ئونسۇ ناھىيەسىدە قايچىغىمۇ كىملىك نومۇرى ئويدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان

تىغلىق ئەسۋاپلارنى سېتىشتا خېرىدارلارنىڭ كىملىكىنى تىزىملاش تۈزۈمى بۇنىڭدىن 2-3يىل بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان بىر خىل ئامانلىق تەدبىرى ئىدى. بىراق ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى يېقىندا تىغلىق ئەسۋاپلارنى كونترول قىلىشنىڭ تېخىمۇ رادىكال ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويغان.

ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، تەۋەلىكتىكى بارلىق پۇقرالارنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ، پالتا، پىچاق، قىڭراق، ئوغاق قاتارلىق ئائىلىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارغا شۇ ئائىلە مەسئۇلىنىڭ كىملىك نومۇرىنى باستۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

پۇقرالارنىڭ تىغلىق ئەسۋابلارغا كىملىك نومۇرىنى باستۇرۇشى ئۈچۈن 2 كۈن ۋاقىت بېرىلگەن. ئونسۇ بازىرىدىكى بىر ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8‏-يانۋاردىن 10‏-يانۋارغىچە كىملىك نومۇرىنى باستۇرمىغانلارنىڭ تىغلىق ئەسۋابلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئۆزى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىكەن.

ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى، تىغلىق ئەسۋابلارغا كىملىك نومۇرى بېسىش تۈزۈمىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما باستۇرمىغانلارنى قانداق جازالاش قاتارلىق تەپسىلىي ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلدى.

ساقچى: ھەئە بۇ ساقچىخانا، نېمە بولدى.

مۇخبىر: يېقىندا بىر ئۇقتۇرۇش كۆرگەنتىم، 10 ‏-چېسلاغىچە پىچاق، قىڭراق، چەيدۇ قاتارلىق ئائىلە ئەسۋابلىرىغا كىملىك نومۇرى بېسىشنى تەلەپ قىپتىغۇ؟

ساقچى: سىزچۇ، ئۇنى شۇ ئاھالىلەر كومىتېتىغا، شۇ يەردىكى ساقچىخانىغا بېرىپ سوراڭ، شۇلار جاۋاب بېرىدۇ، جۇمۇ. ئاشۇلاردىن سوراڭ، ئۇنى بىز ئۇقمايمىز. ئۇنى ئاشۇلار ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى بار، شۇ يەرگە كىرىڭ. (ئۆزى قىلىۋالسا) بولمايدۇ. (نەگە بېرىپ قىلىشنى) مەن بىلمەيمەن، مەن ئاھالىلەر كومىتېتىغا مەسئۇل ئەمەس.

ئونسۇ ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر قىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دادىسى بۈگۈن بېرىپ، ئائىلىسىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارغا كىملىك نومۇرى قويدۇرۇپ كەلگەن.

ئۇيغۇر قىز: بۇ ئاقسۇ كونا شەھەر.

مۇخبىر: ماۋۇ يېقىندا ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقارغان، پۈتۈن پىچاق، چەيدۇلارغا كىملىك نومۇرۇڭلارنى ئويدۇرۇڭلار، دەپ، قىلدىڭلارمۇ سىلەر.

ئۇيغۇر قىز: ھەئە، قىلدۇق. ئەتىگەندە قىلدۇرغان. دادام ئاپىرىپ قىلدۇرۇپتىكەن. مەن ئۇقمىدىم ئۇنى. ئىش قىلىپ خېلى جىق پىچاققا قىلدۇرغان ئوخشايدۇ، 11-12 تالمىكى، ئىشقىلىپ، خېلى جىق نەرسىگە قىلدۇردۇق.

ئونسۇ ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال، يولدىشىنىڭ پىچاق قاتارلىق 14 خىل تىغلىق ئەسۋاپقا كىملىك نومۇرى قويدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا قايچىغىمۇ كىملىك نومۇرى قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئايال: قىلىپ بولغان بىز. ئۆي بويىچە 11 تال چوت، پىچاق، قايچا بولۇپ. قايچىغىمۇ قىلدۇردۇق. ئۇ يولدىشىمنىڭ كىملىك نومۇرىغا قىلدۇق. شۇ كىملىك نومۇرى چۈشىدىكەن. پۈتۈن ناھىيەدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ساقچىغا بېرىپ ئويدۇرامسىلەر ياكى مەخسۇس بىر ئويدۇرىدىغان يەرنى كۆرسىتىپ بېرەمدۇ؟

ئۇيغۇر ئايال: مۇشۇ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ساقچىخانا قىلغان يەر باركەن، ئاشۇ يەردە نېمە قىلدۇق. ئاھالىلەر رايونى ئاپىرىپ شۇ يەردە ئويدۇردى. (ئويدۇرمىغانلارنى قانداق قىلىدۇ) ئۇنى ئۇقمىدۇق.

بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان مۇقىملىق نامىدىكى ئەڭ رادىكال ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. ئەمما بۇ تەدبىر، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن چارشەنبە كۈنى رادىيومىزدا ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ مەزكۇر ئامانلىق تەدبىرىنى تەنقىدلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېرۋىسى قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەچكە ھەرخىل چارىلارنى ئىشلىتىپ بېقىۋاتىدۇ، دېدى.

ئىلشات ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: « بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ مېنىڭ شۇ زامات ئېسىمغا كەلگىنى نېمە دېگەندە، خىتاينىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ئەڭ جىق تەكىتلەيدىغان موڭغۇللار خىتاينى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 10 ئائىلىگە بىردىن چەيدۇ بېرىپ، تاماق ئېتىشكە شۇنى يولغا قويغان. شۇ ئېسىمغا كەلدى. بۇنى خىتايلار ناھايىتى نارازىلىق بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئەڭ رەزىل سىياسىتىنىڭ بىرى، دەيدۇ. شۇ خىتاي ئۆزى رەزىل دېگەن ئۇسۇلنى ھازىر بىزنىڭ خەلقىمىزگە ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ تەرەققىي قىلىپ، ھەر بىر ئائىلىدىكى قايچىدىن تارتىپ، كىچىك بەكىگىچە كىملىك نومۇرىنى باستۇرۇپ، بىر ئادەم شۇنىڭغا ئىگە بولۇشىنى يولغا قويدى. بۇ دېمەك، خىتاي ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك نېمە قىلىشىنى، قانداق قىلىشىنى بىلمەي، بىر خىل دەككە-دۈككىدە كاللىسىغا كەلگەن چارىلەرنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.»

ئىلشات ھەسەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى يەرلىك دائىرىلەرگە كۆتۈرۈپ بېرىشى، يەرلىكنىڭ قانۇنلارغا خىلاپ بۇ خىل بىمەنە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ داۋاملىق ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.

ئىلشات ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: « كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىزنىڭ ۋەتەندە يوقاپ كېتىشى، بۇنى خىتاينىڭ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى، شۇ يەردىكى (مۇقىملىقنى) كۆتۈرىگە بېرىش، مەسئۇلىيەتنى ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى ئەمەلدارلىرىغا ئارتىپ، چاتاق چىقسا سېنى سۈرۈشتۈرىمىز، دېگەچكە بۇلار كاللىسىغا كەلگەن ئۇسۇلنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ يەردە بۇلارنىڭ 1‏-ۋەزىپىسى شۇ يەردىن بىر ئىش چىقمىسا، دەيدۇ. ئىش چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىۋاتىدۇ، دېسە، ئەڭ دۆت، ئەڭ ۋەھشىي، ئادەمنىڭ ئەڭ زىتىغا تېگىدىغان، ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئۇسۇللارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. سىياسەتنى تۆۋەندىكىلەر بەلگىلىمىگەندىن كېيىن، يۇقىرىغا نارازىلىق بىلدۈرەلمىگەندىن كېيىن، بۇلار پۈتۈن بېسىمنى پۇقراغا سېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل بېسىم ئارقىسىدا كىشىلىك ھوقۇق ئەمەس، ئىنساندەك ياشاش شارائىتىنىمۇ يوق قىلىۋاتىدۇ.»

ئۆتكەن يىلى28‏-دېكابىر كۈنى خوتەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم 4 ئۇيغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 5 ئادەم ئۆلگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ 3 نەپىرى ھۇجۇمچى ئۇيغۇرلار، 2 نەپەرى ھۆكۈمەت خادىمى ئىدى.

دائىرىلەر بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن. شەھەر-بازارلاردىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدا 24 سائەتلىك قاتتىق كىملىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يۈرگۈزگەن. دائىرىلەر قاراقاش «پارتكوم ۋەقەسى» يۈز بېرىپ 10‏-كۈنى، گۇما ناھىيەسىدە 3 ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ 2015‏-يىلى يۈز بەرگەن ‏«22‏- ئاپرېل ۋەقەسى» گە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*