رابىيە قادىر خانىم : خىتاي سىرلىق » 22 ‏-ئاپرىل ۋەقەسى»نىڭ پەردىسىنى ئېچىشى كېرەك

(رابىيە قادىر خانىم)

خىتاي ئاخباراتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 8 ‏-يانۋار كۈنى خوتەندە 3 قاچقۇننى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ 2015 ‏-يىلى گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن » 22 ‏-ئاپرىل» تېرورلۇق ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئەپسۇسكى خەۋەردە دېيىلگەن 22 ‏-ئاپرىل ۋەقەسى تا بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ ھىچ بىر ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنغان ئەمەس؛ ھەتتا ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ كۆرۈلمىگەن ئىدى. ۋەقەنىڭ بىر يىل 9 ئايدىن كېيىن ئاشكارىلىنىشى، ئاشكارىلانغاندىمۇ چولتا ئاشكارىلىنىشى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۆتكەن ئىككى يىللىق ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇ ھەقتە بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان نۇقتىلار :

» 22 ‏-ئاپرېل ۋەقەسى» نېمە ئۈچۈن 1 يىل 9 ئاي كېيىن ئاشكارىلاندى؟
خىتاي 2015 ‏-يىلى 18 ‏-سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن باي كۆمۈركان ۋەقەسىنى ئارىدىن 56 كۈن ئۆتكەندە، پارىژدا تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندە خەۋەر بەرگەن ۋە مەزكۇر ۋەقەنىڭ پارىژدىكىگە ئوخشاشلا تېرورلۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان( نىيويورك ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى ) ؛ 22- نچى ئاپرىل ۋەقەسى» ئۈچۈنمۇ شۇنداق بىر پۇرسەتنى كۆتكەنمۇ ياكى كۈتىۋاتامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن تەپسىلاتى ئاشكارىلانمايدۇ؟
خىتاي ئاخباراتى 2012-يىلى 12 ‏-ئاينىڭ 28 ‏-كۈنى ساقچىلارنىڭ خوتەن گۇمىدا خەلقئارا تېررورغا قېتىلىشقا ئاتلانغان 11 تېررورچىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى رايوندىكى ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلىپ مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ زۇلۇمدىن قاچقان ۋە سىياسىي پاناھلىق ئۈچۈن يولغا چىققان ئاكا-ئۇكا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا ئىككى ئايال، يارىلانغانلار ئارىسىدا 5 بالا بارلىقىنى پاش قىلغان (ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى).
22 ‏-ئاپرېل ۋەقەسىمۇ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئائىلە پاجىئەلىرىدىن بىرىمۇ قانداق؟ ئەگەر ۋەقە ھەقىقىي تېررورلۇق ۋەقەسى بولسا خىتاي ئۇنى ئېلان قىلىشتىن نېمە ئۈچۈن قورقىدۇ؟ خىتاي  ھۆكىمىتى 2014 ‏-يىلى ماي ئېيىدا بىر يىل قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغىغان، بۇ جەرياندا يۈز نەچچە مەيدان ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىپ مىڭلارچە كىشىنى قاماققا ھۆكۈم قىلغان. مانا بۇ ۋەزىيەتكە ئاساسەن شۇنداق تەخمىن قىلىشقا بۇلىدۇ:

 – بۇ بىر زۇلۇمغا، ئادالەتسىزلىككە قارشى ئىسيان ۋە ئۇنى قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن؛ بۇ بەلكىم خىتاي ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىش جەريانىدا كېلىپ چىققان ئېغىر بىر پاجىئە بولۇشىمۇ مۇمكىن؛ ئەگەر خىتاينىڭ دېگىنى راست دەپ قارىساقمۇ ئۇ چاغدا بۇ ۋەقەدە كۆپلىگەن بىگۇناھ خىتاي پۇقرالىرى ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن. تەخمىنلەرنىڭ قايسىسى توغرا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز قانۇنى ۋە خەلقئارادا قانۇنلاردا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى ئاشكارىلاش مەجبۇرىيىتى بار.
تۈركىيەدىكى رېئىنا، فىرانسىيەدىكى پارىژ، ۋە ئامېرىكىدىكى بوستون تېررورلۇق ھۇجۇمى قەدەممۇ-قەدەم، كۈنمۇ-كۈن تەپسىلاتلار بىلەن خەۋەر قىلىنىدۇ-يۇ، نېمە ئۈچۈن 22 ‏-ئاپرېل گۇما «تېررور»لۇق ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ؟ بۇ ۋەقەنىڭ تېررور ئىكەنلىكىدە گۇمان بارمۇ؟ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىجرائاتلىرىدا خاتالىق بارمۇ؟ ياكى خىتاي خەلقىنىڭ ۋەزىيەتتىن خەۋەر تېپىش ھەققى يوقمۇ؟ خىتاينىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشتىن قورقىدىغىنىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟

ئەلۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئېتنىك قىرغىنچىلىق قەستىدە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلىتىدىن، بۇ قەتلىئامىنىڭ جاۋابىنى ئىشغال ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىشىنى بۈگۈنكى ئەلپازىدا كۈتكىنى بولمايدۇ؛ خىتاي دىپلوماتىك كۈچى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە دوست ۋە رەقىب دۆلەتلىرىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ كېلىۋاتقانلىقى بىر دۇنيا رېئاللىقىدۇر. شۇڭا خىتاي 22 ‏-ئاپرېل ۋەقەسىنى 1يىل 9 ئاي يوشۇرغانلىقىدەك، بىر قانۇن دۆلىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان قىلمىشىنى ئۆز ئاخباراتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتسىز بىر پوزىتسىيىدە ئاشكارىلىدى؛ يەنى ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكنى بايان قىلدىيۇ، ۋەقەنىڭ جەريانى، «تېررورچىلار»نىڭ كىملىكى، ئەسكىرىي ئوپېراتسىيە ياكى سوت جەريانى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتكە مەلۇمات بېرىشنى ئوشۇقچە دەپ بىلدى. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىدە ۋەدە بەرگەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، سوت تەرتىپى ئادىل ۋە ئاشكارا بولۇش قاتارلىق خەلقئارا ئۆلچەملەرنى دەپسەندە قىلغانلىقىنىمۇ يوشۇرمىدى. مانا بۇ يەككىپاي تەرەققىياتقا ئىگە بۇلۇپ قالغان بىر كۈچنىڭ، يەنى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىپ، ئادالىتى، دېموكراتىيىسى تەرەققىي قىلمىغان بىر زوراۋان دۆلەتنىڭ كۆرەڭلىكىدۇر.

مېنى ئەجەبلەندۈرگىنى، خىتاي كومپارتىيىسى نۆۋەتتە بەزىدە ئاشكارا بەزىدە يوشۇرۇن بازارغا سېلىۋاتقان مىللەتچىلىك تەلىماتلىرى بويىچە بولغاندىمۇ ئۆز پۇقرالىرىنى، بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىن توغرا ۋە ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك ئىدى. بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈش، شەرقى تۈركىستاندەك تىنچسىز بىر رايوندا مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇشى، تۇيۇقسىز ئېغىر زەربىلەردىن قوغدىنىشى ئۈچۈنمۇ «تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنىڭ تەپسىلاتىدىن ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەر بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەجەبا 22 ‏-نچى ئاپرېل ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىنمۇ يوشۇرۇۋاتقان بىر سىر بارمۇ-قانداق؟ مەسىلەن 2015 ‏-يىلى 56 كۈن كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلىنغان باي كۆمۈركان ھۇجۇمىدا 33 كۆمۈركان ئىشچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. ياكى بۇ ۋەقەدە مۇشۇنداق بىر پاجىئە يۈز بەرگەن بولسا، خىتاي زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىدەك ئاجىزلىقىنى ئۆز خەلقىدىن يوشۇرۇۋاتامدۇ؟
بىزچە بۇ ۋەقە خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلاردىن، خەلقئارا جامائەتتىن ھەم خىتاي خەلقىدىن يوشۇرۇۋاتقان، ھەر ئۈچ تەرەپ بىلسە بولمايدىغان بىر سىر بار. مەن بۇ سىرنى ئېچىشقا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى، ئاندىن خەلقئارا جامائەت ۋە خىتاي خەلقىنى ھەرىكەتكە چاقىرىمەن.
ئىشنىڭ خەتەرلىك  يېرى شۇكى خىتاي قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرغاندىن بۇيان يوشۇرۇلۇپ قالغىنى يالغۇز 22 ‏-نچى ئاپرېل ۋەقەسى ئەمەس. 22 ‏-نچى ئاپرېل ۋەقەسىگە ئوخشاش سىرلىق ۋەقەلەرنىڭ پەردىسى ئېچىلمىسا، بۇ خىل سىرلىق ۋەقەلەرنىڭ زەنجىرى ئۇزىرىسا، بۇنىڭ بەدىلىنى ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى، ئاندىن ئۇيغۇر خەلقى، خىتاي پۇقرالىرى ۋە ھەتتا خەلقئارا جامائەتنىڭمۇ ئۆتەيدىغانلىقى ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك. بىلىش كېرەككى، ئەنە شۇنداق سىرلىق ۋەقەلەردە تۆكۈلگەن قانلار تارىخ بەتلىرىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ غەلىبىسى سۈپىتىدە يېزىلىش بىلەنلا تۈگىمەيدۇ؛ ئۇ بۇ زېمىنغا چېچىلغان ئۆچ-ئاداۋەت ۋە قىساس ئۇرۇقى سۈپىتىدە مەۋجۇدىيىتىنى داۋام قىلىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە خىتاي-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىدە پارتلاش خاراكتېرلىك ئىپادىسىنى تاپىدۇ ۋە تەبىئىي ھالدا دۇنيا تىنچلىقىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

Leave a Comment

*

*