ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
نوپۇزلۇق تور گېزىتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتى كەڭ ئورۇن ئالدى.
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماكس سايبېن بۇكۇس ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار باياناتىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن بارغانسىرى چىكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلۇكغان باياناتىدا مۇنۇلار قەيت قىلىندى:
«خىتاي گەرچە ئىقتىساد ساھەسىدە زور ئىلگىرۇلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش جەھەتتە ئىلگىرىلەشن ئەمەس، ئەكسىچە بارغانسىرى چىكىنىپ كەتمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەدلىيە قانۇن سىستىمىسىدىكى ئېنىقسىزلىق ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بۇلۇپمۇ كىشىلىك ھۇقۇق تەرەپدارلىرىنىڭ داۋاملىق نەزەربەنت قىلىنىشى، مەسىلەن: ئادۋۇكات لى خېپىڭ، ۋاڭ چۈۋەنجاڭ، شېياڭ، شېشۇڭيى قاتارلىقلار… ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ھەق – ھ،قۇقىنى قوغداش ئۈچۈن دائىم ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلار بولىشى لازىم. بىراق ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆزلۈكسىز قولغا ئېلىنىشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن كۈنسىرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇپ ھەق گەپ قىلىش جىنايەت ئەمەس، ئەمما خىتايدا نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر ھېچقانداق سوتلانماستىن 7 ئاي، ھەتتا بىر يىلغىچە قاماپ قويىلىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى كىشىلىك ھۇقۇقنى ھىمايە قىلغۇچۇلار ئىز – دىرەكسىز غايىپ بۇلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە باشقۇرۇش ۋەدىسىگە بولغان گۇمانىمىزنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. باشقا دۆلەتلەردە «تىنىچلىق نوبىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلەر ئالاھىدە ئالقىشلىنىدۇ. ئەمما خىتايدا خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىلھام توختى، لىيۇشاۋبولار يەنىلا تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. بۇلار قويۇپ بېرىلىشى لازىم»
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماكس سايبېن بۇكۇس باياناتىدا يەنە: «مەن ئىككى يىلدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە شۇنى جاكارلايمەنكى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھۇقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر يەتكۈزمەكتە. خىتاينىڭ كىشىلىك ھۇقۇق ئۇقۇمىنى تەنقىد قىلسام، ”بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشتى، ھەتتا مۇرىملىققا زىيان يەتكۈزدى“ دېيشىمۇ مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى مەن خىتاينىڭ ئىناۋىتىنى ساقلىشىنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن» دېدى.

مەنبە:  تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى

Leave a Comment

*

*