بۇ كەسپىي تەربىيەمۇ، بىر مىللەتنى گورۇگە ئېلىشمۇ؟

Thu, 08/23/2018 - 18:05 -- Uyghur1
بۇ كەسپىي تەربىيەمۇ، بىر مىللەتنى گورۇگە ئېلىشمۇ؟ 
 خىتاينىڭ ئەڭىلىيە باشەلچىسى لىۇ شياۋمىڭغا ئوچۇق خەت 
 خىتاينىڭ ئەنگىلىيە باشئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ ئالدىنقى كۈنى مالىيە ۋاقتى گېزىتىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتدىكى 3 پرىنسىپ دېگەن تىمىدا ماقالە ئېلان قىلدى. 
 مەن ئالدى بىلەن باش ئەلچى ليۇ شياۋمىڭنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئېغىز ئاچقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۇرىمەن، چۇنكى  خىتاي دائىرىلىرى خەلقارا سەھنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە گەپ قىلىشتىن  ئوزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقان  ۋە ئۇيغۇرنى ئۇنتۇلدۇرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىدى . ئەپسۇسكى ليۇنىڭ بۇ "جاسارەتلىك" قەدىمى غەرپتە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىمغا خاس يوسۇندا  بېسىلمىغان.ئۇ پىكىر بايان قىلغاندا ھىچقانداق  پاكىت كۆرسەتمىگەن. 
مېنىڭ  بۇ باشئەلچىگە بىر نەچچە سوئال سوراپ باققۇم بار:  
 
سىز شەرقى تۇركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى،"  ئۇ جازا لاگىرى ئەمەس،   كەسپىي تەربىيىلەش مەكتەپلىرى " دەپسىز. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ تورىدا ساقلانغان ۋە كەسپىي تەربىيە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دېيىلگەن  بۇ رەسىمگە قاراپ بېقىڭ. بۇ كىشىلەرنىڭ چىرايىدا بىر ئوقۇچىنىڭ كەيپىياتى بارمۇ، بىر مەھبۇسنىڭمۇ؟ ئۇ قورشاۋ تاملار،  نازارەت قىلىپ تۇرغان  قوراللىق ساقچىلار بۇ ئورۇننىڭ مەكتەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتمدۇ؟ جازا لاگىرى ئىكەنلىكىنىمۇ؟  تەكشى ھالدا ھەممىسى قوللىرىنى تىزلىرىغا قويۇپ ئولتۇرغان بۇ تۇرق بىر كەسپىي تەربىيە ئېلىۋاتقان ئوقۇغىچنىڭ تۇرقىمۇ قانۇن -ئىنتىزام تەربىيەسى ئېلىۋاتقان مەھبۇسنىڭ تۇرقىمۇ؟ بۇ خىتاينىڭ ئۆز ئىچكى ئاخباراتىدىن ئاشكارىلىنىپ قالغانلار. ئەمدى مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىدىن  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى  خەۋىرىدىن بىر پاكىت ) بىر  ئۈزۈندە ( كۆرسىتەي:   خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى: "  غۇلجا ناھيىلىك كەسپىي تەربىيە مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغىچىسى: بېشىمغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ ئېكلىنىدىم "  مۇخبىر مەزكۇر مەكتەپنىڭ بىر   ئوقۇتقۇچىىنىڭ تېلىپونى  ئارقىلىق ئۇ لاگىردىكى بىر ئوقۇغۇچى بىلەن  سوھبەتلىشىدۇ:
"  مۇخبىر: ئىسمىڭىز نىمە؟ 
 مەھبۇس1:  ئەھمەت،
مۇخبىر: قانچە ياش سىز؟
مەھبۇس : 62 ياش 
 مۇخبىر: نىمە ئوگىنىۋاتىسىىلەر؟
مەھبۇس :  دولەت شىئىرىنى يادلاۋاتىمىز  ھەم خەنزۇ تىلى ئوگىنىۋاتىمىز؟
مۇخبىر: مەكتىۋىڭلار قاچان پۇتىدۇ؟
مەھبۇس: ھىچقايسىمىز بىلمەيمىز. 
مۇخبىر: كەچتە ئويگە قايتالامسىز؟
مەھبۇس: ياق، دەرۋازىنىڭ سىرتىغىمۇ چىقالمايمىز؟
مۇخبىر: مەكتىۋىڭلار شەھەرنىڭ ئىچىدىمۇ سىرتىدىمۇ؟
مەھبۇس: بىلمەيمىز، مەكتەپنىڭ تاملىرى ئېگىز، سىرتتنى كۆرەلمەيمىز.
مۇخبىر: مەكتەپكە ئەكىلىڭىچىمۇ قارىۋالمىدىڭلارمۇ؟ 
مەھبۇس: قارىيالمىدىم،  بېشىمدا قارا خالتا بولغاچقا. 
مۇخبىر: قارا خالتىنى كىم كەيدۇردى، نىمە ئۇچۇن ؟
مەھبۇس: ساقچىلار، خاتالىقىم بولغاچقا.
مۇخبىر: خاتالىقىڭىز نىمە؟
مەھبۇس : خاتالىقىم، 7 يىلنىڭ ئالدىدا مەھەللىمىزدىكى بىر تويدا  تەبلىغ ئاڭلىغانلىقىم  .”
 
