توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار تونۇشتۇرۇلغان. بۇ قىسىمدا يەنە قۇرغان سۆزىنىڭ مەنىسى، قۇرغان تەتقىقاتىنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئىچكى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا، شىمالىي قارا دېڭىز ۋە كاۋكازىيە توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئىچكى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇرغانلار بايان قىلىنغان. بۇ قىسىمدا نوقتىلىق ھالدا تاشقى موڭغولىيەدىكى قەدىمكى مازارلار،يەنى قۇرغانلار، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى قۇرغانلار، يەنى مازارلار، قەدىمكى ئۇيغۇر قۇرغانلىرى، كاڭلې، ۋۇسۇن قۇرغانلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىكى قۇرغانلار بايان قىلىنغان. باشقا قىسىملاردا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قۇرغان ئادەتلىرى بايان قىلىنغان.

بۇ كىتاب ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇ، قۇرغان، يەنى قەدىمىي مازار توغرىسىدا تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قەدىمقى ئۇيغۇر قۇرغانلىرىنىڭ باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*