بۇ سىزگە بىر ھەكايىدەك ئاڭلىنىشى مۇمكىن، بۇ نوۋەتتە شەرقى تۇركىستاندا لاگىرلاردا سولۇنۇپ ياتقان 3 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ پەقەت بىرسىنىڭلا ھىكايىسى.  ئەگەر بۇ پاكىتنىڭ چىنلىقىدىن گۇمان قىلسىڭىز، يۇقارقى  خەۋەرنىڭ 5-7- مىنۇتلىرى ئارىسىنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ كورۇڭ. 
 
    
سىز شەرقى تۇركىستاندا(شىنجاڭدا) مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك پرىنسىپى ئىجرا قىلىۋاتقانلقىنى ئېيتىپسىز، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇستا 48%، خىتايلارنىڭ 37% ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنسىز، نىمە ئۇچۇن، مەزكۇر رايونىدىكىدكى   ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا   خەنزۇ-ئۇيغۇر نىسبىتىنىڭ قانچە % ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمايسىز؟   ئۇيغۇر رايوندا ھاكىمىيە قاتلىمىدا ۋەزىپە ئورۇنلىرىنىڭ 90%ئىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇش ئۇچۇنمۇ؟ مەزكۇر رايونىدىكى غوللۇق سودا-ساناەت  كان-كارخانىلاردا، جۈملىدىن  نېفىت- گاز، پوچتا تېلىگراپ، ئۇچۇر تېخنىكا ساھەلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ   5%نىمۇ ئىگەللىيەلمەيدىغانلىقىدەك بۇ رېئاللىقنى نىمە ئۇچۈن تىلغا ئالمايسىز؟  مانا مۇشۇ ساھەلەردىن ھالقىپ تۇرۇپ  مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي باراۋەرلىكىدىن ئېغىز ئېچىش مۈمكىنمۇ؟ 
 
" شىنجاڭدا 24400 مەسچىت بار، دۇنيانىڭ ھەرقاناق يېرىدىن كوپ دەپسىز، "  مەن بۇ ساننىڭ توغرا -خاتالىقىنى ئېنىقلاپ باقمىدىم،  ئېنىقلاشنىمۇ زورۇر ھېس قىلمىدىم، چۈنكى  شۇ دەرىجىدە كۆپ مەسچىت بار بولسا ،  بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1000 يىللىق ئىسلام مەدەيىتىنىڭ مىراسلىرى،بۇ 68 يىللىق خىتاي ئىشغالىيەت ھاكىمىيىتى داۋامىدا ئۇرۇپ چېقىش ۋە بۇزۇۋېتىشتىن ئامان قالغىنى، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ماختىنىدىغان بىر يېرى يوق؛ ئەڭ مۇھىمۇ مانا مۇشۇ مەسچىتلەردە ئىبادەت قىلغان ئېتىقادچى ئاممىدىن 3 مىليونغا يېقىن كىشىنى ، بۈگۈن ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ   دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىپلەپ لاگىرغا سولىۋالغانلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن نىمە ئۈچۈن قورقىسىز. مانا پاكىت:   http://www.iuhrdf.org/content/china%E2%80%99s-21st-century-internment-ca...
 
 
ماقالىڭىزنىڭ ئاخىرىدا تېرورلۇق ۋە رادىكاللىقنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۇشمىنى ئىكەنلىكىنى  ئېيتىپسىز، توغرا، ھىچكىمنىڭ گۇمانى يوق، ئەمما، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ھەرگىز، دىنكتاتورلارنىڭ چارىسىز خەلقلەرنى باستۇرۇش، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بېسىۋېلىنغان خەلقلەرنى قىرىپ يوق قىلىشىغا باھانە قىلىنماسلىقمۇ بۇگۇنكى زامانىي دۇنيانىڭ ئورتاق ئولچىمى . 
 
 سىز، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر ۋەكىلى يەنى 1989 _يىلى ئوز ئەۋلادلىرىنى تانكا بىلەن باستۇرۇش ئارقىلىق ئوز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالغان قارا گۇرۇھنىڭ ئەزاسى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن ، بۇ ئولچەمنى قوبۇل قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما دۇنيادا دولەت تېرورىنىڭ ، ھەرقانداق تەشكىلات تېرورىدىن ۋەھشى ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى، دۇنيا جامائىتى دولىتىڭىزنىڭ شەرقى تۇركىستاندا بۈگۈن 3 مىليون ئىنساننى لاگىرغا سولىۋېلىشى يەنى گۆرۈگە ئېلىۋىلىشى  ۋە ئارقىدىن  سىزگە ئوخشاش دۇنياغا ھىچ ئىش بولمىغانداك يالغان بايانات بېرىشلىرىدىن چوقۇم پات-يېقىندا تونۇپ يېتىدۇ دەپ قارايمەن.